كانادا باش مىنىستىرى خىتايدا ھۈسىيىن جېلىل مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويامدۇ؟

كانادا باش مىنىستىرى ستېفېن خارپېرنىڭ خىتايدا ئېلىپ بارىدىغان 4 كۈنلۈك زىيارىتى جەريانىدا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى قاتارىدا تۈرمىدە يېتىۋاتقان يازغۇچى نۇرمەمەت ياسىننىڭ مەسىلىسنى تىلغا ئالىدىغانلىقى مەلۇم بولماقتا.

0:00 / 0:00

ھالبۇكى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئوخشاشلا خىتاي تۈرمىسىگە قامالغان كانادا پۇقراسى ھۈسىيىن جېلىل مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان ‏- قويۇلمايدىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات يوق.

ئەمما دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ قىياس قىلىشىچە، ستېفېن خارپېر خىتاي ھۆكۈمىتىگە مۈتلەق يوسۇندا ھۈسىيىن جىلىل مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مەمەت توختى ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.