پېگگي ناش، كانادا ئۇيغۇر جەمىيىتى، ئالدىنقى ھەپتىدە،تورونتو شەھرىدە ئۇيۇشتۇرغان ھۈسەيىن جېلىلنى قۇتقۇزۇش نامايىشىغا قاتناشقىنىدا، بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ۋە ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىلىرى ھەققىدە توختالغانىدى.
كانادا ئۆزىنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش كېرەك
پارلامېنت ئەزاسى پېگگي ناش ھۈسەيىن جېلىلنىڭ خىتايدا قاماقلىق تۇرۇشىنىڭ كانادا ئۈچۈن قورقۇنۇچلۇق ئىكەنلىگىنى،ئولىمپىك ھارپىسىدا،كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىدە، خىتاي دائىرلىرىغا قاراتقان بېسىمنى قايتىدىن كۈچەيتىشى كېرەكلىگىنى ئەسكەرتىپ: " كانادا پۇقراسىنىڭ چەت بىر دۆلەتتە قولغا ئېلىنىشى،ئۇنىڭ كونسۇل ھوقۇقىنىڭ رەت قىلىشى،ئاشكارا ۋە ئادىل سوتلانماسلىقى،يەنە كېلىپ،ئۇنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ئەھۋال.شۇڭا كانادا ھۆكۈمىتى ھۈسەيىن جېلىل ئەپەندىنىڭ ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشى كېرەك،" دېدى.
خىتاي ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلماقتا
پېگگي ناش كانادا يېڭى دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىگە ئىزچىل ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ: " يېڭى دېموكراتلار پارتىيىسى ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىنى بىرقانچە قېتىم پارلامېنتتا ئوتتۇرىغا قويدى ۋە كانادا ھۆكۈمىتىنى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ھوقۇقلىرىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، خىتايغا داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىشكە ئۈندەپ كەلدى. ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسى كانادا ئۈچۈن ئالاھىدە مەسىلە. چۈنكى ئۇ سىياسى پانالانغۇچى سالاھىيىتى بىلەن كاناداغا كەلگەن ۋە كانادا پۇخراسى سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن.شۇڭا كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدا زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان ھۈسەيىن جېلىل ئەپەندىنىڭ ھوقۇقلىرىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بار،" دېدى.
خىتاي ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئوبرازىغا داغ چۈشۈردى
پېگگي ناش خەلقارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە كۆز يۇمغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئوبرازىغا داغ چۈشۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ: "خەلقارا ئولىمپىك كومىتېتى خىتاي دائىرلىرىنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرىدىغان چاغدا، خەلقارا جامائەتكە بەرگەن، كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلايدىغانلىقى،سۆز - مەتبۇئات ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقى ۋە خىتاي پۇقرالىرى ئۈچۈن ئەركىن مۇھىت يارىتىدىغانلىقى قاتارلىق ۋەدىلىرىگە جاۋابكار بولىشى،ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ھارپىسىدا، خىتاي دائىرلىرىنى ۋەدە - مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشقا مەجبۇرلىشى كېرەك.خىتاي دائىرلىرى ھازىرغا قەدەر ھۈسەيىن جېلىل ھەققىدىكى مەجبۇرىيەتلىرىنى ھېچ ئادا قىلمايلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۇ تەۋە بولغان ئۇيغۇر مىللىتىنى باستۇرۇشنى كۈچەيتمەكتە،" دېدى.
ئولىمپىك خىتاي ئۈچۈن بىر تارازا
پېگگي ناش ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ خىتاي ئۈچۈن بىر سىناق شۇنداقلا ئوبرازىنىڭ ياخشىلانغانلىقىنى دۇنياغا نامايەن قىلىش ئۇچۇن بىر پۇرسەت ئىكەنلىگىنى ئەسكەرتىپ: "ئولىمپىك يېقىنلاپ كېلىشى بىلەن،بىز خىتايغا ئالاھىدە دىققەت قىلىۋاتىمىز.ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ھارپىسى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئىشىكنىڭ كەڭ ئېچىۋېتىلگەنلىكىنى، شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ياخشىلانغانلىقىنى دۇنياغا كۆرسىتىدىغان ئىنتايىن مۇھىم پۇرسەت. خىتاي دائىرلىرى ئولىمپىك ھارپىسىدا، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى توختىتىشى، پۇقرالارنىڭ سۆز - مەتبۇئات ئەركىنلىگى ۋە تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇش ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى، شۇنداقلا چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنى تۇلۇق قوبۇل قىلىپ،ئۆزىنىڭ ئولىمپىككە ھازىرلانغانلىقىنى دۇنياغا نامايەن قىلىش كېرەك،" دېدى.
كانادا يېڭى دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ خەلقارا مەسىلىلەر بويىچە باياناتچىسى بولغان پېگگي ناش، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، كانادا پارلامېنتىدىكى تىبەت دوستلۇق كومىتېتىنىڭ نوپۇزلۇق ئەزالىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.