خىتاينىڭ كانادا بىلەن بولغان سودا ھەمكارلىقى كانادا سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟

كانادادىكى كۆپلىگەن كىشىلەر خىتايدەك بىر دىكتاتور دۆلەتنىڭ كاناداغا زور كۆلەملىك مەبلەغ سېلىشىنىڭ، كانادانىڭ دېموكراتىك پرىنسىپلىرىغا تەسىر كۆرسىتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن.

0:00 / 0:00

يېقىنقى يىللاردا مەن كىشىلىك ھوقۇقنى دوللارغا تېگىشمەيمەن دېگەن ئىبارىلىرى بىلەن خىتايغا بولغان كەسكىن مەيدانىنى ئىپادىلەپ، كانادالىقلارنى جۈملىدىن كانادادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر، تىبەت، فالۇنگۇڭ ۋە خىتاي دېموكراتلىرىنى جاسارەتلەندۈرگەن ستەۋېن خارپېر ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن بۇيان خىتاي بىلەن بولغان ئالاھىدە يۇقىرى سودا توختاملىرىنى ئىمزالىشى، بولۇپمۇ خىتاي شىركەتلىرىنىڭ كانادا نېفىتلىكلىرىنى سېتىۋېلىشى يۇقىرىقىدەك كىشىلىك ھوقۇق تەلىپىدە بولۇۋاتقان كانادا ۋەتەنداشلىرىنى ئەنسىرىتىپلا قالماي، كانادادىكى سىياسەتچىلەر ۋە سىياسىي مۇلاھىزىچىلەرنىمۇ ئەنسىرەتمەكتە.

يېقىندا كانادادا چىقىدىغان «سودا مەلۇماتلىرى» ناملىق ژۇرنالدا قىزىل ۋە قارا ناملىق ئوبزورچى ماقالىسى ئېلان قىلغان مۇخبىر دەرك ئەپەندى ماقالىسىدە كانادانىڭ ئۈزلۈكسىز ھالدا خىتايغا مايىل بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت بىر ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ مۇنداق يازىدۇ:
«كانادا بىر تەرەپتىن دىكتاتور كوممۇنىست ھاكىمىيەتلەر بىلەن ھەمكارلاشمايدىغانلىقىنى بايان قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن زور كۆلەملىك ئىقتىسادى توختاملار تۈزۈۋاتىدۇ. كانادانىڭ خىتايغا تەتۈر قارىغىنىغا قارىماي، خىتاي ھازىرغا قەدەر دىكتاتور ھاكىمىيەت بولۇپ قېلىۋەردى شۇنداقلا كانادانىڭ ئەڭ يېقىن سودا شېرىكى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. كانادامۇ بارغانچە بۇ مۇھىتقا ئۆگىنىپ قېلىۋاتىدۇ. ئەينى يىللاردا، سابىق كانادا باش مىنىستىرى پائۇل مارتىننى دىكتاتور خىتاي بىلەن ئاپاق-چاپاق بولدى دەپ ئەيىبلىگەن ستەۋېن ھارپېرنىڭ سودا كېمىلىرى ئەمدىلىكتە خىتايغا تازا قاتراۋاتىدۇ. ئەگەر بۇنداق كېتىۋەرسە، كانادا خىتايغا تەسىر كۆرسىتىش ئۇياقتا تۇرسۇن، بەلكى خىتاي كانادانىڭ سىياسىي مەيدانىغا ۋە دېموكراتىك پرىنسىپلىرىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.»

يېقىندا كانادادىكى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان فوندىنىڭ باشلىقى يۈەن پاۋۋۇ ئوتتاۋاغا سىگنال بېرىپ، خىتاي، كانادا ئىقتىسادى ساھەسىگە چوڭقۇرلاپ كىرىشنى پىلانلاۋاتىدۇ، بۇ ئوتتاۋادىكى سىياسەتچىلەر ئۈچۈن جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش دېگەن ۋە كانادالىق سىياسەتچىلەرنى، خىتاينىڭ كاناداغا ئۈزلۈكسىز مەبلەغ سېلىشىنىڭ كانادا سىياسىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىدىن سەزگۈر بولۇشقا چاقىرغان.

يېقىندا خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ كونتروللۇقىدىكى «Pétrol China» دەپ ئاتىلىدىغان نېفىت شىركىتىنىڭ باشلىقى جاڭ جېمىننى زىيارەت قىلغان، يەر شارى مەكتۇپلىرى گېزىتىنىڭ مۇخبىرى كامبەل كلارىك مۇنداق دەپ يازىدۇ:
«جاڭ جېمىن 55 ياش، كوممۇنىست، شۇنداقلا خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى كونتروللۇقىدىكى پېترول چىنا ناملىق شىركەتنىڭ كانادادىكى ۋەكىلى. خىتاينىڭ مەقسىتى كاناداغا مەبلەغ سېلىشلا ئەمەس، بەلكى كانادانىڭ نېفىت بايلىقىغا پۈتۈنلەي ئىگىدارچىلىق قىلىش، بۇ خىتاينىڭ كاناداغا سىڭىپ كىرىش ئىستراتېگىيىسىنىڭ بىر قىسمى. يېقىن كەلگۈسىدە كانادالىقلار غەرب قىممەت قارىشى بىلەن پۈتۈنلەي چىقىشالمايدىغان جاڭ جېمىندەك كوممۇنىستلارنىڭ كاناداغا يامراپ كەتكەنلىكىنى ۋە كانادا نېفىتلىكلىرىنى قانداق قامال قىلىدىغانلىقىنى كۆرىدۇ.»

كانادانىڭ خىتاي بىلەن سودا جەھەتتە شېرىكلىشىپ، كىشىلىك ھوقۇقنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇشىدىن ئەندىشە قىلىدىغان مىللەتلەرنىڭ بىرى ئۇيغۇرلار.

ھازىر كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە ياشاۋاتقان سىياسىي مۇلاھىزىچى دىلشات ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ ئۆز كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.