كان يېزىسىدىكى دېھقانلار يېزىدىكى پارىخورلۇقنى مەتبۇئاتلارغا ئاشكارىلاپ ئادالەت تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
2012.06.28

رادىئومىز چاپچال ناھىيىسى كان يېزىسىدىكى تەبىئىي توقايلىقنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى ھەققىدىكى ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى بىلىش ئۈچۈن، كان يېزىسىدىكى دېھقانلار ھەم يېزا كادىرلىرىغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا، دېھقانلار يېزا كادىرلىرىنىڭ پارىخورلۇق قىلمىشلىرىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئىنكاس قىلدى. يېزا كادىرلىرى بولسا مەسىلىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلدى.
كان يېزىسىدىكى دېھقانلارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، كان يېزىسىدىكى يېزا كادىرلىرىنىڭ پارىخورلۇق قىلمىشى چاپچال ناھىيىسىدە ئۇلار بىلىدىغان باشقا يېزىلاردىن ئېغىر بولۇپ، بۇ ئەھۋال ئۇزۇندىن بۇيان دېھقانلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ كەلگەن.
كان يېزىسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر دېھقان بىرنەچچە يىلدىن بۇيان يېزىدا يۈز بېرىۋاتقان دېھقانلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان بىرنەچچە قېتىملىق پارىخورلۇق قىلمىشىنى ئەمىلى مىساللار ئارقىلىق بايان قىلدى.
بۇ دېھقاننىڭ بايانى ھەم يېزىدىكى باشقا دېھقانلاردىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، كان يېزىسىدا 2010-يىلدىن بۇيان يۈز بەرگەن پارىخورلۇق قىلمىشلىرىدىن، دېھقانلاردىن مەخپىي سېتىۋېتىلگەن توقايلىقتىن كىرگەن خەلق پۇلىنىڭ سانى مەخپىي تۇتۇلۇشى، 2010-يىلى ھەم 2011-يىلى دۆلەتنىڭ دېھقانلارنىڭ شال ۋە بۇغداي تېرىش ئۈچۈن بەرگەن ياردەم پۇلىنىڭ دېھقانلارغا بېرىلمەسلىكى، 2010-يىلى نامرات ئائىلىلەرگە بېرىلگەن 1200 توننا كۆمۈردىن 20 توننىسىنىڭلا بۇ ئىشتىن خەۋەردار بولغان بىرنەچچە دېھقانغا تەقسىم قىلىنىپ، قالغىنىنىڭ سېتىۋېتىلىشى، 2011-يىلى دۆلەتنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئاجراتقان نامرات ئائىلىلەرگە 24 مىڭ يۈەندىن، ئادەتتىكى ئائىلىلەرگە 14 مىڭ يۈەندىن بەرگەن ياردەم پۇلىدىن كان يېزىسىدا نامراتلارغا 9000 يۈەندىن، ئادەتتىكى ئائىلىلەرگە 7000 يۈەندىن تارقىتىلىپ، قالغان پۇلنىڭ يېزىلىق ھۆكۈمەتتىكى كادىرلار ئارىسىدا غايىب بولۇشى، 2011-يىلى يىل ئاخىرىدا يۈز بەرگەن 183 مىڭ يۈەن پۇلنىڭ يېزىدىكى 20 دېھقاننىڭ بانكا ھېساب نومۇرىغا ئۇرۇۋېتىلىپ، بىر كۈن ئۆتكەندىن كېيىن دېھقانلاردىن قايتۇرۇۋېلىش ۋەقەسى، يېزىدا دوختۇرخانا قۇرۇلۇشى ھەم يول ياساش نامىدا سېتىۋېتىلگەن نەچچە يۈز مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى ياغاچ ماتېرىياللىرى قاتارلىق مەسىلىلەرنى كان يېزىسىدىكى دېھقانلار يېزا كادىرلىرىدىن سۈرۈشتۈرگەن. دېھقانلار يەنە بۇ ئىشلاردا جاۋابكارلىقى بار دەپ قارالغان ۋاڭ شىلۇڭ، دېڭ يىچاڭ، پولات، ئېزىز ئەخمەت، ئەكرەم قاتارلىق يېزا كادىرلىرىنى ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ھەم ئوبلاستقا ئەرز قىلغان.
رادىئومىز كان يېزىسى دېھقانلىرىنىڭ يېزا كادىرلىرىنىڭ پارىخورلۇق قىلمىشى ھەققىدىكى ئەرزىگە نىسبەتەن يېزىلىق ھۆكۈمەتتىكى كادىرلارنىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، يېزا باشلىقى يېزىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى جېڭ خوڭ يىڭ، سادىقجان قاتارلىقلارغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا، تېلېفونىمىزنى ئالغان ھەر ئىككى كادىر مۇخبىرنىڭ يېزىغا بېرىپ ئەمىلى ئەھۋالنى تەكشۈرۈشىنى ئېيتىپ، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلدى.
دېھقانلاردىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، دېھقانلارنىڭ ئەرزى سەۋەبلىك يېزىدىكى پارىخورلۇق قىلمىشىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن يېزىغا ئەۋەتىلگەن ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى بىر قىسىم ئەھۋاللارنى ئېنىقلىغان. ئەمما ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ھەم ئوبلاستلىق ھۆكۈمەتنىڭ پارىخورلۇق قىلمىشلىرى تولۇق ئىسپاتى بىلەن ئېنىقلانغان بۇ كادىرلارغا ھېچقانداق چارە كۆرۈلمەسلىكى دېھقانلارنىڭ نارازىلىقىنى كۈچەيتىپ، دېھقانلاردا يەرلىك دائىرىلەرنىڭ دېھقانلارنىڭ ئەرزىنى قوبۇل قىلىپ، مەسىلىنى ئادىل بىر تەرەپ قىلىشىغا بولغان ئۈمىدىنىڭ ئۈزۈلۈشىگە سەۋەب بولغان.
يېزىدىكى دېھقانلارغا ۋەكىل بولۇپ، ئەرز ئۈچۈن بېيجىڭغا بارغان دىلمۇرات مۇسلىن 3 ئايدىن بۇيان مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ دېھقانلارنىڭ ئەرزىنى قوبۇل قىلماسلىقى، يېزىلىق ھۆكۈمەت قاتارلىق يەرلىك دائىرىلەرنىڭ بېيجىڭغا ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇنى زورلۇق ۋاسىتىسى بىلەن قايتۇرۇپ كېتىشكە ئۇرۇنۇشى قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ، ئۆزىنى دېھقانلارنىڭ ئەرزىنى مەتبۇئات ئورۇنلىرىغا ئاشكارىلىۋېتىش ئارقىلىق، يېزىدىكى دېھقان قېرىنداشلىرىنىڭ دەردىنى ئاڭلىتىشقا مەجبۇر قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ دەردىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مەسىلىنى ئادىل بىر تەرەپ قىلىشىغا يەنىلا ئۈمىدى بارلىقىنى تەكىتلىدى.
كان يېزىسىدىكى ناھەقچىلىكلەر ئۈستىدىن شىكايەت قىلغان بۇ دېھقانلار يەنىلا ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ دېھقانلارنىڭ دەردىگە قۇلاق سېلىپ، مەسىلىنى ئادىل بىر تەرەپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىمەكتە ئىدى.