خىتاي كانادانىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە دېموكراتىك تۈزۈمىگە تەھدىت يەتكۈزمەكتە

مۇتەخەسسىسلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كاناداغا سىڭىپ كىرىشنى جىددىيلەشتۈرۈپ، كانادانىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە دېموكراتىك تۈزۈمىگە تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرلىرىدا، كانادا پارلامېنتىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كاناداغا سىڭىپ كىرىشى ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا سۆز قىلغان مۇتەخەسسىسلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كاناداغا سىڭىپ كىرىشنى جىددىيلەشتۈرۈپ، كانادانىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە دېموكراتىك تۈزۈمىگە تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى، شۇنداقلا كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل تەھدىتكە قارىتا مۇۋاپىق تەدبىرلەرنى قوللۇنۇشىنى ئۈندىدى.

مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆز قىلغان، كانادا جاسۇسلۇققا قارشى ئىدارىسى ئاسىيا مەھكىمىسىنىڭ سابىق باشلىقى مىچېل كاتسۇيا، كانادا پۇقرالىرىدىن سىياسەتچىلەرگە ئاۋاز بەرگەندە، ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە ۋىجدانى بويىچە ئىش كۆرۈپ، چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان سىياسەتچىلەرگە ئاۋاز بەرمەسلىكنى، ئۇنداق بولمىغاندا، چەتئەل كۈچلىرىنىڭ كانادا سىياسىتىگە قول تىقىشىغا تېخىمۇ پايدىلىق شارائىت يارىتىلىدىغانلىقى ۋە كانادا ئاز سانلىقلار جەمئىيەتلىرى ئىچىدىكى سىياسى پائالىيەتچىلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ تېخىمۇ ئېغىر ئەھۋالفا قالىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ:

"نۆۋەتتە كانادادىكى ئاز سانلىقلار جەمئىيەتلىرى چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچراۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭغا سەل قارالماقتا. ئالايلۇق، ئەسلىدە خىتايدىن كەلگەن ئۆكتىچىلەر خىتاي دائىرىلىرى تەھدىتىنىڭ ئاساسلىق نىشانى بولماقتا. ئەمما، بەزى كانادالىق سىياسەتچىلەر ۋە ئەمەلدارلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نەزىرىدە دۈشمەن دەپ قارالغان بۇ ئۆكتىچىلەرنى قوغداش ئۇياقتا تۇرسۇن، بۇ ئاز سانلىقلار جەمىيەتلىرىگە مەنسۇپ كىشىلەرگە ياخشىچاق بولۇش ۋە ئۇلارنىڭ ئاۋازىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، ئۇلار ئەسلىدە مەنسۇپ بولغان مۇستەبىت ھۆكۈمەتلەرنىڭ تەلەپلىرىنى ئورۇنلىماقتا ۋە ئۇلارغا ياردەم بەرمەكتە" دەپ كۆرسەتتى.

بۇنىڭدىن بىرقانچە ئاي ئىلگىرى، كانادا جاسۇسلۇققا قارشى ئورگىنىنىڭ ئەمەلدارى رىچارد فاددېن چەتئەل كۈچلىرىنىڭ، بولۇپمۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كانادادىكى خىتايلارغا تەۋە تەشكىلات-جەمئىيەتلەرگە ۋە كانادا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىغا سىڭىپ كىرىشىنى جىددىيلەشتۈرۈۋاتقانلىقى، شۇنداقلا كانادادىكى خىتاي مىللىتىدىن بولغان سىياسەتچىلەر ۋە ئەمەلدارلارنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تەسىرىنى يەنى ئۇلارنىڭ بۇيرۇتمىلىرىنى قوبۇل قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلغانىدى. لېكىن كانادادىكى خىتايغا مايىل سىياسەت يۈرگۈزىدىغان لىبېرال پارتىيىسى بىلەن يېڭى دېموكراتلار پارتىيىسىدىن ئىبارەت ئۆكتىچى پارتىيىلەر، بۇ پارتىيىلەرگە تەئەللۇق بەزى پارلامېنت ئەزالىرى ۋە شۇنداقلا كانادادىكى خىتاي جەمئىيەتلىرى ئارقا-ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلىپ، رىچارد فاددېننىڭ بۇ دوكلاتىنى ئەيىبلىگەن، ئۇنىڭ ئىستىپا بېرىشىنى ۋە كانادادىكى خىتايلاردىن كەچۈرۈم سورىشىنى تەلەپ قىلغانىدى.

جاسۇسلۇققا قارشى ساھەدە،30 نەچچە يىللىق خىزمەت تەجرىبىسىگە ئىگە بولغان، مىچېل كاتسۇيا مۇھاكىمە يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، رىچارد فاددېننىڭ بۇ خىل تەھدىتتىن قوغدىنىش ھەققىدە كانادا جامائىتىنى ئاگاھلاندۇرغانلىقى شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۆز خىزمىتىنى مەسۇلىيەتچانلىق بىلەن ئادا قىلغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ:

"كانادا خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى رىچارد فاددېننىڭ ۋەزىپىسى كانادا دۆلىتىنى خەتەرلىك ئەھۋاللاردىن قوغداش، يەنى تەھدىت، قورقۇتۇش ۋە تېررورلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش. ئەمما بۇ ياللانما سىياسەتچىلەر پۈتۈن نەپرىتىنى چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ كانادا دېموكراتىيىسىنى بۇزۇشىغا مەركەزلەشتۈرمەستىن، ئەكسىنچە رىچارد فاددېنغا قاراتماقتا. بۇ يەردە سايلام بىلەن كەلگەن بۇ سىياسەتچىلەرنىڭ كاناداغا بولغان ساداقىتىگە سوئال قويۇلىشى كېرەك. ئەگەر كانادا چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بۇ خىل سىڭىپ كىرىش تەھدىتلەرگە سەل قارىسا، ۋاقتىدا زۆرۈر تەدبىرلەرنى ئالمىسا، كېيىن تېخىمۇ ئېغىر بەدەل تۆلەشكە مەجبۇر بولىدۇ، شۇنداقلا چەتئەلنىڭ كانادادىكى جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى تېخىمۇ پايدىلىق مۇھىتقا ئېرىشىدۇ" دېدى.

ئۇ سۆزىدە بۇ خىل بوينى باغلانغان سىياسەتچىلەرنى "سىياسى پاھىشە"، دەپ ئاتىدى.
كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى مىچائېل كرائىگ كانادادا ياشاۋاتقان دېموكراتىك خىتايلار، ئۇيغۇرلار، تىبەتلىكلەر ۋە فالۇن تەرىقىتىدىكىلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىم، تەھدىت ۋە زىيانكەشلىكلىرىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ:

"بىزنىڭ تەنقىدىمىزنىڭ ئوبيېكتى خىتاي خەلقى ئەمەس، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتى، يەنى ئۇلارنىڭ زادىلا تۈزەلمەيدىغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە قارىتىلغان. قانداقتۇ كانادا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودىنى بۇزۇش ئەمەس. بۇ يىغىننىڭ ئاساسلىق مەقسىتىمۇ كانادالىقلارنىڭ بۇ خىل تەھدىتكە قارىتا دىققەت-ئېتىۋارىنى قوزفاشتىن ئىبارەت. كۆپ ئەپسۇسكى، كانادا ھازىرغىچە بۇ ھۇشيارلىقنى كۆرسەتكىنى يوق"، دېدى.

مۇھاكىمە يىغىنىدا، خىتاي مەسىلىلىرى بويىچە مۇتەخەسسىس ۋە ئاتاقلىق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى كلىۋﯤ ئانسلېي:

"بىز خىتاي كوممۇنىستلىرى ۋە ئۇلارنىڭ دېپىنى چالىدىغانلارنىڭ كانادادىكى پائالىيەتلىرىگە يول قويماسلىقىمىز، شۇنداقلا ئاتالمىش پۈتۈن خىتاي جەمئىيەتلىرىنىڭ مەنپەئەتى" گە ۋەكىل بولۇپ سۆز قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان ئاشۇ كىشىلەردىن ھۇشيار بولۇشىمىز كېرەك. كانادا ھۆكۈمىتى قايسى سىياسەتچىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاھىدە ئىمتىيازىغا ئېرىشكەنلىكى، يەنە قايسى ئەمەلدارلارنىڭ ئۇلارنىڭ بىكارلىق ساياھەت تەكلىپلىرىنى قوبۇل قىلغانلىقى ۋە بۇنىڭ قارشىلىقىدا ئۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانداق تەلەپلىرىنى ئورۇندىغانلىقىنى جىددى تەكشۈرۈپ، نەتىجىسىنى خەلققە ئاشكارا قىلىشى كېرەك،" دېدى.

بۇ يىغىن ئېچىلىشنىڭ ئالدىدا، خىتاينىڭ كانادادىكى ئەلچىخانىسى بىلەن بەزى خىتاي جەمئىيەتلىرى بۇنداق بىر يىغىننى كانادا پارلامېنتىدا ئېچىشنىڭ كانادا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ۋە باشقا مۇناسىۋەتلەرگە يامان تەسىر بېرىدىفانلىقىنى ئەسكەرتىپ، كانادا پارلامېنتىدىن بۇ يىغىننى توختىتىش ۋە ئۇنىڭغا ساھىبخانلىق قىلماسلىقنى تەلەپ قىلغانىدى.