كانادادا "ئولىمپىك ۋە ئىنسانلىققا قارشى جىنايەت بىرگە بولالمايدۇ" ناملىق پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى

تىبەت ئەركىنلىك مەشئىلى كانادانىڭ تورونتو شەھىرىگە يېتىش كېلىشتىن بىر كۈن بۇرۇن يەنى شەنبە كۈنى، فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قارشى دۇنيانى ئايلىنىۋاتقان مەشئىلى كانادانىڭ تورونتو شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن.

0:00 / 0:00

فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرىنىڭ "ئولىمپىك ۋە ئىنسانلىققا قارشى جىنايەت بىرگە بولالمايدۇ" ناملىق مەشئىلىنىڭ يېتىپ كېلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن شەنبە كۈنى تورونتو شەھىرىدە كانادادىكى نۇرغۇنلىغان تەشكىلات ۋەكىللىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن داغدۇغىلىق بىر مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى.

مۇراسىمدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى مەمەت توختى سۆز قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئولىمپىك ھارپىسىدا ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى ئەيىبلىدى ھەمدە خەلقئارا جامائەتنى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئۆمەر قاناتنىڭ، تورۇنتودىكى مۇراسىم ھەققىدە مەمەت توختى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.