كانادا مەدەنىيەت ۋە كۆچمەنلەر مىنىستىرى جېيسون كېننى ئۇچرىشىشتا ئالدى بىلەن، كانادانىڭ تارىختىن بۇيان زۇلۇم چەككەنلەرنىڭ شۇنداقلا كوممۇنىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلارنىڭ ئىللىق ئائىلىسى بولۇپ كەلگەنلىكىنى شەرھلەپ ئۆتتى. ئۇ كانادانىڭ دەسلەپتە ئامېرىكىدىن قاچقان قارا قۇللارغا ئىنسانى ياردەم قولىنى سوزغانلىقىنى، 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان يەھۇدىيلارغا قۇچاق ئاچقانلىقىنى، ئاندىن سوۋېت كوممۇنىزمنىڭ تانكىلىرىدىن قاچقان زۇلۇمغا ئۇچرىغان ۋىنگىرىئانلار، فىلىپىنلىقلار شۇنداقلا خىتاي كوممۇنىزمىنىڭ دەھشەتلىك زۇلۇمىغا ئۇچراپ ئىنسانى قەدىر - قىممىتىنى يوقىتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ئۇيغۇر، تىبەت، فالۇڭگۇڭ قاتارلىقلارغا كىشىلىك ھوقۇق دېموكراتىيە مەشئىلىنى يېقىپ بەرگەنلىكىنى، ئوتتاۋا ھارپېر ھۆكۈمىتىنىڭمۇ دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسان ھەقلىرى مەيدانىنىڭ ئېنىق ئىكەنلىكىنى، ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتالمايۋاتقانلارنىڭ ئاۋازى بولۇۋاتقانلىقىنى شەرھلەپ ئۆتتى.
جېيسون كېننى يەنە، كانادانىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ ئىللىق ئائىلىسى ئىكەنلىكىنى، كانادانىڭ ھەر يىلى بىر مىليوندىن ئارتۇق سىياسىي پاناھلانغۇچىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ھەر يىلى20% ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.
كۆرۈشۈشتە كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەھبەرلىرى بىلەن «ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەلەيكۇم» دەپ ئۇيغۇرچە كۆرۈشكەن جېيسون كېننى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.
ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىدىن تولۇق خەۋىرى بارلىقىنى بىلدۈرگەن، جېيسون كېننى ئۇيغۇر مىللىي رەھبىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى رابىيە قادىر خانىمغا يۇقىرى باھا بېرىپ ئۇنى ئېزىلگەن مىللەتلەرنىڭ كۈرەش چېمپىيونى دەپ تەرىپلىدى. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىسى مەمەت توختى بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى تىلغا ئالدى. كانادانىڭ ئۇيغۇر پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ قانداق قىلىپ خىتاي تۈرمىسىگە چۈشۈپ قالغانلىق ئەھۋالىنى كۆپچىلىككە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئۆتكەن يىلى 1000 تىبەتلىكنى كاناداغا ئەكېلىش قارارى ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن جېيسون كېننى ئۇيغۇرلارغىمۇ بۇنداق پروگراممىلارنى يولغا قويۇشنىڭ مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى قەيت قىلدى.
ئۇچرىشىشتا كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى قېيۇم مەسىموف جېيسون كېننىغا ئۇيغۇر دوپپىسى ۋە رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھاياتى پائالىيەتلىرى تونۇشتۇرۇلغان ئەجدىھا بىلەن ئېلىشقان ئايال ناملىق كىتابنى سوغا قىلدى.
ئۇچرىشىش ئۈچۈن تەييارلانغان تاماققا داخىل بولغان جېيسون كېننى ئۇيغۇر ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىكتە رەسىمگە چۈشتى ھەمدە ئۇلار بىلەن كەڭ كۇشادە سۆھبەتلىشىپ ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى، پىكىر تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى.
تاماق جەريانىدا كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى قېيۇم مەسىموف بىلەن فرانسۇزچە سۆزلەشكەن جېيسون كېننى قېيۇم مەسىموفنىڭ راۋان فرانسۇزچە تەلەپپۇزىغا قاراپ، «فرانسۇزچىنى بەك چىرايلىق سۆزلەيدىكەنسىز، قايەردە ئۆگەندىڭىز» دەپ سورىدى. قېيۇم مەسىموف كاناداغا كەلگەندىن كېيىن ئۆگەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەندە، مىنىستىر «ئوھوي، ئوڭاي ئەمەس، فرانسۇزچىدا بۇنداق سەۋىيىگە يېتىش» دەپ قېيۇم مەسىموفقا يۇقىرى باھا بەردى.
ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، شۇ كۈنكى ئۇچرىشىشنى ھازىر تورونتو شەھىرىدە ياشاۋاتقان خىتاي دېموكراتچىلىرىدىن شېڭ شۆ خانىم ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، ئۇچرىشىش شېڭ شۆ خانىمنىڭ ئۆيىدە ئېلىپ بېرىلدى.
بۇ، مىنىستىر جېيسون كېننىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلار بىلەن كۆرۈشۈشى ئەمەس، ئۇ ئالدىنقى قېتىم كانادانىڭ ۋانكۇۋېر شەھىرىدىكى ئۇيغۇر ۋەكىللىرى بىلەنمۇ كۆرۈشكەن. رابىيە قادىر خانىم ئۆتكەن قېتىم كانادانى زىيارەت قىلغاندا، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، رابىيە قادىر خانىمغا ئىلھام، كۈچ ۋە جاسارەت بەرگەن ئىدى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.