ئۇيغۇرلار كانادانىڭ ۋانكوۋېر شەھىرىدە نامايىش ئۆتكۈزدى

كانادانىڭ ۋانكوۋېر شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە ئۆلگەن قېرىنداشلىرىنى ئەسلىدى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زوراۋانلىقلىرىغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى.

0:00 / 0:00

7-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن كېيىن، كانادانىڭ ۋانكوۋېر شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار مەزكۇر شەھەردىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ ئىككى يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈپ، مەزكۇر ۋەقەدە ئۆلگەن قېرىنداشلىرىنى ئەسلىدى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زوراۋانلىقلىرىغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ۋانكوۋېردىكى نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلغىنىمىزدا، سىياسىي پائالىيەتچى ئۆمەرجان بۈگۈنكى نامايىش ھەققىدە مەلۇمات بەردى ۋە 5-ئىيۇل ئۈرۈمچىدىكى نامايىشنىڭ سىياسىي خاراكتېرى ھەققىدە توختالدى.

ئۆمەرجان ئەپەندى 5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقىنىڭ چەتئەلدىكى كۆپلىگەن ئۇيغۇرنىڭ سىياسىي ھاياتىغا تەسىر قىلغانلىقىنى، ۋەتەن ۋە شەرقى تۈركىستان ئوقۇملىرى ھەققىدە ئۇلارنى ئويغىتىش رولىنى ئوينىغانلىقىنى بايان قىلدى.

نامايىشقا قاتناشقان ئىمام ئەپەندى بولسا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ۋەتەن ئىچىدە، 5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقىنىڭ ھەقىقىي خاراكتېرىنى بۇرمىلاپ، تەتۈر تەشۋىقات قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ۋەتەن ئىچىدىكى بەزى ئۇيغۇرلارنى قايمۇقتۇرۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئىمام ئەپەندى سۆزىدە يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھاكىمىيەتتىن ئايرىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن ھەدەپ خىتاي مىللەتچىلىكىنى قۇترىتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.