' كانادانىڭ گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلماسلىقى ‏- ئاجىزلىقى'

گۈەنتانامودىكى 17 نەپەر ئۇيغۇرنى كانادا تەرەپنىڭ پۈتۈنلەي رەت قىلغانلىقى، ئۇيغۇرلار جۈملىدىن گۈەنتانامۇ تۈرمىسىدە گۇناھسىز يېتىۋاتقان بۇ 17 نەپەر تۇتقۇن ئۈچۈن كۆڭۈلسىز خەۋەر بولسىمۇ، ئەمما بۇ خەۋەر كانادانىڭ ھەر قايسى چوڭ گېزىت، رادىئو، تېلىۋىزىيە قاناللىرىدا ئېلان قىلىنىپ ئۇيغۇرلارنى كانادا خەلقىگە جۈملىدىن دۇنياغا تونۇتۇشتا بەلگىلىك رول ئوينىدى.

0:00 / 0:00

بۇ خىل ماقالىلەرنىڭ بىرى، يېقىندا ئامېرىكىدا چىقىدىغان بىر قانۇنچىلىق ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان " كانادانىڭ گۈەنتانامۇدىكى 17 نەپەر ئۇيغۇرنى قوبۇل قىلماسلىقى كانادانىڭ خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى ئاجىزلىقى " دېگەن ماۋزۇدىكى بىر پارچە ماقالىدىن ئىبارەت.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن ماقالە ئاپتۇرى، ھازىر كانادادا پائاليەت ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇستەقىل سىياسىي پائاليەتچى مەمەت توختىنى زىيارەت قىلدىم.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.