ۋانكوۋېردىكى خىتايلار ئۇيغۇرلارنى ئەيىبلەيدىغان نامايىش ئۆتكۈزۈشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئۇرۇنۇش دېگەندەك نەتىجە بەرمىدى.
يەكشەنبە كۈنى كانادانىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان برىتىش كولۇمبىيە شىتاتىدىكى ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 5 - ئىيۈل كۈنى ئۈرۈمچىدىكى نامايىشنى قانلىق شەكىلدە باستۇرغانلىقى ۋە خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بۇ ۋەقەنى بۇرمىلاپ خەۋەر قىلىۋاتقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ۋە كانادا ھۆكۈمىتىنى بۇ مەسىلىدە، خىتاي دائىرلىرىگە قاراتقان بېسىمنى كۈچەيتىشكە ئۈندەش ئۈچۈن ۋانكوۋېر شەھىرىدە نامايىش ئېلىپ باردى.
نامايىش ۋانكوۋېرنىڭ شەھەر مەركىزىدىكى سەنئەت سارىيىنىڭ ئالدىدا، شۇ يەرنىڭ يەرلىك ۋاقتى بىلەن سائەت ئىككىدە باشلاندى. شەرقى تۈركىستاننىڭ ئاييۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەيدىغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرگەن نامايىشچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى، بالىلارنى ۋە ئاياللارنى ئۆلتۈرۈشنى توختىتىشقا ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرىدىكى يالغانچىلىقلارنى يىغۇشتۇرۇشقا چاقىرىدىغان شۇئارلارنى توۋلاشتى.
نامايىشقا ۋانكوۋېر شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلاردىن باشقا تىبەتلىكلەر، تۈركلەر ۋە ئەزەربەيجانلىقلاردىن بولۇپ 400 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.
يەكشەنبە كۈنى بۇ شەھەردىكى خىتاي پۇقرالىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغان نامايىش ئۆتكۈزۈشنى پلانلىغان بولسىمۇ،لېكىن ئۇلارنىڭ سانى بىر قانچە ئادەمدىن ئاشمىدى.
بۇ نامايىش كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ۋانكوۋېردىكى ھەيئەت ئەزاسى ئۆمەرجاننىڭ نامايىش ئەھلىگە قىلغان خىتابى بىلەن باشلاندى.
ۋانكوۋېردىكى سىياسىي پائالىيەتچى ئۆمەرجان ئەپەندى، ياسىنجان ئەپەندىلەر بۈگۈنكى نامايىش ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى. نامايىشتا سۆز قىلغان تىبەتلىكلەرنىڭ ۋەكىلى ئۇرۇمچىدىكى ۋەقەنىڭ ئىككى مىللەت ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ئەمەس، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوچۇق - ئاشكارا قىرغىنچىلىقى ئىكەنلىكىنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن تىبەتلىكلەرنىڭ ھەققانىي تەلىپىگە قۇلاق سېلىشنىڭ ئورنىغا، ئۇلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
بۇ ۋانكوۋېردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۇمىتىگە قارشى ئۆتكۈزگەن 2 - قېتىملىق نامايىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.