يېقىندا ھىندىستاندا 4 كۈنلۈك زىيارەتتە بولغان كانادا خەلقئارا سودا مىنىستىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئالدىمىزدىكى يىللاردا 25 تىن 30 غىچە يادرو رېئاكتىپ ئەسلىھەسى قۇرۇشنى پىلانلىغان ھىندىستان، كانادانىڭ يادرو تېخنىكىسىغا ۋە كانادا ئىشلەپچىقارغان يادرو ماتېرىياللىرىغا ئالاھىدە قىزىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
كانادا يەنە، يادرو تېخنىكىسى ۋە يادرو ماتېرىياللىرىنى سېتىپ بېرىش ھەققىدە ھىندىستان بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە، چۈشەنچە ھاسىل قىلىش كېلىشىمى ئىمزالىغان.
مۇتەخەسسىسلەر ھىندىستاننىڭ بۇ يادرو تېخنىكىلارنى ھەربىي مەقسەتلەر ئۈچۈن ئىشلىتىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا. چۈنكى ھىندىستان يادرو قوراللىرىغا ئىگە بولسىمۇ، لېكىن يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتمەسلىك خەلقئارالىق ئەھدىنامىگە قول قويۇشنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلمەكتە.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز كامىل تۇرسۇننىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
