0:00 / 0:00
كانادا ئاسىيا ئىشلىرى كومىسسىيۇنىنىڭ بۇ يىغىنى كانادانىڭ ئاسىياغا قاراتقان سىياسىتىدە تولۇقلىما خاراكتېرلىك پىكىر ئېلىشنى مەقسەت قىلغان بىر يىغىن بولۇپ، كانادانىڭ ئاسىيا سىياسىتىنى بەلگىلىشىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز قېيۇم مەسىمۇف ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ بۇ يىغىننىڭ ئاساسى مەقسىتى ھەققىدە توختالدى.
كومىسسىيۇن خادىملىرى يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن قېيۇم مەسىمۇف ئەپەندى بىلەن ئايرىم 2 سائەت سۆھبەتلەشكەن. قېيۇم مەسىمۇف بۇ 2 سائەتلىك سۆھبەت ھەققىدە توختالدى.
كانادانىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئالاھىدە قىزىقىۋاتقانلىقى ھەققىدە توختالغان قېيۇم مەسىمۇف ئۇيغۇر خەلقىنى ئۈمىدۋار بولۇشقا دەۋەت قىلدى.
بۇ پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.