كانادا نېمىشقا خىتايدىكى دىنىي ئېتىقاد دەپسەندىچىلىكلىكلىرىنى ئەيىبلەش ئۈچۈن خەلقئارا دىپلوماتىك سورۇنلارنى تاللىدى؟

كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جوھن بائىرد ئالدىنقى يىلىنىڭ ئاخىرىلىرىدا نيۇيوركتىكى ب د ت نىڭ ئومۇمى يىغىنىدا ئۇيغۇرلار، تىبەتلىكلەر ۋە فالۇڭگۇڭ مۇرىتلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىگەندى.

0:00 / 0:00

ئۇ، بۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا ئەنگىلىيىنىڭ لوندون شەھىرىدە يوقىرىقى ئەيىبلەشلەرنى قايتا تەكرارلىدى. كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ بۇ ئەيىبلىشى، ستېپھېن ھارپېرنىڭ بېيجىڭ زىيارىتىگە ئىككى ھەپتە قالغان نازۇك بىر ۋاقىتقا توغرا كەلدى. كانادا نېمىشقا خىتايدىكى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى دەپسەندىچىلىكلىكلىرىنى ئەيىبلەش ئۈچۈن خەلقئارا دىپلوماتىك سورۇنلارنى تاللايدۇ؟

بۇ ھەقتە كانادادىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى رۇقىيە تۇردۇش بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتنى ئاڭلاڭلار.