كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جوھن بائىرد جۈمە كۈنى، كانادا پارلامېنتىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، كانادا ھۆكۈمىتى يولغا قويماقچى بولغان يېڭى جازالاش تەدبىرلىرىنىڭ بېشىر ئاساد ھۆكۈمرانلىقىدىكى مۇستەبىت ھاكىمىيەتكە بېسىم ئىشلىتىش ئىكەنلىكىنى،بۇنىڭ ھەرگىزمۇ سۈرىيە خەلقىغە قارىتىلمىغانلىقى،شۇنداقلا كانادانىڭ مۇستەبىت بېشىر ئاسادنىڭ سۈرىيە خەلقىنى باستۇرۇشىنى داۋاملاشتۇرىشىغا يەنە سۈكۈت قىلالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
جوھن بائىردنىڭ باياناتىغا قارىغاندا،كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جازالاش لايىھىسى سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كانادادىكى مال - مۈلكىنى توڭلىتىش،سۈرىيەگە قىلىنىدىغان يېمەكلىكتىن تارتىپ ئۈسكىنە - سايمانلارغىچە،بولۇپمۇ سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ نامايىشچىلارنى كۈزىتىش - نازارەت قىلىشتا ئىشلىتىدىغان تېلېفون - ئىنتېرنېت ئالاقىلىشىش ئۈسكىنىلىرىنى ئېكسپورت قىلىشنى توختىتىش،يېڭىدىن مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى چەكلەش،دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنىڭ دەرىجىسىنى چۈشۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
مىنىستىر جوھن بائىرد باياناتىدا يەنە،بۇ جازالاش تەدبىرلىرىنىڭ دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك تەلەپ قىلغان خەلقنىڭ،نارازىلىق نامايىشلىرىنى قانلىق شەكىلدە باستۇرىۋاتقان سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى يېتىم قالدۇرۇش ۋە پرېزىدېنت بەشېر ئاسادنى ھوقۇقتىن چۈشۈشكە مەجبۇرلاشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ:
بۇ بارغانسېرى يېتىم قېلىۋاتقان مۇستەبىت ھاكىمىيەتكە بىر سىگنال شۇنداقلا ئاساد ئۈچۈن كۆدى - كۆپەڭنى كۆتەر دېگەن بىشارەتنى بېرىدۇ.ئاساد ھوقۇقنى دەررۇ ئۆتكۈزۈشى،ئۇنىڭ ھۆكۈمىتى ھوقۇقنى ئۆتكۈزىشى كېرەك،دېدى.
كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جوھن بائىرد باياناتىدا يەنە سۈرىيىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە سۈكۈت قىلىپ جىددى بىر قارار ماقۇللىمىغان،بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى تەنقىت قىلدى.
خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرنىڭ قوللىغۇچىسى بولغان خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ توسقۇنلۇق قىلىشى تۈپەيلىدىن سۈرىيە ھەققىدە لىۋىيىدىكىگە ئوخشاش بىر قارارنىڭ ماقۇللىنىشى ئارقىغا سۈرۈلمەكتە.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا،سۈرىيىدە دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك تەلەپ قىلغان نامايىشلار باشلانغان 9 ئايدىن بېرى، 5000 نامايىشچى ھۆكۈمەت قوراللىق كۈچلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى،كانادا دائىرىلىرى سۈرىيىدىن نېفىت ۋە نېفىت مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى ۋە بۇ دۆلەتنىڭ نېفىت ساھەسىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەشنى چەكلىگەنىدى.
كانادا مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا،ئەرەب ئىتتىپاقى سابىق لىۋىيە دىكتاتورى كازافى بىلەن ئوخشاش تراگېدىيىگە يولۇقماسلىق ئۈچۈن، بېشىر ئاسادقا سۈرىيىنى تەرك ئېتىش تەۋسىيىسىدە بولۇنغان شۇنداقلا بۇ تەكلىپ غەرب دۆلەتلىرى تەرىپىدىن سۈرىيە مەسىلىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشنىڭ يولى،دەپ قارالغان.