كانادا تارىخىدىكى تراگېدىيە كانادا دائىرىلىرى 1874 - يىلىدىن 1970 - يىلىغا قەدەر، يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئىنگلىزلار ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئاق تەنلىكلەر جەمئىيىتىگە ماسلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت، مائارىپ ساپالىرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش دېگەندەك ناملار بىلەن، يەرلىكلەرنىڭ ئوقۇش يېشىدىكى پەرزەنتلىرىنى ئاتا - ئانىلىرى، ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ۋە ئۆز قەبىلىلىرىدىن پۈتۈنلەي ئايرىپ، ھۆكۈمەتنىڭ كونتروللىقىدىكى ياتاقلىق خرىستىئان مەكتەپلىرىگە ۋە باشقا دىنىي مەكتەپلەرگە مەجبۇرىي ئورۇنلاشتۇرغانىدى. بۇنداق مەكتەپلەردىن مەملىكەت بۇيىچە 130 ئېچىلغانىدى.
كۆپلىگەن ئوقۇغۇچى بۇ مەكتەپلەردە ئانا تىلىدا سۆزلەشكەنلىكى ئۈچۈن ئازار يىگەن، كەمسىتىلگەن شۇنداقلا جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتلەردىن تۈرلۈك خورلۇقلارغا ئۇچرىغان. بۇ ئۆز مىللىتىنىڭ ئۆرپ - ئادەت، مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىدىن، ھەتتا ئاتا - ئانا،ئۇرۇق - تۇغقانلىرىدىن كىچىك ياشتىلا ئالاقىلىرى ئۈزۈپ تاشلىنىپ،پۈتۈنلەي يات بىر مۇھىتتا چوڭ بولغان بۇ يەرلىك مىللەتنىڭ پەرزەنتلىرى كېيىنكى كۈنلۈكتە، ئاق تەنلىكلەر جەمئىيىتىگە ئۇيۇشمايلا قالماستىن، ئەكسىنچە ئۇلاردا دۇنياغا پەرۋاسىز ۋە ئۈمىدسىز قارايدىغان چۈشكۈن پىسخىك - خاراكتېرنى يېتىلدۈرگەنىدى. بۇ ئەھۋال كانادا جەمئىيىتىگە كۆپلىگەن ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ئېلىپ كەلگەن.
يەرلىك مىللەتلەرنى ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىش مۇستەملىكە سىياسەتنىڭ بەلگىسى
ستېپھېن ھارپېر بۇ سىياسەتنىڭ بىۋاستە زىيانكەشلىكلىرىگە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان،پارلامېنتتىكى مۇراسىمدا قىلغان سۆزىدە، يەرلىك مىللەتلەرنى ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىشتىن ئىبارەت مائارىپ سىستېمىنىڭ كانادا تارىخىنىڭ قاراڭغۇ سەھىپىسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى: "ئىندىئان ياتاقلىق مەكتىپى كانادا تارىخىنىڭ پاجىئەلىك سەھىپىسىدۇر. بۈگۈن كانادا ھۆكۈمىتى بۇ خىل ئاسسىمىلىياتسىيە سىياسىتىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئېغىر زىيانلارنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. بۇندىن كېيىن بۇ سىياسەتكە كانادادا ئورۇن يوق. كانادا ھۆكۈمىتى ئېغىر ناھەقچىلىقلار يۈزىدىن يەرلىك خەلقتىن سەمىمىيلىك بىلەن كەچۈرۈم سورايدۇ،"دېدى.
ستېپھېن ھارپېر بۇ مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتلەردىن زورلۇقلارغا ئۇچراپلا قالماستىن يەنە، ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ جىنسىي زوراۋانلىقلارغا ئۇچرىغانلىقىنىمۇ ئېتىراپ قىلدى.
مۇستەملىكىچىلەر يەرلىك مىللەتنىڭ تىلى، دىنى ۋە مەدەنىيىتىنى يوق قىلىشنى نىشان قىلىدۇ
ئىندىئان ياتاقلىق مەكتىپى دەپ ئاتالغان بۇ خىل مائارىپ سىستېمىسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە 150 مىڭ ئەتراپىدا ئوقۇغۇچى ئۇچرىغان بولۇپ،بۇلاردىن تەخمىنەن 80 مىڭى نۆۋەتتە ھاياتتا ياشىماقتا. ئەينى ۋاقىتتا يەرلىك مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى زەئىپلەشتۈرۈش ئۈچۈن، كانادا دائىرىلىرى ئاق تەنلىكلەر ئېتىقاد قىلىدىغان خىرستىئان ۋە كاتولىك دىنلىرىنىڭ تەسىرىنى ئىندىئانلار ئارىسىدا كېڭەيتىش يولىنى تۇتقان.
بۇ تۈزۈم مەزكۇر دۆلەتتىكى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئۇزۇن يىللىق مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى ۋەيران قىلىپ تاشلىغان. ستېپھېن ھارپېر بۇ ھەقتە توختىلىپ: كانادا ھۆكۈمىتى،ئىندىئان ياتاقلىق مەكتەپ مائارىپ سىستېمىسىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر سەلبىي ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ۋە بۇ سىياسەتنىڭ ئىندىئانلارنىڭ مەدەنىيىتى،مىراسلىرى ۋە تىلىنى ۋەيران قىلىش رولىنى ئوينىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ ۋە ئۇلاردىن كەچۈرۈم سورايدۇ،دېدى.
ئىندىئان ياتاقلىق مەكتىپى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئاق تەنلىكلەرنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرى بىلەن تەربىيىلەش،ئۇلارنىڭ قىممەت قارىشىنى سۇندۈرۈش ۋە ئۇلارنى ئۆز مىللىتىدىن نومۇس قىلىدىغان ھالغا كەلتۈرۈشنى ئاساسى نىشان قىلغانىدى.ئادەتتە ئىندىئانلار دەپ ئاتالغان خەلقلەر فىرست ناتىئون، ئىنۇئىت ۋە مېتىس قەبىلىلىرىدىن تەشكىل تاپىدۇ. ھارپېرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، فىرست ناتىئون يەنى بىرىنچى مىللەت، ئىنۇئىت ۋە مېتىس تىللىرى ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيەتلىرى بۇ مەكتەپلەردە چەكلەنگەن. ئادەتتە مۇستەملىكىچىلەر ئۆزى بېسىۋالغان رايوندىكى يەرلىك خەلقلەرنى ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىشتا ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى يوق قىلىشتىن باشلايدۇ.
خىتاي ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئاسسىمىلىياتسىيە سىياسىتىنى جىددىيلەشتۈرمەكتە
مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىمۇ كانادانىڭ ئۆتمۈشتە ئىندىئان پەرزەنتلىرىگە قارىتا يولغا قويغان ئىندىئان ياتاقلىق مەكتەپ مائارىپ سىستېمىسىغا ئوخشايدۇ. ئەمما كانادا ئىندىئانلارنىڭ بۇ زېمىننىڭ ئەسلى ئىگىسى ئىكەنلىكىنى،ئۆزلىرىنى بۇ زېمىنغا كېيىن كۆچۈپ كەلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ.
گەرچە خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاساسلىق مىللەت ئىكەنلىكىنى تەن ئالسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ شەرقى تۈركىستاننىڭ ئەسلى ئىگىسى ئىكەنلىكىنى رەت قىلىدۇ ۋە شەرقى تۈركىستاننىڭ ئەسلى ئىگىلىرىنىڭ خىتايلار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇيغۇرلار 21 - ئەسىردىكى بۈگۈنكى كۈندە، خىتاي دائىرلىرىنىڭ قوش تىللىق مائارىپ دېگەندەك ناملار بىلەن،ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە خىتاي مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى سىڭدۈرۈش ۋە ئۇلارنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇش ئارقىلىق، ئۇلارنى ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.
ئۇيغۇرلار بىلەن ئىندىئانلار ئوتتۇرىسىدا قانداشلىق مۇناسىۋىتى بار
ئىندىئان ياتاقلىق مەكتەپلىرى 1969 - يىلىدىن باشلاپ تاقىلىشقا باشلىغان بولۇپ، خرىستىئان ۋە كاتولىك جەمئىيەتلىرى 1986 - يىلىدىن باشلاپ بۇ مەكتەپلەر سەۋەبىدىن يەرلىك خەلقتىن كەچۈرۈم سوراشقا باشلىدى. 2005 - يىلى كانادا سوت مەھكىمىسى ئىندىئانلارغا قارىتىلغان ئاسسىمىلىياتسىيە سىياسىتىنىڭ ئاساسلىق جاۋابكارلىرىنىڭ كانادا ھۆكۈمىتى بىلەن دىنىي جەمئىيەتلەر ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلدى. 2006 - يىلى كانادا فېدېرال ھۆكۈمىتى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار بىلەن كېلىشكەندىن كېيىن، بۇ مەسىلىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇردى ۋە تۆلەم فوندى تەسىس قىلدى، شۇنداقلا ھۆكۈمەت بۇ خىل مائارىپنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارغا تۆلەم تۆلەشكە 1 مىليارد 900 مىليون دوللار ئاجراتتى.
رەسمىي مەنبەلەرگە قارىغاندا، 33 مىليونلۇق كانادا نوپۇسىنىڭ 1 مىليون 350 مىڭىنى ئىندىئانلار تەشكىل قىلىدۇ. كانادا باش مىنىستىرىنىڭ كەچۈرۈم سورىشىغا قارىتا، بۇ دۆلەتتىكى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى ئىجابىي ئىنكاس قايتۇردى. بىر ئەسىرگە يېقىن يەرلىك مىللەتلەرگە كاناداغا ئوخشاش ئاسسىمىلىياتسىيە سىياسىتى يۈرگۈزگەن ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىمۇ، بۇ يىلنىڭ يانۋار ئېيىدا مەزكۇر دۆلەتتىكى يەرلىك مىللەت ئابورىجىنلاردىن ئۆزۈر تىلىگەنىدى. ئىندىئان ياتاقلىق مائارىپ سېستىمىسى، بۈگۈنكى كۈندە كانادادىكى ئىندىئانلارنىڭ ھەددىدىن ئارتۇق ھاراق ۋە ھەر خىل زەھەرلىك چېكىملىكلەرگە بېرىلىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىدىن بىرى قىلىپ كۆرسىتىلمەكتە.
كانادادىكى بەزى تەتقىقاتچىلار بولسا، بۈگۈنكى ئىندىئانلارنىڭ چىڭگىزخاننىڭ ئىستىلاسىدىن قاچقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.