بىر كۈن داۋام قىلغان بۇ مۇھاكىمە يىغىنىدا نۇقتىلىق ھالدا، خىتاي - كانادا مۇناسىۋەتلىرى، بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى، خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە كانادانىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسەتلىرى دېگەن تېمىلاردا مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلدى.
خىتاي سىياسى ئىسلاھاتقا سوغۇق مۇئامىلە قىلدى
يىغىنغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان، ئامېرىكىنىڭ خىتاي ئىقتىسادى ۋە بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ سابىق رەئىسى رىچارد دئاماتو، "خىتاي يېڭى ئىمپېرىيە" ناملىق نۇتقىدا بىلل كلىنتون ھاكىمىيىتى دەۋرىدە، ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە يېقىنلىشىش باشلانغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشىنى قوللىغانلىقىنى، لېكىن شۇندىن بېرى، خىتايدا ھەر قانداق شەكىلدىكى سىياسى ئىسلاھاتنىڭ ئېلىپ بېرىلمىغانلىقى ۋە ئولىمپىك ھارپىسىدىكى خىتاينىڭ سىياسى ۋەزىيىتىنىڭ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
رىچارد دئاماتو نۇتقىدا، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ مەتبۇئاتلارنى كونترول قىلىدىغان چەكلەش تۈزۈمىنى قاتتىق يولغا قويۇۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ كوممۇنىست ھاكىمىيەتنىڭ قاراشلىرىغا ئوخشىمايدىغان نۇقتىنەزەرلەرگە ئورۇن بەرمەيلا قالماستىن، بەلكى غەرب دۆلەتلىرىدىكى ئىنتېرنېت شىركەتلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن كوممۇنىستىك ئىدېئولوگىيىگە يات بولغان ۋە نازۇك سىياسى تېمىلاردىكى ئۇچۇرلارنى ئۆز خەلقىدىن توسۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى ۋە خىتاينىڭ دۇنيا مىقياسىدا كوممۇنىستىك ئىدېئولوگىيىنى بەرپا قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
خىتاي ئارمىيىسى خەلقئارا سودا بىلەن كۈچەيمەكتە
كانادادىكى نوپۇزلۇق دىپلومات ۋە خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى برىئان مكادام نۇتقىدا، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ خوڭكوڭدىكى خىتايپەرەس جەمئىيەتلەرنىڭ ياردىمى بىلەن، كانادادا سودا تورلىرىنى قۇرۇپ، خىتاي ئارمىيىسى ئۈچۈن مەبلەغ توپلاۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.
برىئان مكادام سۆزىدە، بۇ ئەيىبلەشلەرنى كانادا خان جەمەتى ساقچى ئەترىتى بىلەن كانادا خەۋپسىزلىك ئورگىنىنىڭ بىرلىكتە تەكشۈرگەنلىكىنى، بۇنىڭ ئامېرىكىلىق تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن ئىسپاتلانغانلىقىنى بايان قىلدى.
خىتاينىڭ يادرو قوراللىرى كانادا ئۈچۈن تەھدىت
كانادالىق خەۋپسىزلىك ۋە تېررورلۇق مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى داۋىد خاررىس بولسا، قورال - ياراق سودىسىنىڭ ھۆكۈمەتلەر تەرىپىدىن قاتتىق كونترول قىلىنىدىغانلىقى خەلقئارا ئەھدىنامىلەردە بېكىتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئىقتىسادى ۋە سىياسى ئامىللارنى نەزەردە تۇتۇپ بېرما، سۇدانغا ئوخشاش دىكتاتور، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن پاكىستانغا ئوخشاش ۋەزىيىتى مۇقىمسىز بولغان دۆلەتلەرگە كۆپلەپ قورال - ياراق سېتىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ دۇنيانىڭ سىياسى ۋەزىيىتىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
داۋىد ھاررىس سۆزىدە كانادا خەۋپسىزلىك ئورگىنىنىڭ بىر دوكلاتىدا خىتاينى قىرغۇچى قوراللار ۋە بۇ خىلدىكى تېخنىكىلارنى سېتىۋاتقان دۇنيادىكى بىردىن - بىر دۆلەت كۆرسەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى بايقۇت قىلىش يەنىلا تالاش - تارتىشتا
سابىق پارلامېنت ئەزاسى داۋىد كىلگوئۇر بولسا، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ دۇنيادا كىشىلىك ھوقۇقنى ئەڭ قاتتىق دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقى، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئەڭ ئېغىر ئازاپلارنى چېكىۋاتقانلىقى، ئولىمپىك ھارپىسىدىكى خىتايدا بۇ خىل بېسىمنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ ئۈچۈن غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلدى.
كانادا كېڭەش پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى كوندى نىنو سۆزىدە بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىشنىڭ ئاقىلانە قارار ئەمەسلىكىنى، چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل قارارنى خىتاي خەلقىغە قىلىنغان ھۇجۇم دەپ ئۆز خەلقىغە بۇرمىلاپ چۈشەندۈرىدىغانلىقىنى، ئولىمپىككە قاتناشماسلىق ۋە ئۇنىڭدىن يىراق تۇرۇشنىڭ ئەڭ ئاقىلانە يول ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى.
كانادا خىتايغا دىققەت بىلەن مۇئامىلە قىلىش كېرەك
كانادا ئاخبارات فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى جوھن فراسەر ئۆزىنىڭ ماۋ دەۋرىدىكى پاجىئەلەرگە شاھىت بولغانلىقىنى، بۈگۈنكى خىتايدا ئەينى دەۋىردىكى سىياسى ۋەزىيەتنىڭ قايتا تەكرارلىنىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە كانادانىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئالاقىلىرىدا، ئۆزىنىڭ پرىنسىپلىرىدا چىڭ تۇرۇشى كېرەكلىكىنى، ئۇنداق بولمىغاندا كانادانىڭ پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ، ئوبرازىغا داغ تېگىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
يىغىنغا قاتناشقان خىتاي دېموكراتلىرى بىلەن فالۇنگۇڭ تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بولسا، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ كانادانى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەرب دۆلەتلىرىدە، خىلمۇ - خىل ۋاستىلار ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ قارا كۈچلىرىنى يېتىشتۈرۈۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ دۆلەتلەردىكى خىتاي نوپۇسى ئارقىلىق، مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.