19480-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 12-ئاينىڭ 10-كۈنىنى ئىنسان ھەقلىرىنى تەبرىكلەش كۈنى قىلىپ بەلگىلىگەن بولۇپ، ھەر يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەردە ئىنسان ھېسلىرىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى، ئىنسان ھەقلىرى سىياسىي يىغىلىشلىرى، دەپسەندە بولۇۋاتقان ئىنسان ھەقلىرىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش كۆرگەزمىلىرى، ۋە زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان ئىنسانلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى تەلەپ قىلىنىپ نامايىشلار ئۆتكۈزۈلىدۇ.
بۈگۈن ۋانكۇۋېر شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلى ئالدىدا ئۆتكۈزۈۋاتقان بۇ نامايىش ۋانكۇۋېردا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىسى ئۆمەرجان بۆرە باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە تىبەت تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، نامايىش ئەتىگەن سائەت 10 دا باشلىنىپ 2 گىچە داۋام قىلدى. نامايىشقا تىبەتلىكلەر ۋە ئۇيغۇرلار بولۇپ 60 تىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. نامايىشچىلار «خىتاي ئىنسانلارغا زۇلۇم قىلىشنى توختاتسۇن!»، «ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىشنى توختاتسۇن!»، «تىبەتلەرنى قىرغىن قىلىشنى توختاتسۇن!» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسان ھەقلىرىگە ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
ئۆمەرجان، بۈگۈنكى بۇ نامايىشنىڭ ئەھمىيىتى ئۈستىدە توختىلىپ، نامايىشتىن يېنىپ، كوچا ئايلىنىپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسان ھەقلىرى قانۇنى ۋە بۇ قانۇنغا خىلاپ ھالدا خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى قانداق قىرغىن قىلىۋاتقانلىقىغا ئائىت تەشۋىق ۋەرەقە تاقىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.