كانادادا نۆۋەتتە 1000 غا يېقىن ئۇيغۇر ياشايدۇ ۋە بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى كانادا پۇقراسى سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن. شۇڭا بۇ قېتىمقى سايلام كانادادىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ مەلۇم ئەھمىيەتكە ئىگە. مارت ئېيىنىڭ ئاخىرلىرىدا، ئۆكتىچى پارتىيىلەرنىڭ، پارلامېنتتا كونسېرۋاتىپ پارتىيىسى ھۆكۈمىتىگە قارىتا ئىشەنمەسلىك ئاۋازى بېرىشى نەتىجىسىدە، ستېپھېن ھارپېر ھۆكۈمىتى ئاغدۇرۇلغان ۋە 5-ئاينىڭ 2-كۈنىنى فېدېرال ئومۇمى سايلام كۈنى قىلىپ بېكىتىلگەنىدى.
نۆۋەتتە، 4 چوڭ پارتىيە ئىچىدە،كونسېرۋاتىپ پارتىيىسىنى قوللىغۇچىلارنىڭ نىسبىتى يەنىلا ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، ئەڭ يېڭى راي سىناش نەتىجىسىگە قارىغاندا، سايلىغۇچىلارنىڭ يۈزدە 39 ئى كونسېرۋاتىپ پارتىيىسىگە، يۈزدە 29 ئى لىبېرال پارتىيىگە، يۈزدە 20 سى يېڭى دېموكراتلار پارتىيىسىگە، يۈزدە 8 ئى بولسا كۇئېبەك گۇرۇھى پارتىيىسىگە ئاۋاز بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
كانادا سايلام قانۇنى بويىچە، بىر پارتىيە يۈزدە 40 تىن يۇقىرى ئاۋازغا ئېرىشكەندىلا، ئاندىن كۆپ سانلىقلار ھۆكۈمىتىنى قۇرالايدۇ. خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن كونسېرۋاتىپ پارتىيىسى 2006-يىلى ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن كېيىن، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ۋە ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىدە خىتاي دائىرىلىرىنى ئاشكارا قاتتىق تەنقىد قىلغاچقا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە بىر مەزگىل سوغۇقچىلىق كۆرۈلگەنىدى. گەرچە يېقىنقى ئىككى يىلدىن بېرى ستېپھېن ھارپېر رەھبەرلىكىدىكى كونسېرۋاتىپ ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن بولغان نورمال مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى تىلغا ئېلىشتىن پۈتۈنلەي ۋاز كەچكىنى يوق.
ئۇنىڭدىن باشقا كونسېرۋاتىپ پارتىيىسى تەشەببۇس قىلغان ئەنئەنىۋى ئەخلاق قاراشلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەخلاق قاراشلىرىغا يېقىن كېلىدۇ. ئالايلۇق بۇ پارتىيە دىننىڭ جەمئىيەتتىكى رولىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ ۋە ئوخشاش جىنسلىقلارنىڭ توي قىلىشىغا قارشى تۇرىدۇ.
كانادادىكى سىياسىي پائالىيەتچى تۇيغۇن ئابدۇۋەلى يۇقىرىقى ئامىللار سەۋەبىدىن كونسېرۋاتىپ پارتىيىسىگە ئاۋاز بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى: لىبېرال پارتىيىسى ھاكىمىيەتتە تۇرغان 12 يىل ئىچىدە،خىتايغا مايىل سىياسەت يۈرگۈزگەن بولۇپ، ھەتتا 1997-يىلى كانادا تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن غەرب دۇنياسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارىتا يۈرگۈزگەن سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئېمبارگوسىنى بىرىنچى بولۇپ بۆسۈپ تاشلاپ خىتاي بىلەن مۇناسىۋەت قۇرغانىدى. شۇڭا لىبېرال پارتىيىسى ستېپھېن ھارپېر ھۆكۈمىتىنى خىتايغا قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزدى، دەپ ئەيىبلەپ كەلدى.
بۇ پارتىيىنىڭ يېڭى رەھبىرى مىچائېل ئىگناتىئېفف ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، بېيجىڭنى زىيارەت قىلغىنىدا، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تىلغا ئالمايلا قالماستىن، بەلكى كانادانىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى تەنقىد قىلغۇدەك يۈزىنىڭ يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكىلەرنى ھەيران قالدۇرغانىدى.
مىچائېل ئىگناتىئېفف بۇ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، خىتايلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان ۋانكوۋېر شەھىرىدە سايلام تەشۋىقاتى ئېلىپ بارغىنىدا،كونسېرۋاتىپ پارتىيىسى ھاكىمىيەت بېشىغا كەلسە، كانادانىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ يەنىلا دېگەندەك ياخشى بولۇپ كەتمەيدىغانلىقىنى، ستېپھېن ھارپېرنىڭ كۆچمەن قوبۇل قىلىشقا سوغۇق قارايدىغانلىقىنى، لىبېرال پارتىيىسىنىڭ خىتاينىڭ ياخشى دوستى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ،خىتاي كۆچمەنلىرىنى كونسېرۋاتىپ پارتىيىسىگە ئاۋاز بەرمەسلىككە ئۈندىدى.