ستېپھېن ھارپېر باشچىلىقىدىكى كونسېرۋاتىپ پارتىيىسى 2006 - يىلى ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەنىدى. بۇ قېتىمقى سايلامغا، كونسېرۋاتىپ پارتىيىسىدىن باشقا يەنە،لىبېرال پارتىيىسى، يېڭى دېموكراتلار پارتىيىسى، يېشىللار پارتىيىسى شۇنداقلا كۇئېبەكنىڭ مۇستەقىللىقىنى تەشەببۇس قىلىدىغان كۇئېبەك گۇرۇھى پارتىيىسى قاتارلىق 5 سىياسىي پارتىيە قاتناشتى.
كونسېرۋاتىپ پارتىيىسى كۆپ سانلىقلار ھۆكۈمىتى قۇرۇشنى نىيەت قىلغانىدى
ستېپھېن ھارپېر بۇنىڭدىن بىر ئاي ئىلگىرى،كانادا پارلامېنتىدىكى ئۆكتىچى پارتىيىلەرنىڭ توسالغۇلىرى تۈپەيلىدىن نۆۋەتتە ھۆكۈمەتنىڭ نورمال خىزمەت ئېلىپ بېرىشىنىڭ قىيىنغا چۈشكەنلىكى ۋە ئۇ رەھبەرلىك قىلغان ئاز سانلىقلار ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا كۆپ چەكلىمىلەرگە ئۇچرىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ سانلىقلار ھۆكۈمىتى قۇرۇش مەقسىتىدە، مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.
بۈگۈن ئەتىگەن ئېلان قىلىنغان سايلام نەتىجىسىگە قارىغاندا،كونسېرۋاتىپ پارتىيىسى پارلامېنتتا 143 ئورۇنغا، لىبېرال پارتىيىسى 76، يېڭى دېموكراتلار 38، كۇئېبەكنىڭ مۇستەقىللىقىنى تەشەببۇس قىلىدىغان كۇئېبەك گۇرۇھى پارتىيىسى 50 ئورۇنغا ئىگە بولدى. يېشىللار پارتىيىسى بولسا سايلامدا ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى.
2006 - يىلىدىكى سايلام بىلەن سېلىشتۇرغاندا،كونسېرۋاتىپ پارتىيىسى بۇ قېتىم فېدېرال سايلامدا غەلىبە قازانغان پارتىيە ھېسابلىنىدۇ. كونسېرۋاتىپ پارتىيىسى بۇ سايلامدا ئالدىنقىسىغا قارىغاندا، پارلامېنتتا 17 ئورۇنغا كۆپ ئېرىشكەن بولسىمۇ، بۇ سان كۆپ سانلىقلار ھۆكۈمىتى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان 155 ئورۇنغا يېتەلمىگەنلىكى ئۈچۈن يەنە ئاز سانلىقلار ھۆكۈمىتىنى قۇرۇشقا مەجبۇر بولدى.
لىبېرال پارتىيىسىدىن كانادالىقلارنىڭ رايى قايتتى
خىتاينى كوزۇر قىلىدىغان، خىتايغا مايىل سىياسەت يۈرگۈزىدىغان ۋە كانادادا ئۇزۇن مەزگىل ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان لىبېرال پارتىيىسىنىڭ، بۇ قېتىمقى سايلامدا ئاۋازغا ئېرىشىش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك چۈشتى. ستېپھانې دىئون رەھبەرلىكىدىكى بۇ پارتىيە ئەسلىدىكى 20 ئورۇندىن ئايرىلىپ،76 ئەزا بىلەن پارلامېنتقا كىردى. سايلام نەتىجىلىرىگە قارىغاندا، كانادالىقلارنىڭ %37.6 تى كونسېرىۋاتىپلارغا، %26.2 تى لىبېرال پارتىيىسىنى قوللاپ ئاۋاز بەرگەن.
خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە سودا مۇھىم ئورۇندا تۇرامدۇ ياكى كىشىلىك ھوقۇقىمۇ؟
دۇنيا مىقياسىدا ئىقتىسادى داۋالغۇش بولۇۋاتقان نازۇك بىر مەزگىلدە، كانادا سايلىمىدىكى تالاش - تارتىش تەبىئىي ھالدا، ئاساسلىقى كانادا ئىقتىسادىغا ۋە ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا قانداق كاپالەتلىك قىلىش مەسىلىسى ئۈستىدە بولدى.
لېكىن ستېپھېن ھارپېر سايلام جەريانىدا، كونسېرۋاتىپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي سىياسىتىدە كىشىلىك ھوقۇق بىلەن سودىغا ئوخشاشلا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ۋە كانادانىڭ ئاساسلىق قىممەت قارىشى بولغان دېموكراتىيە،كىشىلىك ھوقۇق، قانۇننىڭ مۇقەددەسلىكىدە قەتئىي تەۋرەنمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. لىبېرال پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى ستېپھېن دىئون سايلام جەريانىدا،ستېپھېن ھارپېر ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى ئاشكارا تەنقىد قىلىش سىياسىتىنى ئەيىبلىدى ۋە بۇ سىياسەتنىڭ كانادا - خىتاي سودا مۇناسىۋەتلىرىگە سەلبىي تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئىقتىسادىي كرىزىس پارتىيىلەرنى ھەمكارلىققا ئۈندىمەكتە
بۇ قېتىمقى سايلامدا،پارلامېنتتا 16 نەپەر يېڭى پارلامېنت ئەزاسىنى كۆپەيتكەن ستېپھېن ھارپېر، دۇنياۋى ئىقتىسادىي داۋالغۇشتا كانادا ئىقتىسادىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن پارلامېنتتىكى باشقا پارتىيىلەر بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە يېڭى فېدېرال ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا سەھنىدە كانادانىڭ دېموكراتىك قىممەت قارىشىنى داۋاملىق كېڭەيتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. سايلامدا ئۇتتۇرۇپ قويغان ئۆكتىچى پارتىيە رەھبىرى ستېپھېن دىئون لىبېرال پارتىيىنىڭ ئىقتىسادى مەسىلىلەردە يېڭى ھۆكۈمەت بىلەن تولۇق ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
2006 - يىلىدىكى فېدېرال سايلامدا،كونسېرۋاتىپ پارتىيىسى 126، لىبېرال پارتىيىسى 96، يېڭى دېموكراتلار پارتىيىسى 30، كۇئېبەكنىڭ مۇستەقىللىقىنى تەشەببۇس قىلىدىغان كۇئېبەك گۇرۇھى پارتىيىسى بولسا 49 ئورۇنغا ئىگە بولغانىدى. بۇ يېڭى ھۆكۈمەت يېقىنقى 4 يىلدا، كانادادا قۇرۇلغان 3 - ئاز سانلىقلار ھۆكۈمىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كانادا دۇنياۋى پۇل - مۇئامىلە كرىزىسى پارتلىغاندىن بۇيان، تۇنجى قېتىم سايلام ئېلىپ بارغان كۈچلۈك ئىقتىسادى دۆلەت.