ئۇيغۇرلار كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە نامايىش ئۆتكۈزدى

شەنبە كۈنى كانادادىكى ئۇيغۇرلار، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى، بارىن يېزىسىدا كۆتۈرۈلگەن قوزغىلاڭنىڭ 18 يىللىقى شۇنىڭدەك يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خوتەن شەھىرىدە، ئۇيغۇر ئاياللىرى تەرىپىدىن ئويۇشتۇرۇلغان نامايىشنىڭ، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قوپاللىق بىلەن باستۇرۇلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن،تورونتو شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى.

0:00 / 0:00

بۇ پائالىيەت كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا نامايىشنىڭ مەقسىتى كانادالىقلارغا ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارغا بارىن قىرغىنچىلىقىنىڭ ھەقىقىي يۈزىنى ئاشكارىلاش،خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەتىنىمىزدە خالىغانچە تېررورلۇق يۈرگۈزىشىگە، قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىشىغا قارشىلىق بىلدۈرۈش شۇنداقلا خوتەن ئاياللىرىنىڭ نامايىشىنى تەشۋىق قىلىش ۋە ئۇلارغا مەدەت بېرىش، دېيىلگەن .

1990- يىلى 4‏ - ئاينىڭ 5‏ - كۈنى ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ بارىن يېزىسىدىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرگەندە، خىتاي ئارمىيىسى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلغان ۋە يېزا خەلقى قىرغىن قىلىنغانىدى.

بىز نامايىشقا قاتناشقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلغىنىمىزدا، ئۇلار بۇ نامايىش ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.