كانادا، تۈركىيە بىلەن ئەركىن تىجارەتنى يولغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

كانادادا چىقىدىغان كانادا - تۈرك گېزىتىنىڭ، يېقىندا تۈركىيىنىڭ ئوتتاۋادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ سودا - تىجارەت ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارى فېردۈن بېشېر بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، كانادا تەرەپ تۈركىيىگە سودا ئىشلار نۇقتىسىدىن يىللاردىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ يېقىنلىشىۋاتقان بولۇپ، فېردون بېشېر مۇخبىرغا يېقىندا كانادا بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا بىر ئەركىن تىجارەت كېلىشىمنامىسىنىڭ ئىمزالىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

0:00 / 0:00

كانادا بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى سودا تىجارەت ئىشلىرى بىرقانچە قېتىملىق كرىزىس ھالىتىنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ، بۇلار 1997 - يىلى يۈز بەرگەن ئاسىيا ئەللىرى سودا كرىزىسى، 2000 ‏ - ۋە 2001 - يىللىرى ئارىسىدا تۈركىيىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ۋە ئىقتىسادى داۋالغۇشلار شۇنداقلا 2008 - يىلىدىكى دۇنيا سودا كرىزىسى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

تۈركىيە تەرەپ ئېلان قىلغان كانادا بىلەن بولغان سودا تىجارەت دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئىككى تەرەپنىڭ تىجارەت ھەجمى 1990 - يىلىدىكى 247 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن 2008 - يىلى 1.9 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، 90 - يىللاردىكىدىن 8 ھەسسە ئاشقان بولسىمۇ، ئەمما كانادا تەرەپنىڭ بۇ سودا تەركىبىدىكى پاي قىممىتى 850 مىليون دوللار، تۈركىيە تەرەپنىڭ بولسا 330 مىليون دوللار بولغان.

فېردۈن بېشېرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە تەرەپنىڭ سودا ھەجمىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدىكى ئاساسى سەۋەبلەر دۇنيا سودا كرىزىسىدىن باشقا يەنە، كانادا تەرەپنىڭ تۈركىيىدىن كاناداغا كىرىدىغان ئىمپورت مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا ئەركىن تىجارەتنى يولغا قويمىغانلىقىدىن ئىكەن.

كانادا تاشقى تىجارەتتە تۈركىيە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن، فىندىك، مەرجىمەك، بۇغداي، پۇرچاق مەھسۇلاتلىرى، كىشمىش، ئۈرۈك قېقى، زەيتۇن يېغى، ئەنجۈر قېقى، كانچىلىق ۋە سانائەت مەھسۇلاتلىرىدىن ئاپتوموبىل، تۆمۈر مەھسۇلاتلىرى، مەرمەر، تاش كۆمۈر، خام نىكېل، ئالتۇن، گېزىت قەغىزى قاتارلىقلارنى كىرگۈزگەندىن باشقا يەنە، ئېغىر سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان بەزى مەھسۇلاتلارنىمۇ كىرگۈزىدىكەن.

فېردۈن بېشېرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر كانادا تەرەپ تۈركىيە بىلەن ئەركىن تىجارەتنى يولغا قويسا، تۈركىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ كاناداغا كىرىشىدە بىر ئەركىن سودا مۇھىتى شەكىللىنىدىكەن، ئەسلىدىكى ئارتۇقچە تەدبىرلەر ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ تاشقى پېرېۋوت مۇھىتىدا يۇمشاش كۆرۈلىدىكەن. ئەڭ مۇھىم بولغىنى، ئەسلىدىكى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا يولغا قويۇلغان بەزى تۈرلەردىكى چېگرا بېجى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، بەزى تۈرلەردىكى چېگرا بېجى تۆۋەنلىتىلىدىكەن.

كانادادا چىقىدىغان تۈركچە گېزىتلەرنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەگەر كانادا بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا ئەركىن تىجارەت كېلىشىمنامىسى ئىمزالانسا، بۇ ئەلۋەتتە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مەبلەغ سېلىش، ساياھەتچىلىك، يېزا ئىگىلىك ۋە يېڭى تېخنىكىلارنى ئۆتۈنۈپ بېرىش جەھەتلەردە يېڭى پۇرسەت ۋە يېڭى يوللارنى ئاچىدىكەن.

بەزى ئۇيغۇر سودىگەرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كانادا تەرەپنىڭ بۇنداق بىر ئەركىن سودا كېلىشىمنامىگە يېقىنلىشىشى، تۈركىيىدە خىتاي بىلەن سودا قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ سودا يۆنىلىشىنى كانادا - تۈركىيە سودىسىغا قارىتىشىدا يېڭى پۇرسەت ۋە رىقابەت بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.