ستېففېن خارپېر خىتاينى ليۇ شاۋبونى قويۇۋېتىشكە دەۋەت قىلدى

كانادا ھۆكۈمىتى ۋە كانادا مەتبۇئاتلىرى بۇ يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ليۇ شاۋبونىڭ تەقدىرىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلمەكتە. كانادا جامائىتى بولسا بۇ ھەپتە ئاخىرى تورونتودا زىيارەتتە بولىدىغان، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يەنە بىر زات - دالاي لاماغا ئوخشاش ليۇ شاۋبونىڭمۇ يېقىنقى بىر زامان ئىچىدە كانادادا زىيارەتتە بولۇشىنى ئارزۇ قىلماقتا.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻛﺎﻣﯩﻞ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ
2010.10.18
Stephen-Harper-canadapm-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﻛﺎﻧﺎﺩﺍ ﺑﺎﺵ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﺳﺘﯧﻔﯧﻦ ﺧﺎﺭﭘﯧﺮ ﺳﯚﺯﺩﻩ.
AFP Photo

ليۇ شاۋبوغا نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى بېرىلگەنلىك خەۋىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، كانادا باش مىنىستىرى ستېففېن خارپېر بۇ مۇكاپاتىنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىكى سىياسىي ئۆكتىچى ليۇ شاۋبوغا بېرىلگەنلىكىدىن سۆيۈنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: "مەن ليۇ شاۋبونىڭ بۇ شەرەپكە ئېرىشكەنلىكىدىن خوشال بولدۇم، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇنى تەبرىكلەيمەن"، دېدى.

ستېففېن خارپېر كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇندىن بېرى، ليۇ شاۋبونىڭ تەقدىرىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: "ھۆكۈمىتىمىز ئىلگىرى ليۇ شاۋبونىڭ تۈرمىگە تاشلىنىشى ھەققىدە قاراشلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. مەن بۈگۈن خىتاي ھۆكۈمىتىدىن، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ليۇ شاۋبونىڭ قويۇپ بېرىش ئىشىغا جىددى مۇئامىلە قىلىشنى تەلەپ قىلىمەن"، دېدى.
 
2006 - يىلى ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن بېرى، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى مەسىلىسىدە، بېيجىڭ دائىرىلىرىنى ئاشكارا ۋە قاتتىق تەنقىد قىلىپ كەلگەن ستېففېن خارپېر ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى ئىككى يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بېرى، بولۇپمۇ غەرب دۆلەتلىرىدە ئىقتىسادىي كرىزىس پارتىلىغاندىن بۇيان، خىتايغا تۇتقان پوزىتسىيىسىدە يۇمشاش كۆرۈلۈشكە باشلىغان ئىدى. كانادادىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ستېففېن خارپېرنىڭ ليۇ شاۋبونى قويۇپ بېرىش ھەققىدە خىتايغا قىلغان بۇ دىپلوماتىك چاقىرىقىنى يېنىلا ئاقىلانە بىر سىگنال، دەپ باھالىدى.
 
كانادا مەتبۇئاتلىرى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىكى ليۇ شاۋبوغا بېرىلىشىنىڭ خىتايدىكى ئىقتىسادىي گۈللىنىشتىن ئىبارەت ئاتالمىش "گۈل - گۈلىستانلىقى"نىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە، دۇنيانىڭ دىققەت - نەزىرىنى ئاغدۇرۇشىغا پۇرسەت يارىتىدىغانلىقىنى، يەنى، بۇ مۇكاپاتنىڭ خىتاي تۈرمىلىرىدىكى يۈزمىڭلىغان ئۆكتىچىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىغا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتەلمىسىمۇ، لېكىن خىتايدا دىكتاتورلۇق تۈزۈمنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقى، سىياسى ھوقۇقلار ، دىنىي ئەركىنلىك ۋە سۆز - مەتبۇئات ئەركىنلىكلىرىنى تەلەپ قىلغانلارنىڭ تۈرمىلەردە جازالىنىۋاتقانلىقى شۇنداقلا قاتتىق بېسىم سىياسىتىنىڭ ئىلگىرىكىدەك داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يېتىشىگە سەۋەبچى بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

"يەرشارى پوچتىسى" گېزىتىدىكى مارك ماككىننوننىڭ ماقالىسىدە، نوبېل كومىتېتىنىڭ مەقسىتىنىڭ ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ئەركىنلىك كۆرۈشىگە بېغىشلىغان كىشىنى مۇكاپاتلاشلا بولۇپ قالماي بەلكى، بۇ خىل كۈرەش روھىغا مەدەت ۋە خىتاي رەھبەرلىرىگە سىگنال بېرىش ئىكەنلىكى بايان قىلىندى.

بۇ ماقالىدە يەنە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە خانىمنىڭمۇ بۇ يىلقى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ كۈچلۈك نامزاتلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغانلىقى، ئەمما ليۇ شاۋبونىڭ دالاي لاما ۋە جەنۇبىي ئافرىقىلىق تۇتۇغا ئوخشاش مەزكۇر مۇكاپاتقا ئېرىشكەن مەشھۇر شەخسلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئەدەبىيات پەنلىرى پروفېسسورى بولغان ليۇ شاۋبو خىتايدا كەڭ كۆلەمدە سىياسى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى، كۆپ پارتىيىلىك دېموكراتىك تۈزۈمنى بەرپا قىلىشنى شۇنداقلا سۆز ۋە مەتبۇئات ئەركىنلىكىنى تەشەببۇس قىلغانلىقى ۋە بۇ ھەقتىكى تەشەببۇسلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر "2008 خىتابنامىسى" ھازىرلىغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 11يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.
 
كانادادىكى خىتاي دېموكرات پائالىيەتچىلىرىدىن چېئۇك كۋان، "ليۇ شاۋبونىڭ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشىشى خىتاي جەمئىيىتىگە ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدۇ"، دېگەن قاراشتا. ئۇ، سۆزىدە يەنە "بۇ مۇكاپات دەماللىققا خىتاي جەمئىيىتىدە تۈپتىن ئۆزگىرىش پەيدا قىلالمىسىمۇ، لېكىن بۇ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاشنى ۋە دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان ۋە بۇ يولدا تىنىمسىز كۈرەش قىلىۋاتقان كۆپلىگەن زاتلارغا ئۈمىد ئاتا قىلىدۇ. ھەتتا بۇ مۇكاپات سودا ئۈچۈن ھەدىسىلا خىتايغا قاترايدىغان ۋە خىتاينىڭ قاراڭغۇ تەرەپلىرىنى كۆرمەسلىككە سالىدىغان بەزى غەرب دۆلەت رەھبەرلىرى ئۈچۈنمۇ بىرئاز ئويلىنىش پۇرسىتى تۇغدۇرىدۇ"، دېدى.
 
ئۇ سۆزىدە، ليۇ شاۋبونىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈش بىلەن بىرگە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ، تۈرمىلەردە يېتىۋاتقان ۋە ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن كۈرمىڭلىغان بىگۇناھ سىياسى پائالىيەتچىلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.
 
خەلقئارا قەلەمكەشلەر بىرلەشمىسىنىڭ كانادالىق رەئىسى جون رالستون سائۇل كانادا ك ب ك تېلېۋىزىيىسىنىڭ زىيارىتىنىڭ قوبۇل قىلغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ليۇ شاۋبونى ئەيىبلەش ۋە قارىلاشنىڭ ئورنىغا، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بۇ زاتنى تەبرىكلىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ: "مېنىڭچە، ليۇ شاۋبو ھەقىقى ۋەتەنپەرۋەردە بولۇشقا تېگىشلىك پەزىلەتلەرنى ئۆزىدە ھازىرلىغان بىر كىشىدۇر. بۇنداق بىر زات تۈرمىدە ياتماسلىقى كېرەك. خىتاي ھۆكۈمىتى ليۇ شاۋبونى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىپلا قالماستىن، تۈرمىدە يېتىۋاتقان باشقا بارلىق يازغۇچىلارنى قويۇۋېتىشى كېرەك"، دېدى.
 
نۆۋەتتە، نۇرمۇھەممەت ياسىن ۋە غەيرەت نىيازغا ئوخشاش ئۇيغۇر قەلەمكەشلەرمۇ خىتاي تۈرمىسىدە ياتماقتا.
 
مۇلاھىزىچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ليۇ شاۋبوغا بېرىلىشىگە قارىتا، ھازىرچە قاتتىق مەيدانىنى ئىپادىلىگىنىگە قاراپلا، ئۇلارنىڭ ئەتە - ئۆگۈن ئۇنى تۈرمىدىن بوشىتىشقا ھەتتا ئاتالمىش "داۋالىنىش ئۈچۈن چەتئەلگە يولغا سېلىش"قا مەجبۇر بولۇش ئېھتىماللىقلىرىنى يوققا چىقىرىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتمەكتە.

تىبەتنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لامامۇ 1989 - يىلى بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.