كانادادىكى كۇڭزى ئىنىستىتۇتلىرى كانادا بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ گۇمانىنى قوزغىماقتا

خىتاي 2004 - يىلىدىن ئېتىبارەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كۇڭزى ئىنىستىتۇتلىرىنى قۇرۇش پىلانىنى باشلىغان بولۇپ، بۇ پىلانغا خىتاي تىلى ئۆگىتىش ۋە خىتاي مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلىش دەپ نام بەرگەن ئىدى. خىتاي مەنبەلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ھازىر ئاسىيا،ياۋرۇپا ۋە شىمالىي ئامېرىكىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردە قۇرغان زەنجىرسىمان كۇڭزى ئىنىستىتۇتلىرىنىڭ سانى 100 دىن ئاشقان.

0:00 / 0:00

ئۆتكەن يىلى مارتتا خىتاي كۇڭزى ئىنىستىتۇتلىرى زەنجىرىنىڭ باشلىقى شۈ لىننىڭ گېزىت مۇخىبىرىغا بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئۇ، دۇنيا بويىچە كۇڭزى ئىنىستىتۇتلىرىنىڭ سانىنى 500 گە يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يېقىندا، كانادادىكى بروك ئۇنىۋېرسىتېتىدا يەنە بىر كۇڭزى ئىنىستىتۇتى قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ كانادانىڭ ئونتاريىئۇ ئۆلكىسىدە قۇرۇلغان 3 - ، كانادا بويىچە قۇرۇلغان 7 - كۇڭزى ئىنىستىتۇتى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

خىتاينىڭ كانادادا كۇڭزى ئىنىستىتۇتلىرىنى كۆپلەپ قۇرۇشقا دەرىجىدىن تاشقىرى ئەھمىيەت بېرىشى ۋە بۇ ئىنىستىتۇتلارنىڭ كانادادىكى ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلار بىلەن غەيرى رەسمىي ھالدىكى ئىقتىسادى مۇناسىۋەتلىرى ئاللىبۇرۇنلا كانادا بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ ھەقتە كانادا مەتبۇئاتلىرىدىمۇ كۆپلەپ ماقالىلەر ئېلان قىلىنغان ئىدى.

يېقىندا كانادادا چىقىدىغان دۆلەت پوچتىسى گېزىتىنىڭ مۇخبىرى ئادام ماكدوۋىل مەخسۇس كانادادىكى كۇڭزى ئىنىستىتۇتلىرى ۋە خىتاي مەدەنىيەت مەركەزلىرى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، "خىتاي ئاچقان كۇڭزى ئىنىستىتۇتلىرى مەدەنىيەت ئورنىمۇ ياكى جاسۇسلۇق ئورگىنىمۇ؟ " دېگەن تىمىدا چوڭ ھەجىملىك بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىشى بىلەن، كانادادىكى كۇڭزى ئىنىستىتۇتلىرىغا بولغان كانادالىقلارنىڭ گۇمانى تېخىمۇ ئاشقان. مۇخبىر تەكشۈرۈش جەريانىدا نۇرغۇنلىغان پاكىت ۋە دەلىللەرنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە كۆپلىگەن مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان.

ماقالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەگەر كانادادىكى ھەرقانداق بىر ئۇنىۋېرسىتېت ئۆز قارمىقىدا كۇڭزى ئىنىستىتۇتى ئېچىشقا رۇخسەت قىلسا، خىتاي تەرەپ بۇ ئۇنىۋېرسىتېتقا 1 - يىلى 150 مىڭ كانادا دوللىرى، كېيىنكى يىللىرىدىن باشلاپ 100 مىڭ كانادا دوللىرىدىن پۇل بېرىدىكەن. ئۇندىن باشقا، بۇ ئۇنىۋېرسىتېتلارغا چوڭ قۇرۇقلۇقتىن كاناداغا كېلىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنى تاللاشنى تەشەببۇس قىلىدىكەن.

داۋىد ماتاس كانادانىڭ ۋىننىپەگ دېگەن جايىدا ياشايدىغان كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى شۇنداقلا بۇ يىلقى نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزاتى. ئۇ ئاساسەن خىتايدىكى خورلاش ۋە قىيىن - قىستاقلار ھەققىدە مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئادۋوكات بولۇپ، ئۇنىڭ دىققىتىدىن كۇڭزى ئىنىستىتۇتى قېچىپ قۇتۇلالمىغان.

ئۇ، مۇخبىرنىڭ كانادادا تېز سۈرئەتتە كۆپلەپ قۇرۇلۇۋاتقان كۇڭزى ئىنىستىتۇتلىرىغا قانداق قارايسىز دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېگەن:

"ئەلبەتتە چاتاق بار دەپ قارايمەن، چۈنكى، بۇ ئىنىستىتۇتنىڭ مالىيە كىرىمى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىدىن كېلىدۇ، بۇ ئىنىستىتۇت كانادادىكى ئىنىستىتۇتلاردەك ئۆز - ئۆزىگە مۇستەقىل بىر ئىنىستىتۇت ئەمەس. "

ئۆتكەن يىلى كانادادىكى تەل ئەۋىۋ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بېسىمى بىلەن، فالۇنگۇڭ مۇرتلىرىنىڭ بۇ مەكتەپتە ئۆتكۈزمەكچى بولغان رەسىم كۆرگەزمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىدەك بىر سەتچىلىك ئاشكارىلانغان بولۇپ، سوتنىڭ بۇ ۋەقە ھەققىدە چىقارغان يەكۈنىدە،مەكتەپ مۇدىرىنىڭ،چوڭ قۇرۇقلۇقتىن كېلىدىغان ئوقۇغۇچىلاردىن قۇرۇق قالماسلىق،كۇڭزى ئىنىستىتۇتىدىن كىرىدىغان كىرىمدىن قۇرۇق قالماسلىق شۇنداقلا خىتاي تەرەپتىن ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان ھەقسىز ساياھەت ۋە كونفرانسلاردىن مەھرۇم قالماسلىق ئۈچۈن شۇنداق قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

خىتاي تەرەپ يەنە، چوڭ قۇرۇقلۇقتىن كاناداغا كېلىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارغا، كانادادىكى ئۆزى بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت قۇرغان، كۇڭزى ئىنىستىتۇتلىرىنى ئېچىشقا رۇخسەت قىلغان مەكتەپلەرنى ئالدىن تەۋسىيە قىلىدىغان بولۇپ، خىتاينىڭ "ئالاھىدە تەلەپ" لىرىنى رەت قىلغان ئۇنىۋېرسىتېتلارغا بۇنداق تەۋسىيۇدە بولمايدىكەن. مەسىلەن، بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا كانادادىكى كالگارى ئۇنىۋېرسىتېتى دالاي لاماغا بۇ مەكتەپنىڭ پەخرى پروفېسسورلۇق ئۇنۋانىنى بەرگەندە،خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىپ،خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ كالگارى ئۇنىۋېرسىتېتىنى تاللىماسلىقىنى، ئەگەر تاللىغان ئەھۋال ئاستىدا خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىدىغانلىقلىرىنى ئاگاھلاندۇرغان.

2008 - يىلى كانادانىڭ ۋانكوۋىر شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا چېن يۇڭلىن ئىسىملىك بىر سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچى گۇۋاھلىق بېرىپ،چەتئەللەردە ياشاۋاتقان خىتايلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ خىتايغا فالۇنگۇڭ ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشكە مەجبۇرلىنىدىغانلىغىنى، كۇڭزى ئىنىستىتۇتلىرىنىڭمۇ شۇنىڭ ئىچىدە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەينى چاغدا فالۇنگۇڭ جەمئىيىتىنىڭ باياناتچىسى بايانات ئېلان قىلىپ، كۇڭزى ئىنىستىتۇتلىرى خىتايغا مەلۇمات بەرگىدەك ئۆزلىرىنىڭ ھېچقانداق مەخپىيەتلىكى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

جۇنۇ كاتسۇيا كانادا بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ پىنسىيىگە چىققان خادىمى، ئۇ دۆلەت پوچتىسى گېزىتىنىڭ مۇخبىرى ئادام ماكدوۋىلنىڭ خىتاينىڭ كانادادىكى جاسۇسلۇق ئىشلىرىغا قانداق قارايسىز؟ دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دەيدۇ:

"خىتاي ھازىر جاسۇسلۇقتا لېنىننىڭ پايدىلىنىشقا بولىدىغان ھاماقەتلەر دېگەن سۆزىنى قوللىنىۋاتىدۇ. بۇنىڭ مەنىسى كۈلۈپ تۇرۇپ،ناھايىتى سىلىق - سىپايە، ياردەم سۆيەر قىياپەتتە باشقىلارغا ياخشى تەسىر بېرىش، دوستلۇق ئورنىتىش، بۇ ئارقىلىق قەدەممۇ - قەدەم ئۇچۇر توپلاش دېگەندىن ئىبارەتتۇر"

ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ:

"رۇسلارنىڭ جاسۇسلۇق ئۇسۇلى بىلەن خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ئۇسۇلى تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. مەسىلەن: رۇسلار بىر ئادەمنىڭ يۈزىگە ماسكا تارتىپ، بىر گۈرجەكنى قولىغا تۇتقۇزۇپ قۇم قېزىپ كەل دەپ ئەۋەتىدۇ. ئەگەر، ئۇ تۇتۇلۇپ قالسا، ھەممە جىنايەت شۇنىڭ ئۈستىگە يۈكلىنىدۇ. ئەمما، خىتاي ئۇنداق ئەمەس، ئۇ مىڭلاپ - يۈزمىڭلاپ ھەتتە مىليونلاپ ئادەمنى دېڭىز بويىغا ساياھەتكە ئەۋەتىدۇ، ئۇلار دۆلىتىگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن، سۇ ئۈزۈشتە ئىشلەتكەن كىيىملىرىنى قاققاندا، مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ ئۈستى - بېشىدىن چۈشكەن قۇم پارچىلىرى يىغىلىپ رۇسىيىنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق ۋە بىخەتەر قۇم توپلىيالىغان بولىدۇ. مانا بۇ خىتاي جاسۇسلىقىدىكى ئەڭ مودا بولۇۋاتقان شەكىل."

مۇخبىر يەنە، ماك ماستەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا قۇرۇلغان كۇڭزى ئىنىستىتۇتىنىڭ باشلىقى شېڭ فامىلىلىك بىر خانىمنى زىيارەت قىلىپ، كانادا بىخەتەرلىك تارماقلىرى كۇڭزى ئىنىستىتۇتلىرىدىن خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىۋاتىدۇ دەپ گۇمان قىلىۋېتىپتۇ، سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟ دەپ سورىغاندا، ئۇ، خىتاي خانىم كانادا دېموكراتىك بىر دۆلەت، ئۇلار گۇمان قىلسا قىلىۋەرسۇن. ئەمما، بىز سىياسىيغا ئارىلاشمايمىز. بىز مەدەنىيەت تارقىتىدىغان ئورگان دەپ جاۋاب بەرگەن.

كانادادا چىقىدىغان دۆلەت پوچتىسى گېزىتىنىڭ مۇخبىرى ئادام ماكدوۋىلنىڭ " كۇڭزى ئىنىستىتۇتلىرى مەدەنىيەت تارقىتىش ئورنىمۇ ياكى جاسۇسلۇق ئورگىنىمۇ؟ " ناملىق ماقالىسى، كانادادىكى خىتايغا قارشى تەشكىلاتلار كانادا ھۆكۈمىتىدىن كانادانىڭ دېموكراتىك قائىدە - پرىنسىپلىرىغا خىلاپلىق قىلغان بىر خىتاي دىپلوماتىنى قوغلاپ چىقىرىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان شۇنداقلا كانادادىكى بەزى سىياسەتچىلەرنىڭ خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بىر مەزگىلگە توغرا كەلگەن.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.