بۇ قېتىمقى سايلامنى كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە قۇرۇلغان كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سايلام ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلىش ئالىي كومىتېتى ئېلىپ بارغان بولۇپ، سايلام كانادادىكى ئۇيغۇرلار تارىخىدا ئېلىپ بېرىلغان تەسىر دائىرىسى بىر قەدەر زور، يۇقىرى ۋە ئوتتۇرا قاتلام زىيالىيلار ئاكتىپلىق بىلەن قاتناشقان ۋە كانادانىڭ دېموكراتىك پرىنسىپلىرىغا ماسلاشقان سايلام بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
27 - ماي تورونتودىكى مەركىزى بىلەت تاشلاش رايونىدا ئوچۇق ئاشكارا سانالغان بىلەت نەتىجىسىگە ئاساسەن 162 ئاۋاز بىلەن كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان قېيۇم مەسىمۇفنى تورونتودىكى ئۇيغۇرلار قىزغىن چاۋاكلار بىلەن تەبرىكلىدى. قېيۇم مەسىمۇف سايلام مەيدانىدا ھاياجانلانغانلىرىنى ئىپادىلىدى.
شۇ كۈنى ئېلىپ بېرىلغان سايلام جەريانىدا يەنە ئادىل ئابباس كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە سايلاندى. كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى رۇقىيە تۇردۇش ئادىل ئابباسنى كۆپچىلىككە تونۇشتۇردى.
سايلام ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بىز كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان مۇئاۋىن رەئىسى ئادىل ئابباسنى ۋە كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ يېڭى رەئىسى قېيۇم مەسىمۇفنىمۇ زىيارەت قىلدۇق.