كانادا ھۆكۈمىتى ليۇ شاۋبونىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلمەكتە

10-دېكابىر كۈنى كانادا باش مىنىستىرى بايانات ئېلان قىلىپ، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن خىتاي تۈرمىسىدىكى ليۇ شاۋبونى تەبرىكلىدى. ستېپھېن ھارپېرنىڭ يازما باياناتىدا: مەن بۈگۈن نوبېل مۇكاپاتىدىن ئىبارەت بۇ شەرەپكە ئېرىشكەن بارلىق زاتلارنى تەبرىكلەيمەن؛ بولۇپمۇ، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى خىتاي تۈرمىسىدىكى ليۇ شاۋبونى ئالاھىدە تەبرىكلەيمەن. ليۇ شاۋبو ئەپەندىنىڭ قاراشلىرى كانادانىڭ تىنچلىق، دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق، قانۇننىڭ ئۈستۈنلۈكى ۋە سۆز ئەركىنلىكى قاتارلىق قىممەت قاراشلىرى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە، دېيىلىدۇ.
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز كامىل
2010.12.15
Stephen-Harper-canadapm-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﻛﺎﻧﺎﺩﺍ ﺑﺎﺵ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﺳﺘﯧﻔﯧﻦ ﺧﺎﺭﭘﯧﺮ ﺳﯚﺯﺩﻩ.
AFP Photo

ستېپھېن ھارپېر باياناتىدا يەنە، كانادانىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە قارىتا سۈكۈت قىلىپ ئولتۇرمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: كانادا خىتاي بىلەن كۈچلۈك مۇناسىۋەت ئورنىتىش بىلەن بىرگە، ئۇ يەردىكى ئىپتىدائىي كىشىلىك ھوقۇق تەلەپلىرىنىڭ رەت قىلىنىشىغا ۋە سۆز ئەركىنلىكىنىڭ بوغۇلۇشىغا داۋاملىق ئەھمىيەت بېرىدۇ، دېيىلگەن.

بۇ كانادا باش مىنىستىرىنىڭ ليۇ شاۋبو ھەققىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق باياناتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، يەنى ئۆكتەبىرنىڭ باشلىرىدا، ليۇ شاۋبوغا نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى بېرىلگەنلىك خەۋىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، باش مىنىستىرى ستېپھېن ھارپېر بۇ مۇكاپاتىنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىكى سىياسىي ئۆكتىچى ليۇ شاۋبوغا بېرىلگەنلىكىدىن سۆيۈنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن، ليۇ شاۋبونى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانىدى.

كانادادىكى ئۆكتىچى پارتىيە بولغان لىبېرال پارتىيىسىمۇ بايانات ئېلان قىلىپ،خىتاي ھۆكۈمىتىدىن نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تۈرمىدىكى زات ليۇ شاۋبونى قويۇپ بېرىشنى ۋە خىتايدىكى خەلقلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەلەپلىرىگە ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى. لىبېرال پارتىيىسى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئەڭ يېقىن مۇناسىۋەت قىلىدىغان كانادادىكى پارتىيىلەرنىڭ بىرى. كانادانىڭ سابىق ئەدلىيە مىنىستىرى ۋە نۆۋەتتىكى پارلامېنت ئەزاسى ئىرۋىن كوتلېر نامىدىن ئېلان قىلىنغان بۇ باياناتتا، خىتاي دائىرىلىرىدىن تارىختىكى خاتالار سېپىدىن يەر ئالماي، ئادالەت-ھەققانىيەت سېپىدىن ئورۇن ئېلىشنى تەلەپ قىلىپ: ليۇ شاۋبونىڭ قاماققا ئېلىنىشى- قانۇننىڭ مۇقەددەسلىكى ۋە ئۈستۈنلۈكىگە قىلىنغان قوپال ھۇجۇم ۋە شۇنداقلا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ بارغانسېرى ئېغىر زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
خىتاي دائىرىلىرى ليۇ شاۋبونى قويۇپ بېرىپ، قانۇننىڭ ئۈستۈنلۈكى پرىنسىپىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىشى كېرەك. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىدىن كانادا پارلامېنتى نامىدىن ليۇ شاۋبو ۋە ئۇنىڭ ئايالىنى قويۇۋېتىشنى تەلەپ قىلىمىز،دېيىلگەن.

خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق كۈنى بولغان12-ئاينىڭ 10- كۈنى،كەچۈرۈم تەشكىلاتى كانادا بۆلۈمى ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن تەشكىل قىلىنغان بىر گۇرۇپپا ۋەكىل خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ليۇ شاۋبونى شەرتسىز قويۇۋېتىشنى تەلەپ قىلغان ۋە 4000 نەپەر كانادالىق تەرىپىدىن ئىمزالانغان تەلەپنامىنى ئوتتاۋادىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسىغا تاپشۇرماقچى بولغىنىدا، ئەلچىخانا خادىملىرى دەرھال ئەلچىخانا دەرۋازىسىنى تاقىۋالغان، ئەلچىخانىدىكىلەر يەنە بۇ ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشۈشنى ۋە تەلەپنامىنى تاپشۇرۇش ئېلىشنى رەت قىلغان. ئاخىرىدا ۋەكىللەر تەلەپنامىنى خىتاي ئەلچىخانىسىغا پوچتا ئارقىلىق يوللاشقا مەجبۇر بولغان. كانادا مەتبۇئاتلىرى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمى ۋە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى مەسىلىلىرىگە ئالاھىدە دىققەت قىلغان بولۇپ،خىتاي ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشى ياكى ئىقتىسادىي جەھەتتىن باش كۆتۈرۈشىنىڭ ئۇنىڭدىكى سىياسىي ۋە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ بارغانسېرى بەتتەرلىشىش يېپىپ بولالمايدىغانلىقى، بۇ مۇكاپات ليۇ شاۋبوغا بېرىلىشنىڭ ھارپىسىدا، بېيجىڭنىڭ ھەددىنى يوقاتقان ھالدىكى باياناتلىرى ۋە بۇ مۇكاپاتقا قارشى ئېلىپ بارغان كومپانىيىلىرى كۈلكىلىك ۋە نومۇس قىلارلىق بولۇپ قالماستىن، بەلكى ئۆزىنى قالتىس چاغلايدىغان بۇ مۇستەبىت دۆلەتنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۆزىگە نىسبەتەن ھېچقانداق ئىشەنچنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكى قاتارلىقلار تىلغا ئېلىندى.

ك ب ك تېلېۋىزىيىسىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە مۇخبىرى مىچېل كورمىئېر خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىنقى 10 يىل ئىچىدە كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدە ئالاھىدە ئىلگىرىلەش بولغانلىقىنى ھەدەپ تەكىتلىسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە مەسىلىلىرىگە ھېقىقى مەنىسىگە ئۇيغۇن مۇئامىلە قىلمايدىغانلىقىنى يەنى بۇلارنى غەربنىڭ قىممەت قارىشى دەپ چەتكە قاقىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. كانادا مەتبۇئاتلىرىدىكى مۇھىم نۇقتىلاردىن يەنە بىرى بولسا، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىدا ليۇ شاۋبو ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى ئۈچۈن قالدۇرۇلغان بوش ئورۇندۇق ۋەقەسى بولۇپ، "بوش ئورۇندۇق"دېگەن بۇ سۆز دىكتاتورىلىق ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئىپادىلەيدىغان سىمۋوللۇق مەنىدىكى سۆزگە ئايلاندى. "دۆلەت پوچتىسى" گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان "خىتاي ۋە نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى" ناملىق چاتما ماقالىدە 30-يىللارنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىكى ناتسىستلار گېرمانىيسى بىلەن ھازىرقى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى ھاكىمىيىتىنىڭ ماھىيەت جەھەتتىن ئوخشاشلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولۇپ،ئۇنىڭدا مۇكاپات ساھىبى ليۇ شاۋبونى قاماققا تاشلىغان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يەنە ئۇنىڭ ئايالىنىمۇ مىرزا قاماققا ئالغانلىقى،ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان، يېقىن-يورۇقلىرىنىڭ چەتكە چىقىشىنى چەكلىگەنلىكى، بۇ سەۋەبتىن ليۇنىڭ ئورۇندۇقىنىڭ بوش قالغانلىقى، بۇ ۋەقەنىڭ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى تارىخىدا، ئىلگىرى بىر قېتىم يۈز بەرگەنلىكى قاتارلىقلار بايان قىلىنىدۇ.

گىتلېر گېرمانىيسى 1936- يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تىنچلىقپەرۋەر زات كارل ۋون ئوسسىئېتزكىنىڭ مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشىنى چەكلىگەنىدى. گەرچە دېموكراتىيىلەشمىگەن دۆلەتلەردىن كۆپلىگەن زاتلار بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ناتسىستلار گېرمانىيسى بىلەن خىتاي دائىرىلىرىدىن باشقا ھېچقانداق بىر دىكتاتور دۆلەت تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ساھىبىغا بۇ قەدەر مۇشتۇمزورلۇق قىلمىغانىدى. كانادا مەتبۇئاتلىرىدا يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى بىلەن ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرۇش ئۈچۈن پەيشەنبە كۈنى ئالدىراپ-تېنەپ ئاتالمىش "كۇڭ زى تىنچلىق مۇكاپاتى " تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەنلىكى ۋە مۇكاپاتنى بۇ مۇكاپاتتىن ھېچقانداق خەۋىرى بولمىغان تەيۋەننىڭ سابىق مۇئاۋىن پرېزىدېنتىغا بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلغانلىقى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئوينىغان بۇ كومېدىيىلىك ئويۇنىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن يەنە بىر سەتچىلىك بولغانلىقى قاتارلىقلار ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.