كانادا G 8 ۋە G 20 يىغىنلىرى ئۈچۈن ھازىرلانماقتا، ئەمما خىتاي ھازىرمۇ؟

ئىنگلىزچە قىسقارتىلغان ئىسمى G 8 ۋە G 20 دەپ ئاتىلىدىغان، دۇنيادىكى سانائەتلەشكەن 8 دۆلەت ۋە سانائەتلەشكەن 20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلمەكچى. كانادانىڭ بۇ خەلقئارالىق ئىككى چوڭ يىغىنغا ساھىبخان بولۇش سۈپىتى بىلەن نۆۋەتتە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا.

0:00 / 0:00

كانادا مەتبۇئاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كانادا بۇ قېتىمقى 2 خەلقئارالىق يىغىننىڭ بىخەتەرلىك خىزمىتى ئۈچۈن 1 مىليارد دوللار ئاجراتقان بولۇپ، كانادادىكى ئۆكتىچى پارتىيىلەر بۇ رەقەمنىڭ ھەددىدىن زىيادە بولۇپ كەتكەنلىكىنى، كانادادا 17 كۈن داۋاملاشقان قىشلىق ئولىمپىك يىغىنىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈنمۇ بۇنچىلىك مىقداردا مەبلەغ ئاجرىتىلمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا.

ستاتىستىكىلارغا ئاساسلانغاندا، 2008 - يىلى ياپونىيە G8 نى ئۆتكۈزگەندە 381 مىليون دوللار، 2005 - يىلى شوتلاندىيىدە ئۆتكۈزۈلگەندە 110 مىليون دوللار، 2009 - يىلى ئاپرېلدا G 20 لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەندە 30 مىليون دوللار، شۇ يىلى سېنتەبىردە پىتىربورگدا ئۆتكۈزۈلگەندە 18 مىليون دوللار بىخەتەرلىك ئۈچۈن ئاجرىتىلغان ئىكەن.

دۇنيادىكى سانائەتلەشكەن 8 دۆلەت ۋە 20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىدا، دۇنيانىڭ ئىقتىسادى مەسىلىلىرى،مۇھىت بۇلغىنىشى، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق دۇنيا كۈن تەرتىپىدىكى قىززىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى دۇنيادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر قانداق قىلغاندا ھەمكارلىشىپ ھەل قىلالايدىغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىپ كەلمەكتە.

بۇ قېتىم تورونتودا ئۆتكۈزۈلىدىغان سانائەتلەشكەن 8 دۆلەت ۋە 20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىدا يېڭىدىن قوشۇلىدىغان كۈنتەرتىپلەردىن خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئەركىن قويۇۋېتىش مەسىلىسى، خەلقئارا بانكىلارنىڭ باج تاپشۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىش مەسىلىسى ۋە كانادانىڭ باش لىدىرلىكىدە دۇنيادا يولغا قويماقچى بولۇۋاتقان ھامىلدار ئاياللار ۋە بالىلارغا ساغلاملىق ياردەم پۇلى تارقىتىش مەسىلىسى قاتارلىقلار بار ئىكەن. كانادانىڭ باشلامچىلىقىدا دۇنيا مىقياسىدىكى نامرات رايونلاردا ياشاۋاتقان ئاياللار ۋە بالىلارغا ساغلاملىق پۇلى تارقىتىش مەسىلىسى نۆۋەتتە كانادادا كۆپ تالاش ‏- تارتىش قىلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، كانادادىكى خەلقئارالىق ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداش تەشكىلاتلىرى ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىللارىي كلىنتون خانىم، بۇ ياردەمنىڭ كانادانىڭ ئائىلىۋى پىلانى ئىچىگە كىرگۈزۈلۈپ،قانداق سەۋەب بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بالا چۈشۈرۈش ئوپىراتسىيىسىگە قاتناشقان ئاياللارغىمۇ تارقىتىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە كاناداغا تەكلىپ بېرىپ كەلمەكتە.

كانادا باش مىنىستىرى ستېۋىن خارپېر كانادا مەتبۇئاتلىرىغا بەرگەن باياناتىدا، دۇنيادىكى نامرات رايونلاردا ياشاۋاتقان ھامىلدار ئايال ۋە بالىلارغا ساغلاملىق ياردەم پۇلى تارقىتىش مەسىلىسىنى بۇ قېتىم تورونتودا ئېچىلىدىغان سانائەتلەشكەن 8 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئەمما، كانادانىڭ سابىق باش مىنىستىرى پائۇل مارتىن تۈنۈگۈن ك ب ك تېلېۋىزىيىسى دۆلەت ۋە سىياسەت پروگراممىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ پىلان سانائەتلەشكەن 8 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىدا ئەمەس، بەلكى سانائەتلەشكەن 20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىدا مۇزاكىرىگە قويۇلسا توغرا بولىدىغانلىقىنى، چۈنكى ھامىلدار ئاياللار ۋە بالىلار مەسىلىلىرى ئەڭ ئېغىر بولغان خىتاي بىلەن ھىندىستاننىڭ سانائەتلەشكەن 8 دۆلەت ئىچىدە يوق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇنداقتا، خىتاي دۇنيادىكى سانائەتلەشكەن 20 دۆلەتنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ يىغىندا ھەل قىلىنىشى كېرەك بولغان دۇنيانىڭ ئوبيېكتىپ مەسىلىلىرىگە ھازىرمۇ؟

كانادادا چىقىدىغان يەر شارى پوچتىسى گېزىتىنىڭ نەقىل كەلتۈرۈشىچە،كانادادىكى كۆزەتكۈچىلەر بېيجىڭنىڭ خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئەركىن قويۇۋېتىش، مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، خەلقئارا بانكىلارنىڭ باج سىستېمىسى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش قاتارلىق جەھەتلەردە سانائەتلەشكەن 20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ مۇزاكىرىسىگە تېخىچە ھازىر ئەمەسلىكىنى بىلدۈرمەكتە ئىكەن.

جۈمە كۈنى جەنۇبىي كورىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن سانائەتلەشكەن 20 دۆلەت مالىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتناشقان كانادا مالىيە مىنىستىرى جىم فلاھېرتى مۇخبىرلارغا، بېيجىڭنىڭ ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان خەلقئارا بانكىلاردا باج تۈزۈمى بەرپا قىلىش پىلانىغا ئىزچىل قارشى تۇرۇپ كېلىۋاتقان مەيدانىدىن كەينىگە چېكىنىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. جىم فلاھېرتى بۇ قېتىمقى سەپىرىدە بېيجىڭ ۋە شاڭخەيلەردە توختاپ خىتاي مالىيە مىنىستىرى ۋە خىتاي بانكىسىنىڭ باشلىقى بىلەن كۆرۈشكەن.

بۇ يىل 20 - ئاپرېل كۈنى سانائەتلەشكەن 20 دۆلەت مالىيە مىنىستىرلىرى ۋاشىنگتونغا يىغىلىپ خەلقئارا بانكىلاردا باج سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى مۇزاكىرە قىلغاندا خىتاي بىلەن جەنۇبىي كورىيىنىڭ بۇ پىلانغا قارشى تۇرغانلىقى مەلۇم.

خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئەركىن قويۇۋېتىش مەسىلىسىدىمۇ خىتايدا تېخىچە ئىجابىي بىر قەدەم بېسىلمىغانلىقى مەلۇم بولماقتا. بۇ ھەقتە مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان جىم فلاھېرتى كانادانىڭ خىتاي پۇلىنىڭ دۇنيادىكى ۋە ئاسىيادىكى ئەركىن قىممىتى مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى، ۋە خىتاي تەرەپ بىلەن ھەر قېتىم كۆرۈشكەندە بۇ مەسىلىنى تەكىتلەۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، G8 ۋە G 20 باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىمۇ كەڭ كۆلەملىك بىر نامايىش تەشكىللەشنى پىلانلاۋاتقان ئىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.