كانادا، '2008 نىزامنامىسى' خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىشى ئۈچۈن پايدىلىق دېمەكتە

كانادانىڭ تورونتو شەھىرىگە ئورۇنلاشقان خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشىلىك ھوقۇق بىرلەشمىسى ئالدىنقى ھەپتىدە، مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ھەمدە كانادا باش مىنىستىرى ستېپھېن ھارپېر، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋرەنكې كاننون ۋە ھەر قايسى ئۆكتىچى پارتىيىلەرنىڭ رەھبەرلىرىگە مەكتۇپ يوللاپ، ئۇلاردىن، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشقا "2008 نىزامنامىسى" نى قەلەمگە ئالغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان، ئوخشىمىغان سىياسى كۆز قاراشتىكى يازغۇچى ليۇ شاۋبونى قويۇۋېتىشكە ۋە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ "2008 نىزامنامىسى"نى ئەركىن مۇنازىرە قىلىشى ۋە ئىمزالىشىغا يول قويۇشقا خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

0:00 / 0:00

2008 نىزامنامىسى خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىشى ئۈچۈن ئۈمىد

كانادا كىشىلىك ھوقۇق بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇلى مىچائېل كرائىگ 2008 نىزامنامىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قوشۇلۇشىنىڭ خىتايدىكى دېموكراتىيىلىشىشنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن بىر ئۈمىد ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ: "2008 نىزامنامىسى" خىتاي جەمئىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشى ئۈچۈن ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك دېموكراتىك ھۆججەت. كانادا ۋە خەلقئارا جەمئىيەت 2008 نىزامنامىسىنىڭ ئېلان قىلىشىنى قوللىشى،ستېپھېن ھارپېرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيا رەھبەرلىرى ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى مەيدانىنى ئاشكارا ئېلان قىلىش كېرەك. 2008 نىزامنامىسى خىتاي خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىدىن قۇتۇلۇشى ۋە دېموكراتىك ھوقۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈشى ئۈچۈن ھەيدەكچىلىك رول ئوينايدۇ، دېگەن ئىدى.

خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق نۇقتىئىنەزىرى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كانادادىكى باش ئەلچىخانىسى ئالدىنقى كۈنى، بۇنىڭغا جاۋابەن كانادادىكى مەتبۇئاتلارغا مەكتۇپ يوللىدى. ئۇلارنىڭ مەكتۇبىدا، "يېقىندىن بېرى، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىدا ئىلگىرىلەش بولۇپلا قالماي، بەلكى كىشىلىك ھوقۇقتا، خىتاي تارىختىكى ئەڭ ياخشى ۋەزىيەتتە تۇرماقتا.خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى قۇرۇلغان بىرىنچى كۈنىدىن تارتىپلا، ئۇلار خىتاي خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ كەلدى. خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن غايەت زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتى،" دېيىلگەن.

كانادا كىشىلىك ھوقۇق بىرلەشمىسى كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتى، تىبەت كومىتېتى قاتارلىق جەمئىيەت ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرىدىن تەشكىل قىلىنغان. كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رۇقىيە تۇردۇش خانىم خىتاينىڭ بايانلىرىنىڭ يالغانچىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى،ئۇلارنىڭ مەقسىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنىڭ دۇنياۋى مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاي دۇنيانىڭ كۆزىنى بوياشقا ئۇرۇنماقتا

خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ مەكتۇبىدا، "خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيا يەر مەيدانىنىڭ %5 گە يەتمىگەن زېمىندا،دۇنيا نوپۇسىنىڭ %22 نى ئىگىلەيدىغان ئادەمنى باقماقتا، بۇ پۈتۈن دۇنيانىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى ئۈچۈن غايەت زور تۆھپە دېيىلگەن.رۇقىيە تۇردۇش خانىم خىتاينىڭ بۇ قاراشلىرىنىڭ مەنتىقىگە ۋە بىر ‏ - بىرىگە زىت بايانلار ئىكەنلىكىنى،ئۇلارنىڭ بۇ سۆزلىرى ئارقىلىق دۇنياغا تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ جاۋاب مەكتۇبىدا يەنە،خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بەزى خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق قانۇنلىرى ۋە قانۇن لايىھىلىرىنى ئىمزالىغانلىقى، ماقۇللىغانلىقى ھەمدە خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 2007 - يىلىدىكى 17 - قۇرۇلتىيىدا،كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىشنى كومپارتىيىسىنىڭ نىزامنامىسىغا كىرگۈزگەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

كانادا ئۇيغۇر ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رۇقىيە تۇردۇش خانىم خىتاي قول قويغان، ئىمزالىغان ۋە ئۆزى تۈزگەن قانۇنلارنىڭ ھېچ بىرىگە ئەمەل قىلمىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئېقى قەغەز، قارىسى سىيا دېگەندەك نەرسىگە ئايلانغانلىقىنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە، ئۆز قانۇنلىرىنى ئۆزلىرى ئاياق ئاستى قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

2008 نىزامنامىسىنى يەنىلا دېموكراتىك تەشەببۇس دېيىشكە بولىدۇ

"2008 نىزامنامىسى" چېخوسلوۋاكىيەدە ۋاتسلاۋ خاۋېل باشچىلىقىدىكى ئۆكتىچى زىيالىيلار تەرىپىدىن 1977 - يىلى ئېلان قىلىنغان "77 نىزامنامىسى"نىڭ روھى بۇيىچە تۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاساسلىقى، خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىنى ئۆزگەرتىپ، دېموكراتىك قانۇننى تۇرغۇزۇش، ئەدىلىيىنىڭ مۇستەقىللىقىگە كاپالەت قىلىش، بىر پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى تۈزۈمگە خاتىمە بېرىپ، دېموكراتىك بولغان فېدېراتىك تۈزۈمنى يولغا قويۇش، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە پۇقرالارنىڭ تەڭ - باراۋەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشقا ئوخشاش 19 تەشەببۇس ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئەمما بۇ نىزامنامىدا تىبەت ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىلىرىنىڭ قانداق ھەل قىلىنىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.