كانادادا 1800 كىشىنىڭ پۇقرالىق سالاھىيىتى بىكار قىلىنماقچى

كانادا ئالدامچىلىق يوللىرى ئارقىلىق كانادا پۇقراسى سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن 1800 كىشىنىڭ سالاھىيىتىنى بىكار قىلىشنى پىلانلىماقتا.

0:00 / 0:00

بۇ كىشىلەر ئاساسلىقى،كۆچمەنلىك رەسمىيەتلىرىنى تولدۇرغاندا، يالغان سالاھىيەت قوللانغان، جىنايەت ئۆتكۈزۈش تارىخىنى يوشۇرغان ۋە كانادادا ياشىمىغانلار ئىكەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، كانادادا خىتاي كۆچمەنلىرىگە ئائىت ساختىپەزلىك دېلولىرىمۇ كۆپ سادىر بولغانىدى.

كانادا كۆچمەنلەر مىنىستىرى جاسون كېننېي كانادا ساقچى تارماقلىرى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، ئالدامچىلىق ۋاسىتىلىرى بىلەن كانادانىڭ پۇقرالىق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن 1800 كىشىنى ئېنىقلاپ چىققانلىقىنى، بۇ كىشىلەرنىڭ سالاھىيەتلىرىنىڭ بىكار قىلىنىدىغانلىقىنى مەكتۇپ ئارقىلىق ئۇلارغا بىلدۈرۈلگەنلىكىنى ۋە بۇ ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇپ ئالغۇچىلارنىڭ فېدېرال سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلسا بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئادەتتە كانادادا ئولتۇراقلىشىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەنلەر، 4 يىل ئىچىدە چوقۇم 3 يىل كانادادا تۇرغان، مەلۇم دەرىجىدە ئىنگلىزچە ياكى فرانسۇزچە تىلنى بىلگەن شۇنداقلا كانادا ھەققىدە ئومۇمى ساۋاتقا ئىگە بولغاندىلا، ئاندىن كانادا پۇقراسى سالاھىيىتىگە ئېرىشەلەيدۇ.

جاسون كېننېينىڭ تىلغا ئېلىشىچە، سالاھىيىتى بىكار قىلىنغان بۇ 1800 كىشىنىڭ كۆپىنچىسى، كۆچمەنلىك ئىلتىماسى سۇنغاندا، نەچچە مىڭ دوللار پۇل خەجلەپ، كۆچمەنلىك مەسلىھەتچىسى تەكلىپ قىلىپ، يالغان ماتېرىيال يوللىغان ۋە ئۇلار كانادادا 3 يىل تۇرمىغان بولسىمۇ، لېكىن ساختا ھۆججەتلەر ئارقىلىق، ئۆزلىرىنى 3 يىل كانادادا تۇرغان قىلىپ كۆرسىتىپ، كانادا پۇقرالىق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن.

ئۇلار يەنە، غەيرىي يوللار بىلەن كانادانىڭ پۇقرالىق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەندىن كېيىنمۇ، چەتئەللەردە ياشاپ، كاناداغا ھېچقانداق باج تاپشۇرمىغان، لېكىن سۇغۇرتا، داۋالىنىش ۋە پەرزەنتلەر ئۈچۈن ئوقۇش ياردەم پۇلى ئېلىشقا ئوخشاش كانادا پۇقرالىرىنىڭ ئىمتىيازلىرىدىن ئوخشاشلا بەھرىمەن بولۇۋەرگەن.

جاسون كېننېي 1800 كىشىنىڭ پۇقرالىق سالاھىيىتىنى بىكار قىلىشنى-كانادانىڭ كۆچمەنلىك تۈزۈمىنى ئاياق-ئاستى قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلارغا ۋە سەمىمىيەتسىز كۆچمەن مەسلىھەتچىلىرىگە، كانادانىڭ پۇقرالىق سالاھىيىتىنىڭ پۇلغا سېتىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن بىر سىگنال،دېدى. ئۇ سۆزىدە بەزى دۆلەتلەردىكى ئاتالمىش كۆچمەنلىك مەسىلىسى مەسلىھەتچىلىرىنىڭ كانادانىڭ كۆچمەن قوبۇل قىلىش تۈزۈمىنى ئۆزلىرىنىڭ پۇل تېپىشى ئۈچۈن دەپسەندە قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى. جاسون كېننېي بۇ كىشىلەرنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ۋە ئەسلى دۆلەت تەۋەلىكىنى ئاشكارىلىمىدى. لېكىن10 يىلدىن بېرى كاناداغا كېلىۋاتقان كۆچمەنلەر ئىچىدە، خىتاي كۆچمەنلىرى كۆپ سانلىقنى ئىگىلىمەكتە.

نۆۋەتتە كانادادا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ1000 دىن ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. بۇ ئۇيغۇرلار ئىچىدىن بۇ تىزىملىككە كىرىپ قالغانلار بارمۇ ‏- يوق؟

كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رۇقىيە تۇردۇش كانادادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنداق ئەھۋاللارغا ئۇچرىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى،ئۇلارنىڭ خىتاينىڭ زۇلۇمى دەستىدىنلا ۋەتەنلىرىنى تاشلاپ بۇ يەرگە كېلىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى، بۇنى كانادا دائىرىلىرىنىڭمۇ ياخشى بىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

كانادادا خىتاي تىلىدا چىقىدىغان «شىڭداۋ گېزىتى »دىكى بىر ماقالىدە، شاڭخەي ۋە گۇاڭجۇ قاتارلىق شەھەرلەردىكى كانادا كونسۇلخانىلىرىغا سۇنۇلغان كۆچمەنلىك ئىلتىماسلىرىدىكى يالغانچىلىق-ساختىپەزلىكنىڭ يۈزدە 70 كە يەتكەنلىكى ئەسكەرتىلىش بىلەن بىرگە، كانادا كۆچمەنلەر مىنىستىرى جاسون كېننېينىڭ بۇ ئەھۋالنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بۇلتۇر يىل ئاخىرلىرىدا خىتاينى زىيارەت قىلغانلىقى ۋە خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرىنىڭ بۇ خىل ساختىپەزلىكنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقى ھەققىدە جاسون كېننېيگە ۋەدە بەرگەنلىكى بايان قىلىنغان.

يېقىنقى يىللاردىن بېرى يەنە، كانادادا يالغاندىن توي قىلىپ، ئاتالمىش جورىسىنى كاناغا ئەكېلىدىغان، خىتايلارغا ئائىت دىلولار ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كۆچمەنلەر مۇلازىمەت ئورگىنىدا ئىشلەيدىغان خىتاي خادىملارنىڭ يالغان ھۆججەتلەرگە كۆز يۇمۇش ۋەقەلىرى كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقماقتا.

1867-يىلى كانادا قۇرۇلغاندىن ھازىرغىچە بولغان يۈز ئەللىك يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە، 66 كىشىنىڭلا پۇقرالىق سالاھىيىتى بىكار قىلىنغانىكەن. بۇ قېتىم 1800 كىشىنىڭ كانادا پۇقراسىلىق سالاھىيىتىنىڭ بىراقلا بىكار قىلىنماقچى بولۇشى كانادا ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ، پەۋقۇلئاددە چوڭ ۋەقە ھېسابلىنىدۇ.