يېقىندا كانادادا قۇرۇلغان كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سايلام ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلىش كومىتېتى كانادا مىقياسىدا داغدۇغىلىق سايلام ئۆتكۈزۈپ، كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەئىسىنى سايلاپ چىققاندىن كېيىن كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىرى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، كانادادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سايلامغا قاتنىشىش ئېڭى ۋە ئۆزئارا ئىتتىپاقلىق ئىشلىرىدا بۇرۇنقى يىللاردىكىگە سېلىشتۇرغاندا زور ئىلگىرىلەش بولغانلىقىنى بايان قىلىشتى شۇنداقلا كانادادىكى ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ كېلەچىكىگە بولغان ئۈمىدىنىڭ ئاشقانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
كانادادىكى ئۇيغۇرلار 27-ماي ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىس سايلىمى ئۆتكۈزگەن ۋە قېيۇم مەسىمۇفنى رەئىس قىلىپ سايلاپ چىققان ئىدى.
ئىزاھات: مەزكۇر سۆھبەتنىڭ بىر قىسمى شۇ كۈنى سايلام ئېلىپ بېرىلغان نەق مەيداندا ئۆتكۈزۈلگەن.