كانادا قانۇن ماقۇللاپ سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەرگە تېخىمۇ كەڭ قۇچاق ئاچىدىغانلىغىنى بىلدۈردى

28 - مارت كۈنى كانادا فېدېرال پارلامېنتى قانۇن ماقۇللاپ كانادانىڭ سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەرگە قويۇلىدىغان شەرتلەرنى يۇمشاتقانلىغىنى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار مەھكىمىسى تەرىپىدىن سىياسىي پاناھلىق تەلىپى قوبۇل قىلىنغان ھەمدە چەت ياقا، نامرات رايونلاردا ياشاۋاتقان سىياسىي پاناھلىققا ئېھتىياجى بار كىشىلەرنىڭ كانادانىڭ قوبۇل قىلىش ئوبيېكتى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

0:00 / 0:00

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن كانادا ۋەتەنداشلىق ۋە كۆچمەنلەر ئىشلىرى مىنىستىرى جاسون كەننى دۇنيادا مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ زۇلۇم ۋە زىيانكەشلىك قىلىش سەۋەبىدىن خاتىرجەم ھاياتقا ئېرىشەلمەيۋاتقانلىقىنى، كانادانىڭ ھەر يىلى خاتىرجەم بىر ھاياتقا ئېرىشىشنى كۈتۈپ تۇرغان 10 كىشىدىن بىرىگە قۇچاق ئېچىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، ئەلۋەتتە دۇنيادىكى ھەممە سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىگە ياردەم قىلىپ كېتەلمەيمىز ئەمما قولىمىزدىن كېلىشىچە ئۇلارنىڭ يېنىدا بولۇشقا تىرىشىۋاتىمىز. كانادا،يېڭىدىن كاناداغا كېلىپ ماكانلىشىدىغان سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجلىرى ئۈچۈن كېرەك بولىدىغان ئەسلىدىكى 45 مىليون دوللارنى يۈزدە 20% ئاشۇرۇپ 54 مىليون دوللارغا چىقاردى دېگەن.

جاسون كەننىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كانادا بۇ يىل 2500 نەپەر سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىنى ئارتۇق قوبۇل قىلىدىغان بولۇپ، يىللىق سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەر سانىنى 14 مىڭ 500 گە يەتكۈزۈدىكەن.

ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، كانادانىڭ سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەرگە تېخىمۇ كەڭ قۇچاق ئېچىش پروگراممىسى 2 باسقۇچقا بۆلۈپ ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ 1 - باسقۇچتا سىياسىي پاناھلىق تىلىگەنلەرنىڭ قوبۇل قىلىنىش ۋاقتىنى تىزلەشتۈرۈش. سىياسىي پاناھلىق تەلىپى 1 - قېتىمدا رەت قىلىنغانلارنىڭ 2 - قېتىم ئىلتىماس قىلىشى ۋە يېڭى پاكىتلار بىلەن تەمىنلىشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىش ۋە بۇ ئارقىلىق كاناداغا قانۇنسىز كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىقلار ئىكەن.

كانادا تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېڭىدىن قوبۇل قىلىنىدىغان سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ تىل ئۆگىنىش ۋە بىلىم ئاشۇرۇشى ئۈچۈنلا 9 مىليون كانادا دوللىرىغا ئېھتىياجى بار ئىكەن.

يەكشەنبە كۈنى ك ت ۋ تېلېۋىزىيىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان جاسون كېننى ھازىر ئۆز مىنىستىرلىقىدا 60 مىڭ سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىنىڭ ماتېرىيالى بارلىقىنى، بۇلارنىڭ ئالدىنىڭ ساخلاۋاتقىنىغا 19 ئاي بولغانلىقىنى، كانادانىڭ بۇندىن كېيىن بۇ خىل ئىشلەملەرنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىش ئارقىلىق قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق كاناداغا كىرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار مەھكىمىسىگە سىياسىي پاناھلىق ئۈچۈن ئىلتىماس قىلىپ، سىياسىي پاناھلىق تەلىپىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى كۈتۈپ تۇرغان ئۇيغۇرلارمۇ سىياسىي پاناھلىق ئىشلەملىرىنىڭ ئىنتايىن ئاستا ئىكەنلىكىدىن نارازى ئىكەن. ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىدا خىتايدىن كامبودژاغا قېچىپ چىققان 20 نەپەر ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچى كامبودژا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىلىرىنى سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ ئىشلەملىرىگە جىددىي قارىمىدى دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.

ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كانادانىڭ سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەرگە تېخىمۇ كەڭ قۇچاق ئاچىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا سىياسىي پاناھلىق تەلىپىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ساقلاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ يېڭى ئۈمىد ئېلىپ كېلىدىكەن.

كانادا ۋەتەنداشلىق ۋە كۆچمەنلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقى كاناداغا كېلىپ ماكانلاشقان سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ 1 يىلدىن 2 يىلغىچە مائارىپ، يېمەك - ئىچمەك ۋە تۇرمۇش پۇلى قاتارلىق جەھەتلەردە ياردەم قىلىدىغان بولۇپ داۋالىنىش ھەقسىز، دورا چىقىملىرىنى ھۆكۈمەت ئاتچوت قىلىدۇ.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.