كانادا سۈرىيە دائىرىلىرىگە قارىتا جازالاش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىر جوھن بائىرد، كانادانىڭ سۈرىيىنىڭ پرېزىدېنتى بەشېر ئاساد ۋە باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىغا قارىتا بىر قاتار جازالارنى يۈرگۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

0:00 / 0:00

كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك تەلەپ قىلغان خەلقنىڭ، تىنچلىق شەكلىدىكى نامايىشلىرىنى قانلىق باستۇرغان سۈرىيە ھۆكۈمىتى ۋە پرېزىدېنت بەشېر ئاساد قاتارلىق سۈرىيىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىغا قارىتا جازا يۈرگۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

كانادانىڭ يېڭى ھۆكۈمىتىدە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى تېخى ئالدىنقى ھەپتە ئۆز ئۈستىگە ئالغان جوھن بائىرد كانادا پارلامېنتىدىكى باياناتىدا، كانادانىڭ سۈرىيە پرېزىدېنتى بەشېر ئاساد ۋە باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك 22 نەپەر ئەمەلدارىغا قارىتا، مال-مۈلۈكلىرىنى توڭلىتىش ۋە ئۇلارغا ۋىزا بېرىشنى چەكلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار جازانى يۈرگۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ:
- چۈنكى سۈرىيە دائىرىلىرى، تىنچ نامايىشچىلارغا قارىتا قانلىق باستۇرۇشنى توختىتىش تەلەپلىرىمىزنى داۋاملىق رەت قىلىپ، ئۇ رايوندا جىددىي تەھدىت شەكىللەندۈرمەكتە. سۈرىيە دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتى خەلقئارالىق تىنچلىققا قىلىنغان ئېغىر دەپسەندىچىلىكتۇر. ئۇلار ئىنسان قېلىپىدىن چىققان بۇ باستۇرۇشنى قەتئىي توختىتىشى كېرەك، دېدى.

مىنىستىر جوھن بائىردنىڭ تىلغا ئېلىشىچە، بۇ جازالاش سۈرىيىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ كاناداغا كىرىشىنى چەكلەش، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز ‏- ئارا ھەمكارلىق كېلىشىملىرىنى بىكار قىلىشتىن باشقا، سۈرىيىگە قىلىنىدىغان سودا ئېكىسپورتىنى شۇنداقلا سۈرىيە ئارمىيىسى ۋە ساقچىلىرىغا كېرەكلىك قورال-ياراق، ھەربىي ئەسلىھە ۋە يادرو تېخنىكىسى بىلەن تەمىنلەشنى دەرھال توختىتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

مىنىستىر جوھن بائىرد سۈرىيە دائىرىلىرىگە قارىتىلغان بۇ جازانىڭ تىزدىن كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى، بۇ قارارنىڭ سۈرىيە خەلقىنى جازالاش ئەمەس، بەلكى خەلقنىڭ دېموكراتىك ھۆكۈمەت قۇرۇش تەلەپ ۋە دەردلىرىگە دەرمان بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ:
- سۈرىيە قوراللىق كۈچلىرى، ئىسيان پارتلىغان مارت ئېيىدىن بېرى، نەچچە يۈزلىگەن پۇقرانى ئۆلتۈردى، نەچچە يۈزلىگەن كىشىنى يارىدار قىلدى ۋە نەچچە مىڭلىغان ئىنساننى تۇتقۇن قىلدى، دېدى.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بولسا، سۈرىيىدە دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك تەلەپ قىلىش نامايىشلىرى باشلانغان ئىككى ئايدىن بېرى، 800 دىن 1000 غىچە نامايىشچىنىڭ ھۆكۈمەت قوراللىق كۈچلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

مىنىستىر جوھن بائىرد سۆزىدە يەنە، سۈرىيە دائىرىلىرىنىڭ ئۆز پۇقرالىرىغا قىلغان زوراۋانلىقلىرىغا كانادانى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ سۈكۈت قىلىپ، قول قوشتۇرۇپ تۇرالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سۈرىيىدە خەلقنىڭ تىنچ شەكىلدىكى نارازىلىق نامايىشلىرى قانلىق باستۇرۇلغاندىن كېيىن، كانادا دائىرىلىرى سۈرىيىنى ساياھەت قىلماسلىق ھەققىدە كانادالىقلارنى ئاگاھلاندۇرغانىدى.

كانادا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ 2009-يىللىدىكى مەلۇماتىغا قارىغاندا، كانادانىڭ سۈرىيىگە قىلغان ئېكسپورتىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 61 مىليون 300 مىڭ دوللار، سۈرىيىنىڭ كاناداغا قىلغان ئېكسپورتى بولسا، 5 مىليون 900 مىڭ دوللار ئەتراپىدا بولغان.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى سۈرىيە پرېزىدېنتى بەشېر ئاساد ۋە باش مىنىستىر ئادىل سافار قاتارلىق 9 نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك سۈرىيىلىك ئەمەلدارغا قارىتا، مال-مۈلكىنى توڭلىتىش ۋە ئۇلارغا ۋىزا بەرمەسلىك جازاسىنى يولغا قويغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

ئالدىنقى ھەپتىدە،ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما سۈرىيە رەھبىرى بەشېر ئاسادنى خەلقنىڭ تەلىپىگە قۇلاق سېلىپ، دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ياكى ھاكىمىيەتتىن قول ئۈزۈشتىن ئىبارەت ئىككى يولدىن بىرىنى تاللاشقا چاقىرغانىدى.

كانادا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ پەيشەنبە ۋە جۈمە كۈنلىرى فرانسىيىنىڭ دېئائۇۋىللە رايونىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان سانائەتلەشكەن 8 دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىنىدا، سۈرىيە ۋەزىيىتى تېخىمۇ نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.