كانادا 1000 نەپەر تىبەتلىك مۇساپىرنى قوبۇل قىلماقچى
2010.12.29

ئۇنىڭ باياناتىدا "ھۆكۈمىتىمىز كانادانىڭ تىبەتلىك مۇساپىرلارنى باغرىغا باسىدىغان ئىنسانپەرۋەرلىك ئەنئەنىسى بويىچە، تىبەتلىك مۇساپىرلارغا يەنە ئىشىكنى ئاچتى. ھىندىستان ھۆكۈمىتى ۋە كانادا تىبەت كومىتېتىنىڭ بۇ تۈرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز ۋە تىبەتلىك مۇساپىرلارنىڭ كاناداغا كېلىشىنى قارشى ئالىمىز "دېيىلگەن. 2006-يىلى كانادانىڭ پەخرى پۇقرالىق شەرىپىگە ئېرىشكەن تىبەتنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لاما، 2007-يىلى 10-ئايدا كانادا باش مىنىستىرى ستېپھېن خارپېر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغاندا، كانادا ھۆكۈمىتىگە 3000 نەپەر تىبەتلىك مۇساپىرنى قوبۇل قىلىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. مىنىستىر جاسون كېننېي باياناتىدا، "ھىندىستان ھۆكۈمىتى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى تىبەتلىكلەرگە مەدەت بېرىپ كەلدى. بىزنىڭ بۇ قارارىمىز ھىندىستاننىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن بىر پۇرسەت دېيىلگەن.
كانادا كۆچمەنلەر مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدىكى مەلۇماتقا قارىغاندا، تىبەتلىكلەر كانادادا 40 يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ، كانادا تۇنجى قېتىم 1972-يىلى ھىندىستاندا تۇرۇۋاتقان تىبەت مۇساپىرلاردىن 230 كىشىنى دالاي لامانىڭ تەلىپى بىلەن كاناداغا قوبۇل قىلغانىكەن. كانادادىكى سىياسىي پائالىيەتچى تۇيغۇن ئابدۇۋەلى، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە قارىتا كۈچلۈك بىر ئىنكاس ۋە جەسۇر بىر قەدەم دەپ باھالىدى.
كانادا مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تىبەتنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لاما ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىنمۇ 5 مىڭ نەپەر تىبەتلىك مۇساپىرنى ئامېرىكىغا قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلغان. كانادادىكى تىبەتلىكلەر نۆۋەتتە ئېدمونتون، ۋانكوۋېر ۋە كالگارى قاتارلىق شەھەرلەرگە تارقىلىپ ئولتۇراقلاشقان بولسىمۇ، لېكىن تورونتو تىبەتلىكلەر ئەڭ مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان شەھەردۇر. كانادادا چىقىدىغان "دۆلەتلىك پوچتا" گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان، ئادام مكدوۋېللنىڭ ماقالىسىدە بايان قىلىنىشىچە، كانادانىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىكى تىبەتلىكلەر بىر قەدەر سىستېمىلاشقان جەمئىيەت-تەشكىلاتلارنى قۇرۇش ئارقىلىق، كانادا ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلاشقان ۋە ئۇلارغا ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتكەن.
بۇ ئارقىلىق ئۇلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھەرخىل تەھدىتلىرىگە تاقابىل تۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە،كانادا پارلامېنتىدا كۈچلۈك قوللاشقا ئېرىشكەن. بۇ ماقالىدە ئەسكەرتىلىشىچە، كانادادىكى تىبەتلىكلەرنىڭ ئەڭ چوڭ مۇۋەپپەقىيىتى، 1980-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا كانادا پارلامېنتىدا تىبەت دوستلۇق گۇرۇپپىسىنى قۇرۇپ چىقىش بولغان. بۇ گۇرۇپپا، كانادا پارلامېنتىدىكى ھەممە سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ ۋەكىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، 60-70 ئەتراپىدىكى كېڭەش پالاتا ئەزالىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرىدىن تەشكىل قىلىنغان. كانادا پارلامېنتىنىڭ تىبەت دوستلۇق گۇرۇپپىسىدىكى بۇ سىياسەتچىلەر ھەر قانداق ئېغىر ئەھۋالدا تىبەت ھەرىكىتىنىڭ يېنىدا يەر ئالغان ۋە تىبەتلىكلەرنىڭ تايىنىدىغان ئارقا تۈۋرۈكى بولغان.
ھازىرقى كونسېرۋاتىپ پارتىيىسىدىن بولغان كۆچمەنلەر مىنىستىرى جاسون كېننېي، لىبېرال پارتىيىسىدىن بولغان كېڭەش پالاتا ئەزاسى كونسىگلىئو دى نىنو ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى قاتتىق سۆزلىرى بىلەن تونۇلغان، شۇڭقارلار تىپىدىكى كالگارى پارلامېنت ئەزاسى روب ئاندېرس قاتارلىقلار بۇ گۇرۇپپىدىكى ئاكتىپ پائالىيەتچىلەر دەپ قارىلىدۇ.
سىياسىي پائالىيەتچى تۇيغۇن ئابدۇۋەلى ئەپەندى، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ 1000 نەپەر تىبەت مۇساپىرىنى قوبۇل قىلىش ھەققىدىكى بۇ قارارىدىن تىبەتلىكلەرگە ئوخشاشلا سۆيۈنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: يۇقىرىقى گېزىتتىكى ماقالىگە قارىغاندا، يېقىنقى 10 يىل ئىچىدە تىبەتلىكلەرنىڭ تورونتودىكى سانىدا تىز ئېشىش كۆرۈلگەن. 2001-يىلى 1425 بولغان تىبەتلىكلەرنىڭ سانى 2006-يىلىغا كەلگەندە 4275 گە يەتكەن. كانادا كارلېتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئانتورپولوگىيە تەتقىقاتچىسى ۋە چەتئەللەردىكى تىبەتلىكلەر ھەققىدە تەكشۈرۈش-تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ بۇ ھەقتە كىتاب يازغان برىئان گىۋېننىڭ بىلدۈرۈشىچە، تىبەتلىكلەر ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەر ئىچىدە، كانادا ئامېرىكىدىن كېيىنلا تۇرىدىغان بولۇپ، كانادادا 8000 ئەتراپىدا،ئامېرىكىدا بولسا 9000 تىبەتلىك ياشايدىكەن.
ھىندىستان بىلەن نېپال تىبەتلىك مۇساپىرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەر بولۇپ، ھىندىستاندا 110 مىڭ، نېپالدا بولسا 20 مىڭ ئەتراپىدا تىبەتلىك ھايات كەچۈرىدىكەن. نېپالدا "ماۋچىلار"ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن بېرى،دائىرىلەر بۇ دۆلەتتە تۇرۇۋاتقان تىبەتلىك مۇساپىرلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ۋە ئۇلارنىڭ 3-بىر دۆلەتكە يەرلىشىشى ئۈچۈن ئۇلارغا چېگرادىن چىقىش رۇخسىتى بەرمەسلىككە ئوخشاش ۋەقەلەر كۆرۈلۈشكە باشلىغان. پاكىستان، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستانغا ئوخشاش دىكتاتور دۆلەتلەرمۇ خىتايدىن كېلىدىغان مەنپەئەتنى كۆزلەپ، ئۇيغۇر ۋەتىنىدىن قېچىپ چىققان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن بولۇپ، كامبودژا ھۆكۈمىتىنىڭ 22 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشى بولسا، خەلقئارادا كامبودژاغا نىسبەتەن كۈچلۈك نارازىلىق پەيدا قىلغانىدى.