ماقالىدە يەنە، 2006 - يىلى كانادا باش مىنىستىرى ستېۋېن خارپېرنىڭ، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ۋە دېموكراتىك پرىنسىپلارنىڭ ئاياق ئاستى قىلىنىشىغا كانادانىڭ قاراپ تۇرالمايدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ: "مەن كانادا خەلقى ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم بولغان قىممەت قاراشلىرىنى دوللارغا سېتىۋەتمەسلىكىمىزنى ئۈمىد قىلىدۇ دەپ قارايمەن. بۇ ئۇلۇق قىممەت قاراش،دېموكراتىيە، ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇقتىن ئىبارەتتۇر شۇنداقلا بۇ قىممەت قاراش دوللاردىنمۇ قىممەتلىكتۇر " دىگەنلىكىنى، ئەمما ئارىدىن 4 يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە يەنى خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ كانادا زىيارىتى ھارپىسىدا،خارپېرنىڭ خىتايغا بولغان مەيدانىدا ئەسلىدىكى قاتتىق قوللۇقتىن كۆپ يۇمشاشنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى پەرق ئېتىشنىڭ تەس ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ كانادا زىيارىتى ھارپىسىدا،كانادا مەتبۇئاتلىرىنىڭ كانادا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە ئېلىپ بارغان زىيارىتى جەريانىدا خارپېر: "بىز خىتاي - كانادا مۇناسىۋەتلىرىدە ئازراق تەڭشەش ئېلىپ باردۇق، ھۆكۈمىتىم كانادا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ كەلمەكتە. بىز كانادا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە تېخىمۇ كەڭرەك نۇقتىئىينەزەردە مۇئامىلە قىلىشنى قارار قىلدۇق. بۇلار كانادا كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر ۋە خىتاينىڭ سىياسىتى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كانادا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرى قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ كەتتى"دېگەن.
خارپېرنىڭ بۇ سۆزلىرى كانادادىكى خىتاي - كانادا سودا ئىشلىرىنى قوللايدىغان لوبىچى گۇرۇپپىلارغا بەك خۇش ياققانلىقى مەلۇم.
ماقالىدە لېبىراللار پارتىيىسىنىڭ باشلىقى مايكىل ئېگناتىفنىڭمۇ خىتاي مەيدانىدىكى ئىككى يۈزلىمىچىلىكى،ئۇنىڭ 4 يىل بۇرۇن خىتاي ھەققىدە تۇتقان مەيدانى بىلەن ھازىرقى مەيدانىدا تۈپتىن ئۆزگىرىش بولغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ، شۇ ۋەجىدىن كانادانىڭ خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە يېڭىلىپ قېلىۋاتقانلىغىدەك بىر ئىدىيىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئاپتور ماقالىسىدە، بۇندىن 4 يىل بۇرۇن ئېگناتىفنىڭ،ۋانكۇۋېردىكى بىر پائالىيەتتە مۇخبىرنىڭ ئەگەر سىز كاناداغا باش مىنىستىر بولسىڭىز، خىتاي رەھبەرلىرىگە نېمە دېگەن بولاتتىڭىز؟ دېگەن سوئالىغا: "مەن خىتاي رەھبەرلىرىدىن، سىلەر دۆلىتىڭلارنىڭ تەرەققىياتىنى قۇللۇق تۈزۈم ئۈستىگە قۇرماقچىمۇ دەپ سورايتتىم" دەپ جاۋاب بەرگەنلىكىنى، ئەمما ئۆتكەن ھەپتە خىتايدا زىيارەتتە بولغان ئېگناتىفنىڭ، خىتايغا خۇشامەت قىلىش پوزىتسىيىسىدە بولغانلىقىنى، ئۇنىڭ كانادا تارىخىدا پەقەت بىرلا قېتىم بولۇپ ئۆتكەن، كانادانىڭ يەرلىك ئىندىئانلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئۆز مەدەنىيىتى ۋە ئۆز ئانا تىلىدىن ئايرىپ ئىنگىلىزلارنىڭ تەربىيىلىشىگە مەجبۇرلىغانلىغىدەك بىر تارىخنى ئەسلەپ، كانادا تارىخىدىمۇ مانا مۇشۇنداق خاتالىقلار بولۇپ ئۆتكەن دېيىش ئارقىلىق،خىتايغا تەسەللى بەرمەكچى بولغانلىقىنى مەسخىرە قىلغان. ئاپتور يەنە: " خىتاي ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرى ئۈچۈن ئاز سانلىق مىللەتلەردىن، ئوخشىمىغان كۆز قاراشتىكىلەردىن، سىياسى مەھبۇسلاردىن بىرەر قېتىممۇ ئەپۇ سوراپ باققان بىر دۆلەت بولسا ئىدى كاشكى، ئۇ چاغدا خىتايغا كانادا بىلەن بۇ جەھەتتە تەڭ سەۋىيىدە مۇئامىلە قىلغىلى بولاتتى. ئەمما، بەك ئەپسۇس، خىتاي ئۇنداق ئەمەس " دەپ يازىدۇ.
بولۇپمۇ، لېبىراللار پارتىيىسىنىڭ باشلىقى مايكىل ئېگناتىفنىڭ خىتايغا بولغان مەيدانىدىكى بۇرۇلۇش ۋە ئىككى يۈزلىمىچىلىك كانادادا كەڭ غۇلغۇلا قىلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، كانادادىكى بەزى سىياسەتچىلەرنىڭ خىتايغا سېتىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر كانادا بىخەتەرلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ئېگناتىف تورونتودىكى خىتاي مەدەنىيەت مەركىزىگە كېلىپ سۆز قىلغان ۋە خىتاي دۆلەت رەئىسى كانادانى زىيارەت قىلىۋاتقان بىر مەزگىلدە بۇنداق بىر پاكىتلىرى تولۇق بولمىغان بىر خەۋەرنىڭ تارقىلىشىنىڭ ياخشى تەسىر پەيدا قىلمىغانلىقىنى، بۇنىڭ خىتاي - كانادا مۇناسىۋەتلىرىگە تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي، يەنە كانادا ھۆكۈمىتى بىلەن كانادا پۇقرالىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكىمۇ تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە: "ئەگەر مەن خۇ جىنتاۋنىڭ ئورنىدا بولغان بولسام، قانداق قىلغان بولاتتىم؟" دېگەن. ئېگناتىفنىڭ يەنە، كانادا بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى رىچارد ئەپەندىگە تېلېفۇن قىلىپ، بۇ مەسىلىنى سۈرۈشتە قىلغانلىقى مەلۇم.
ئېگناتىفنىڭ خىتاي مەيدانىدىكى بۇ ئىككى يۈزلىمىچىلىكى، كانادادىكى خىتايغا قارشى تەشكىلاتلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان بولۇپ، كانادادىكى خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى مايكىل ستون ئەپەندى، كانادادا چىقىدىغان دۆلەت پوچتىسى ۋە يەر شارى پوچتىسى گېزىتلىرىدە ئارقا - ئارقىدىن ماقالىلەر ئېلان قىلىپ، كانادا سىياسەتچىلىرىنىڭ ئىككى يۈزلىمىچىلىكى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقان خىتايدەك دىكتاتۇر بىر دۆلەتنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇۋاتقانلىقىغا ئۆز نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، كانادادا بىر مىليۇن 300 مىڭ خىتاي نوپۇسى بار بولۇپ، ئېگناتىفنىڭ بۇنداق قىلىشىدىكى سەۋەب، سايلامدا كانادادىكى خىتاي نوپۇسىنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش ئۈچۈن ئىكەن.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىز.