كانادا تاشىقى ئىشلار مىنىستىرى خىتاينى زىيارەت قىلىدۇ

كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جوھن بائىرد خىتاينى زىيارەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ زىيارىتىنىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپىدە سودا مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق سۆھبەتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق مەزمۇنلار بار.

0:00 / 0:00

بۇ زىيارەت ھارپىسىدا، كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى ئىچىگە ئالغان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، كانادا ھۆكۈمىتىگە خەت يېزىپ، ھۆكۈمەتنى ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىگە ۋە نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇملارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى.

كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جوھن بائىرد 5 كۈنلۈك زىيارەت ئۈچۈن شەنبە كۈنى بېيجىڭغا يېتىپ بارىدۇ. ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ ئاساسلىق نىشانلىرىدىن بىرى-كانادا باش مىنىستىرى ستېپھېن ھارپېرنىڭ بۇ يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا، خىتايغا قىلىدىغان رەسمىي زىيارىتىگە تەييارلىق قىلىشتۇر. جوھن بائىرد كانادا يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش ھەققىدە خىتايغا داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇ، خىتاينى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ خەلقئارالىق ئۆلچەملىرىگە بويسۇنۇشقا ئۈندەيدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى يېڭى بىر سەۋىيىگە كۆتۈرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەنىدى.

كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، بۇ قېتىمقى زىيارەت جەريانىدا مىنىستىر جوھن بائىرد خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جيېچى ۋە باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشكەندىن باشقا، خىتاي سودا ساھەسىدىكىلەرنىڭ ھەمدە كانادانىڭ خىتايدىكى سودا ئورگانلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچرىشىدىكەن. بۇ يۇقىرى دەرىجىلىك زىيارەت كانادا سودا ساھەسىدىكىلەرنى مەمنۇن قىلغان بولۇپ، ئۇلار بۇنى كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن سودا-تىجارەت ۋە باشقا مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش ئىرادىسىنىڭ بېشارىتى، دەپ قارىماقتا. خىتاي كانادانىڭ ئىككىنچى چوڭ سودا شېرىكى بولۇپ، بۇلتۇر خىتاينىڭ كاناداغا سالغان مەبلىغى 14 مىليارد دوللارغا يەتكەن. كانادا بىلەن خىتاي، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھازىرقى سودا سوممىسىنى 2015-يىلىغا بارغاندا بىر قاتلاشنى پىلانلىماقتا.

مىنىستىر جوھن بائىردنىڭ بۇ زىيارىتىنىڭ يەنە بىر مەزمۇنى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدىن كېلىپ چىققان، كانادانىڭ ئەندىشىلىرىنى خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۇچرىشىشتا ئوتتۇرىغا قويۇشتۇر. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بېرى بارغانسېرى ناچارلىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىمەكتە. ستېپھېن ھارپېر يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت پروگراممىسىدىمۇ، كانادانىڭ دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇننىڭ مۇقەددەسلىكى قاتارلىق مەسىلىلەردە خىتاي بىلەن ئاشكارا سۆزلىشىدىغانلىقى ۋە خىتاي تەرەپ بىلەن بۇ جەھەتتە ئەمەلىي ئۈنۈمى بولغان سۆھبەتلەرنى ئېلىپ بارىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى. مۇتەخەسسىسلەر كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان يېڭى مۇناسىۋەتتە سودا- تىجارەت بىلەن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە باراۋەر مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رۇقىيە تۇردۇش كانادانىڭ خىتاي بىلەن سودا مۇناسىۋەتلىرىدە كۆپلىگەن ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، بۇ كوزۇردىن پايدىلىنىش كېرەكلىكىنى تىلغا ئالدى.

كانادا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە سوغۇقچىلىق سالغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى - كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ زورلۇق ۋاسىتىلەر بىلەن ئۆزبەكىستاندىن ئېلىپ كېتىلىشىدۇر.

ئىلگىرى كانادا ئەمەلدارلىرى،خىتاي تەرەپنىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەر قېتىمقى كۆرۈشۈشتە،خىتاي تەرەپكە ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەن ئىدى. مىنىستىر جوھن بائىردنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ كۈنتەرتىپىدە ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسى بارمۇ-يوق؟

رۇقىيە تۇردۇش بۇ زىيارەتنىڭ ھارپىسىدا، كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇ مەسىلىنى ھۆكۈمەتنىڭ سەمىگە سالغانلىقىنى، ئۇنىڭسىزمۇ ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىنىڭ كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

بۇ جوھن بائىردنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سالاھىيىتى بىلەن خىتاينى تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ماي ئېيىدىكى سايلامدا، كونسېرۋاتىپ پارتىيىسى ئۇتۇپ چىقىپ، كۆپ سانلىقلار ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندا،جوھن بائىرد باش مىنىستىر ستېپھېن ھارپېر تەرىپىدىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قىلىپ بېكىتىلگەنىدى.