كانادادىكى ئۇيغۇرلار بىر تەرەپتىن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىغا ماسلىشىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قىرغىنچىلىق ھەرىكەتلىرىنى توختىتىپ،كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدىكى مۇراجەتنامىغا ئىمزا توپلاش ھەرىكىتىگە جىددى ئىمزا توپلاش ئېلىپ بارسا، يەنە بىر تەرەپتىن كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە پارلامېنت ئەزالىرىغا خەت يېزىش كومپانىيىسى تەشكىللەپ، ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئاسسىمىلىياتسىيە سىياسىتى ئىكەنلىكىنى تونۇشتۇرۇپ خەت يېزىپ، كانادا ھۆكۈمىتىنى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىغا ئىنكاس قايتۇرۇشقا ۋە شەرقى تۈركىستانغا بىر بىتەرەپ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىشكە چاقىردى.
جۈمە نامىزىدىن پايدىلىنىپ كانادادىكى مۇسۇلمانلارغا، ھەر كۈنى كوچىلارغا چىقىپ باشقا مىللەتلەرگە 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى رەسىملىك تەشۋىقات ۋاراقچىلىرى تارقىتىش كانادادىكى ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرى.
كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە نۆۋەتتە ئېلىپ بېرىۋاتقان 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن تۈرلۈك شەكىلدىكى تەشۋىقات پائاليەتلىرى ھەققىدە، كانادا ئۇيغۇر جەمئىيتىنىڭ رەئىسى رۇقىيە تۇردۇش بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ سۆھبەت خاتىرىسىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.