ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ ئىككى يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن كانادادا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

بۈگۈن 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ ئىككى يىللىقى خاتىرە كۈنىدە، كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدىكى ئۇيغۇر خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش قىلدى.

0:00 / 0:00

بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئىلگىرىكى 5-ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ زۇلۇمىغا، خورلاشلىرىغا قارشى ئۆزلىرىنىڭ ئىنساندەك ياشاش تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان نارازىلىق نامايىشلىرى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلۇپ، نەچچە يۈزلىگەن ئۇيغۇر ياش ئۆلتۈرۈلگەن ۋە نەچچە ئونمىڭلىغان ئۇيغۇر تۇتقۇن قىلىنغانىدى. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ تىراگىدىيىلىك ۋەقەلەرنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ.

بۈگۈن بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ ئىككى يىللىقى خاتىرە كۈنىدە، دۇنيانىڭ باشقا يەرلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش، كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن تورونتو شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىغا توپلىنىپ، ئۇ قىرغىنچىلىقتا ئۆلگەن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنى ياد ئېتىش ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زوراۋانلىقلىرىنى ئەيىبلەش ئۈچۈن نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزمەكتە.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رۇقىيە تۇردۇشنى زىيارەت قىلغىنىمىزدا، ئۇ بۈگۈنكى نامايىش ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
بۇ قېتىمقى نارازىلىق نامايىشىدىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىنىڭ دۇنيا بىلەن بولغان ئۇچۇر- ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلىغان ۋە دۆلەت كونتروللۇقىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق،ئۇيغۇرلارغا قارشى خىتاي مىللەتچىلىكىنى قۇتراتقان ۋە ئۈرۈمچىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرى ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىنتىقام يەنى ئۇيغۇرلارنى ئوۋلاش ھەرىكەتلىرىگە ئۆتكەنىدى.

بۈگۈنكى نامايىشقا قاتناشقان سىياسىي پائالىيەتچى تۇيغۇن ئابدۇۋەلى ئەپەندى 5-ئىيۇل كۈنىدىكى بۇ نارازىلىق نامايىشىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىغا ئېلىپ كەلگەن ئىجابىي ۋە سەلبىي تەسىرلەرنى بايان قىلدى.

بۈگۈن كەچتە يەنەسىياسەتچىلەر، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە خرىستىئان ھەم كاتولىك دىنلىرى ۋەكىللىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن تورونتودا ئۇيغۇرلارغا مەدەت بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ.