كانادانىڭ مەدەنىيەت ۋە كۆچمەنلىك ئىشلىرى مىنىستىرى جېيسون كېننىي ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلدى

كانادانىڭ مەدەنىيەت ۋە كۆچمەنلىك ئىشلىرى مىنىستىرى جايسون كېننىي ئەپەندى 26 - سېنتەبىر كۈنى چۈشتىن كېيىن، تورونتودىكى ئاناتولىيە ئىسلام مەركىزىدە، تورونتودا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بارلىق تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، كانادا پۇقرالىقىدىكى تۈركىي مىللەتلىرى ئارىسىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالدى.

0:00 / 0:00

كانادادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رۇقىيە تۇردۇش خانىم يىغىنغا قاتنىشىپ، 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ ماھىيىتى ۋە ئۇيغۇر دىيارىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسى ئەھۋالى ھەققىدە مىنىستىر جايسون كېننىي ئەپەندىگە مەلۇمات بەردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.