كانادا مەتبۇئاتلىرى: قەشقەردىكى ۋەقە ئۇيغۇرلارنىڭ غەزەپ-نەپرىتىنىڭ پارتلىشىدۇر

قەشقەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر، ئۇيغۇرلارنىڭ سەۋرى قاچىسىنىڭ تولغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ھۆكۈمران مىللەت بولغان خىتايلارنىڭ بۇ رايونغا يوپۇرۇلۇپ كېلىشىدىن نەپرەت ياغدۇرغانلىقىنىڭ بېشارىتى.

0:00 / 0:00

كانادا مەتبۇئاتلىرى، قەشقەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە-خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نەچچە ئون يىلدىن بېرى، مەزكۇر رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىي ۋە دىنىي جەھەتتىكى باستۇرۇش سىياسەتلىرىدىن قاتتىق نارازى بولۇپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سەۋرى قاچىسىنىڭ تولغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ھۆكۈمران مىللەت بولغان خىتايلارنىڭ بۇ رايونغا يوپۇرۇلۇپ كېلىشىدىن نەپرەت قىلىۋاتقانلىقىنىڭ بېشارىتى، دەپ باھا بەردى.

كانادا مەتبۇئاتلىرى، 30-ۋە 31-ئىيۇل قەشقەردە يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەلەرگە كەڭ ئورۇن بەرگەن بولۇپ، «ئوتتاۋا پۇقرالىرى» گېزىتىدىكى خەۋەردە، قەشقەردە ئىككى كۈن ئىچىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە ئاز دېگەندە، 14 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنى «تېررورلۇق ھۇجۇمى» دەپ تەسۋىرلەۋاتقانلىقى ۋە بارلىق گۇناھنى ئۇيغۇرلارغا ئارتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.

خەۋەردە يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمەتكە تىنچلىق يولى بىلەن، ھەرقانداق شەكىلدە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئىمكانىيىتى يوق، چارىسىز قالغان، ئۈمىدسىزلەنگەن ئۇيغۇرلار، ھۆكۈمەتكە نارازىلىقلىرىنى بۇ يول ئارقىلىق ئىپادىلەپ، ساقچىلار بىلەن ئېلىشتى» دېگەن سۆزلىرى نەقىل ئېلىنغان ۋە خىتاي دائىرىلىرى بىلەن ئۇيغۇر مەنبەلەرنىڭ بۇ ۋەقەنى بىر-بىرىگە ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن بايان قىلىۋاتقانلىقىنى، لېكىن ھەر ئىككىسىنىڭلا مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئىسپاتلانمىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

خەۋەردە يەنە، ئەزەلدىن ئۇيغۇرلار ياشاپ كەلگەن قەشقەرنىڭ، يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاي كۆچمەن ئىشچىلىرى ۋە مەبلەغ سالغۇچىلىرىنىڭ كۈچلۈك ئېقىمىغا دۇچ كەلگەنلىكى ۋە ئىش ۋە خىزمەتلەرنىڭ كۆپىنىڭ خىتايلارغىلا بېرىلىۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ سىمۋولى بولۇپ كەلگەن قەشقەردىكى قەدىمى بىنا ۋە ئاسارئەتىقىلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «تەرەققىي قىلدۇرۇلۇش» نامى بىلەن چېقىپ تاشلانغانلىقى، ئەسكەرتىلگەن.

«ئەدمونتون ژۇرنىلى» گېزىتىدىكى «خىتاي ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ئەيىبلىمەكتە» ناملىق ماقالىدا، قەشقەر شەھىرىدە يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرى-خىتاي پۇقرالىرىنىڭ مەزكۇر رايوندىكى مەۋجۇدىيىتىگە ۋە بېيجىڭنىڭ دىنىي ھەم سىياسىي جەھەتتىكى زورلۇق بىلەن تىزگىنلەشلىرىگە قارىتا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن زامانلاردىن بۇيانقى غەزەپ نەپرىتىنىڭ ئاخىرى پارتلىشىدۇر، دېيىلگەن.

ماقالىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ قەشقەردىكى بۇ ۋەقەلەرنى پاكىستاندا تەربىيىلەنگەن ئاتالمىش «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى»گە ئەزا ئۇيغۇرلارنىڭ سادىر قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، ئامېرىكىنىڭ نيۇ-يورك شەھىرىگە جايلاشقان كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى نىكولاس بېكۇلىننىڭ: خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ۋە ياكى مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ھەممىسىگىلا «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» دىن ئىبارەت بۇ كۈنلۈكنى يېپىشقا ئۇرۇنىدۇ. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شەرقى تۈركىستان ئىسلامى ھەرىكىتى»نى بۇ ھۇجۇملارنىڭ ئارقىسىدا بار دېيىشى كىشىنىڭ گۇمانىنى قوزغايدۇ، دېگەن سۆزلىرىگە ئورۇن بېرىلگەن.

«ۋانكۇۋېر قۇياشى» گېزىتىدىكى خەۋەردە بولسا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ۋەقەنى«تېررورلۇق ھۇجۇم» دەپ تەرىپلىگەنلىكى تىلغا ئېلىنىپ:ئەمما بۇ ھۇجۇملار مەزكۇر رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى يەنە بىر قېتىملىق قارشىلىق كۆرسىتىش، نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكىتىدۇر. ئۇنىڭسىزمۇ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارىتا سەۋرى قاچىسى ئالا-بۇرۇنلا توشۇپ بولغانىدى، دېيىلىدۇ.

بۇ خەۋەردە يەنە تېخى ئالدىنقى ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، خوتەن شەھىرىدە ساقچىلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا، 20 ئادەمنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ.

«ماكلېئانس» ژۇرنىلىدىكى ماقالىدا، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ گۇناھنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلارغا ئارتىپ، مەزكۇر رايوندا تېخىمۇ قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى، بايان قىلىش بىلەن بىرگە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەدىناس دوستى بولغان پاكىستاننىڭ، مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، قەشقەردە يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەنى ئەيىبلىگەنلىكى، ئاتالمىش «شەرقىي تۈركىستان ئىسلامى ھەرىكىتى» نىڭ پاكىستاندىكى قوللىغۇچىلىرىغا تېخىمۇ قاتتىق زەربە بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغانلىقى ۋە قەدىناس دوستى بولغان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاتالمىش تېررورچىلار، دىنىي ئەسەبىيلەر ۋە بۆلگۈنچىلەردىن ئىبارەت «ئۈچ خىل زەھەرلىك كۈچ» كە زەربە بېرىشتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدىغانلىقىغا تۇلۇق ئىشىنىدىغانلىقى بىلدۈرگەنلىكى، ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

ماقالىدا يەنە، يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلاردا، خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان ئۆچمەنلىكنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقى، 2009-يىلى، ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا، 200 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى، 1700 كىشىنىڭ يارىدار بولغانلىقى ۋە يۇقىرىقى بىر قاتار ۋەقەلەرنىڭ خىتاي كوممۇنىست دىكتاتورلىرىنىڭ مەزكۇر رايوندا، «ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش» تىن ئىبارەت شوئارلىرىنى بىر تىيىن قىلغانلىقى قاتارلىقلار تىلغا ئېلىنغان.