كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋەكىللىرى كانادا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنغا قاتناشتى

7-فېۋرال كۈنى، كانادا باش مىنىستىرى ستېفېن خارپېر بېيجىڭنى زىيارەت قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، كانادا پارلامېنتىدا «دۇنيادىكى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ۋە ئەركىنلىكلەر» ناملىق يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.

0:00 / 0:00

بۇ يىغىنغا پارلامېنت ئەزالىرى، مىنىستىرلارنىڭ ۋەكىللىرى، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، تەتقىقاتچىلار ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ پروفېسسورلىرى قاتناشقان. كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تورونتودا تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى قاتناشقان بۇ يىغىندا، مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ رەئىسى رۇقىيە تۇردۇش خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قاتتىق ئاياق ئاستى قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بۇ يىغىننى ئەركىن بىر دۇنيا جەمئىيىتى، كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتى، كانادادىكى خرىستىئان،يەھۇدىي ۋە فالۇڭگۇڭ جەمئىيەتلىرى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان. يىغىندا سۆز قىلغۇچىلار دۇنيادىكى دىنلار ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، مۇستەبىت تۈزۈملەرنىڭ زۇلۇمى ئاستىدىكى ئىسلام، خرىستىئان ۋە يەھۇدىي دىنلىرىغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ چەتكە قېقىلىۋاتقانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ دىنىي ھوقۇقلىرىنىڭ ئاياق ئاستى قىلىنىپ، بوغۇلۇۋاتقانلىقى شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېغىر دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى قاتارلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويغان.

تورونتودا ياشايدىغان 20 دىن ئوشۇق ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى 700 كىلومېتىرلىق مۇساپىنى بېسىپ، ئوتتاۋادا ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر يىغىنغا قاتناشقان بولۇپ، كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رۇقىيە تۇردۇش خانىم يىغىندا سۆز قىلغان. ئۇ سۆزىدە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى يوقىتىپ تاشلاش ۋە ئۇلارنىڭ زېمىنى شەرقىي تۈركىستانغا ئوڭچە ئىگە بولۇش ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ئاياق ئاستى قىلىۋاتقانلىقى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئانا تىل ھوقۇقىنى چەكلەۋاتقانلىقى قاتارلىقلارنى ئەسكەرتكەن.