كانادادا خىتاي ئايال جاڭ جاسۇسلۇق قىلمىشلىرى بىلەن جىددىي تەكشۈرۈلمەكتە

كانادا دائىرلىرى، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ نازۇك ئورگىنىغا ئورۇنلاشقان بىر نەپەر خىتاي ئايالنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە جاسۇسلۇق قىلىش قىلمىشلىرى بىلەن جىددىي تەكشۈرمەكتە.

0:00 / 0:00

بۇ ئايالنىڭ بۇ ئورگاندىكى گۇمانلىق ھەرىكەتلىرى، خىتاي ئەلچىخانىسى بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتى، شۇنداقلا بۇ ئايالنىڭ ئىلگىرى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ چەتئەلدە تۇرۇشلۇق مۇخبىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەنلىكى قاتارلىقلار كانادا بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ گۇمانلىرىنى كۈچەيتكەن.

بۇ ۋەقە كانادالىقلارنىڭ خىتاي جاسۇسلىرى ھەققىدىكى ئەندىشىسىنى تېخىمۇ ئاشۇردى. كانادا خىتاي جاسۇسلۇق ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ چوڭ زىيىنىغا ئۇچراۋاتقان غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بىرى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز كامىل تۇرسۇننىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.