يېقىندا ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇش بىلەن فرانسىيە پرېزىدېنتى نىكولاس ساركوزىي بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، كىشىلەر ستېپھېن ھارپېرنىڭمۇ خىتاينىڭ ئىقتىسادى بېسىملىرىغا باش ئېگىپ، ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشى مۇمكىنچىلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
خىتايغا بېرىلگەن ئاگاھلاندۇرۇش
كانادا باش مىنىستىرى ستېپھېن ھارپېر ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش مەسىلىسىدە ھەر تەرەپتىن بېسىمغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ،ئالدىنقى ھەپتىدە ئۆزىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش پىلانىنىڭ يوقلۇقىنى قايتا ئەسكەرتتى. ئۇ : "مېنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش پىلانىم يوق. مەن خىتاي ھۆكۈمىتىنى بىزنىڭ بۇ سىگناللىرىمىزغا جىددىي مۇئامىلە قىلىشقا دەۋەت قىلىمەن.ئولىمپىكنىڭ ھارپىسىدا خىتاينىڭ كىشىلىك ۋەزىيىتى بارغانسېرى كىشىنى ئەندىشىگە سالماقتا،" دېدى.
ستېپھېن ھارپېرنىڭ بۇ قارارى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. ئەمما كانادادىكى ئۆكتىچى پارتىيە بولغان لىبېرال پارتىيىسى، ستېپھېن ھارپېرنىڭ بۇ قارارىنىڭ كانادا خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.لىبېرال پارتىيىسى كانادادىكى خىتايغا مايىل سىياسەت يۈرگۈزۈپ كەلگەن سىياسىي پارتىيە.لىبېرال پارتىيىسىنىڭ باياناتچىسى،پارلامېنت ئەزاسى بوب رائې ستېپھېن ھارپېرنىڭ قارارىنىڭ نازۇك بىر مەزگىلدە تۇرۇۋاتقان كانادا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە سەلبىي ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: "ستېپھېن ھارپېرنىڭ خىتايغا تۇتقان پوزىتسىيىسى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىدىكى پىسخىكىنى ئەسلىتىدۇ. بۇ قارار كانادا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن، ئەكسىچە كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاشقىمۇ ھېچقانداق ياردىمى بولمايدۇ. ھەتتا بۇ ھەرىكەت كاناداغا بەدەل تۆلىتىدۇ،" دېدى. ئۇ سۆزىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ، كاناداغا قارىتا ئىقتىسادى كوزۇرنى ئىشقا سېلىشى مۇمكىنچىلىكىنى ئەسكەرتتى.
دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى كۆپ قىرلىق بولىدۇ
كانادا سودا مىنىستىرى مىچائېل فورتىئېر لىبېرال پارتىيىنىڭ بۇ قاراشلىرىنى رەت قىلدى ۋە ستېپھېن ھارپېرنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشماسلىقى بىلەن كانادا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە زىيان يەتمەيدىغانلىقىنى،دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ مۇرەككەپ بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: "ئەگەر باش مىنىستىر ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشمىسا، كانادا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە زىيان يېتىدۇ،دەپ قارالسا، بۇ بالىلارچە قاراشتىن باشقا نەرسە ئەمەس،" دېدى.
ستېپھېن ھارپېر خىتاينىڭ ناچار كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ئاشكارا تەنقىدلەش پوزىتسىيىسىنى قوللىنىپ كەلگەن بولۇپ، ئىلگىرى ئۇ خىتاي بىلەن بولغان سودا ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇقنى قۇربان قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. ئۇنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە تۇتقان قاتتىق مەيدانى كانادا - خىتاي سودا مۇناسىۋەتلىرىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن،دەپ قارالغان بولسىمۇ، يېقىندا ئېلان قىلىنغان،كانادا سودا ساھەسىدىكى بىر دوكلاتتا،كانادا - خىتاي مۇناسىۋىتىدە كوپ تەكىتلەنگەن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودىنىڭ ئېشىشىغا تەسىر كۆرسەتمىگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. كانادا سودا مىنىستىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كانادانىڭ خىتايغا قىلغان بۇ يىلقى ئېكسپورتى %29 ئاشقان. كانادا - خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا، كاناداغا پايدىسىز قىزىل رەقەمدىن سودا تەڭپۇڭلۇقىغا قاراپ يۈزلەنگەن.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھەرىكىتى بىر - بىرىگە زىت
خىتاي مەتبۇئاتلىرى، ستېپھېن ھارپېرنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشماسلىق قارارىغا نىسبەتەن ئەيىبلەش پوزىتسىيىسى تۇتتى. خىتاينىڭ ھۆكۈمەت مەتبۇئاتىدا ئېلان قىلىنغان، ستېپھېن ھارپېر قاتتىق تەنقىد قىلىنغان بىر ماقالىدە، " ھارپېر خاتا يولدا داۋام قىلىۋاتىدۇ. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن مۇناسىۋەتنى ئوڭشايدىغان ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويدى. ئۇ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ئاڭ بىلەن خىتاي دۆلىتىگە مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ" دەپ يېزىلغان بولسا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى، ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا، دۆلەت باشلىقلىرىنى ئەمەس، پەقەت ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئولىمپىك كومىتېتلىرىنى تەكلىپ قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئەمما كانادانىڭ ك ت ۋ تېلېۋىزىيىسى، ئولىمپىكنىڭ ۋاقتى يېقىنلاپ قالغان بولسىمۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مۇسابىقىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا،غەرب دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ قاتنىشىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ھەرىكىتىنى داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، كانادا - خىتاي رەھبەرلىرى ياپونىيىدە ئايرىم كۆرۈشكەندە، خۇ جىنتاۋنىڭ ستېپھېن ھارپېرغا كانادانىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى گوردون بروۋن بىلەن گېرمانىيىنىڭ باش مىنىستىرى مېركېل خانىم بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. كانادا مەتبۇئاتلىرى، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ رەئىسى ھانس گەرت پوتتەرىڭ ئەپەندىنىڭمۇ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.