كانادا بىخەتەرلىك تارماقلىرى خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكا ۋە ئىقتىسادى ساھەدىكى جاسۇسلىقىدىن ھۇشيار بولۇشنى تەكىتلىدى

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئۇچۇر ئىزدەش ماتۇرلىرىنىڭ بىرى ھېسابلانغان گوگۇلنىڭ خىتاي خاككىرلىرىنىڭ ھۇجۇمى ۋە ئەركىن ئۇچۇر تارقىتىشقا قىلغان توسقۇنلۇقلىرى سەۋەبىدىن،خىتايدىكى ئۇچۇر مۇلازىمېتىرىنى خوڭكوڭغا يۆتكىگەنلىكىگە ئوخشاش، گوگۇل ۋە خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىغا ئائىت خەۋەرلەرنىڭ دۇنيادىكى قىززىق نۇقتا خەۋەرلىرىگە ئايلىنىشى بىلەن،كانادا مەتبۇئاتلىرىدىمۇ گوگۇل بىلەن خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە ئائىت مۇلاھىزە ماقالىلىرى يەر ئېلىشقا باشلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﺸﻪﻥ
2010.03.26
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

بۇ مۇلاھىزە ماقالىلىرىنىڭ بەزىلىرىدە گوگۇلنىڭ ئۇچۇر مۇلازىمېتىرىنى خوڭكوڭغا يۆتكىشىنى تاكتىكىلىق ئورۇن ئالماشتۇرۇش دېسە،يەنە بەزى ماقالىلەردە خىتاينىڭ ئېنتېرنېت ئەركىنلىكىگە توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىگەن.بۇ خىلدىكى ماقالىلەرنىڭ ئىچىدە بىر مەزگىل كانادا مەتبۇئاتلىرىدا ئەۋجىگە چىقىپ كېيىن سەل پەسكويغا چۈشۈپ قالغان، خىتاينى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يۇقىرى تېخنىكا ۋە ئىقتىسادى ئۇچۇرلارنى ئەيمەنمەستىن ئوغرىلايدىغان جاسۇس دەپ ئەيىبلىگەن ماقالىلەرمۇ بار.

كانادادا چىقىدىغان پۇل مۇئامىلە گېزىتىنىڭ 25 - مارت كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان، خىتاي بېلىقلىرى تېخنىكا ئوۋلىماقتا سەرلەۋھىلىك مۇلاھىزە ماقالىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، گوگۇل خىتاي سەتچىلىكى يۈز بېرىۋاتقان بۇ كۈنلەردە كانادا تەرەپ بىخەتەرلىك مۇتەخەسسىسلىرى كانادا ھۆكۈمىتى ۋە كانادا شىركەتلىرىنى خىتاي تېخنىكا ئوغرىلىرىنىڭ ئوغرىلىقلىرىدىن ھۇشيار بولۇشقا ئاگاھلاندۇرغان.

گوگۇلنىڭ خىتاينى ئېنتېرنېت ئەركىنلىكىگە ھۇجۇم قىلدى دەپ ئەيىبلەپ خىتايدىن چېكىنىشى،كاناداغا ئوخشاش ئىقتىسادى يۈكسىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ، يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان، تېخنىكا ۋە ئىقتىسادى ئۇچۇر جاسۇسلىقىغا بولغان ئەندىشىسىنى يېڭىلاشقا مەجبۇر قىلغان.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بايانات ئېلان قىلغان ستراففورس دەپ ئاتىلىدىغان ئىستراتېگىيىلىك بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سكوت ستېۋارت مەتبۇئات ساھەسىگە، خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكا ساھەسىدىكى ئوغرىلىقنى 80 - يىللاردىن ئېتىبارەن باشلىغانلىقىنى ۋە ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ئۇ يەنە خىتاينىڭ تېخنىكا ۋە ئىقتىسادى ئۇچۇر جاسۇسلىقى ئوخشىمىغان ساھەلەر بويىچە تۇيدۇرماستىن ئىش باشلاپ ئاندىن ھەممە ئۇچۇرنى بىريەرگە جەم قىلىش ئۇسۇلى بويىچە ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ،ئۇلار ھەرگىز بىز مەخپىيەتلىك دەپ قارىغان ۋە مۇستەھكەم ھېسابلىغان نۇقتىلاردىن ئىش باشلىمايدۇ ۋە بۇ جەھەتتە ئۇلار ئاللىقاچان غەلىبە قىلىپ بولدى دېگەن. ئۇ يەنە كىشىلەرنىڭ سەمىگە خىتاينىڭ بۇ ئارقىلىق دۇنيا تېخنىكا ساھەسىنى ئارقىدا قالدۇرۇپ قويۇۋاتقانلىقىنىمۇ سالغان.

كانادا بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاينىڭ دۇنيا يۇقىرى تېخنىكا ساھەسىدىكى ئوغرىلىققا قارىتا 863 پىلانى دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئىستراتېگىيىسى بار بولۇپ،خىتاي بۇ پىلانىنى چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار،پەن - تېخنىكا خادىملىرى،سودىگەرلەر ۋە كۆچمەنلەرگە ئۇچۇر توپلاش ۋەزىپىسى بېرىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرىدىكەن ۋە بۇلارنىڭ قانچىلىك كۆپ مىقداردا ئۇچۇر توپلىشىنى ئۇلارنىڭ خىتايدىكى كېلەچەك تەغدىرى بىلەن باغلايدىكەن.

چەتئەللەردىكى يۇقىرى تېخنىكا ئوغرىلىقىغا ئائىت ۋەزىپىلەرنى تاپشۇرۇش ئىشىنى خىتاي بىخەتەرلىك ئىدارىسى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ،خىتاي بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ تور بېتى قارىماققا،قالايمىقان،ئەھمىيەتسىز ۋە ھېچ قىممىتى بولمىغان بىر نەرسىلەر يېزىلىۋاتقاندەك كۆرۈنىدىكەن شۇنداقلا سىرتتىن قارىغان ئادەم ھېچقاچان بۇ يەردە بىر قانۇنسىز ئىش بولۇۋاتىدۇ دەپ چۈشەنمەيدىكەن.ئەمما بولۇۋاتقان گەپ سۆزلەر ۋە ئۇچۇرلارنى توپلاپ بىر يەرگە ئەكەلگەندە ئاندىن ئىشنىڭ تېگىدە ئىش بارلىقىنى بىلگىلى بولىدىكەن.

بېيجىن ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كافىدىراسىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان بىر دوكلادىغا ئاساسلانغاندا،خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكا ئۇچۇرلىرىنى ئوغرىلاش پىلانى ئۇزۇن مەزگىللىك ۋە قىسقا مەزگىللىك دەپ ئايرىلىدىغان بولۇپ،خىتاي بۇ ساھەدىكى خادىملىرىنى چەتئەللەرگە چىقىرىشتىن بۇرۇن دېڭىزنىڭ ئاستىدا بېلىقنىڭ بار - يوقلۇقىنى قانداق بىلىش تېخنىكىسى بىلەن تەربىيىلەيدىكەن.

ئامېرىكا بىرلەشمە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە،ئامېرىكىدىكى ئالدىنقى قاتاردا كېتىۋاتقان 3000 شىركەتتە خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكا ئوغرىلايدىغان جاسۇسلىرىنىڭ بارلىقى بايقالغان.

كانادا تەرەپ ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە،كانادادا ھازىر خىتاينىڭ 1000 ئەتراپىدا يۇقىرى تېخنىكا ئوغرىسى ۋە ۋاكالىتەن ئىش بېجىرگۈچىسى ھەرىكەت قىلماقتا ئىكەن.

ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، كانادا تەرەپ ئۇچۇر ئوغرىلىقلىرىغا بولۇپمۇ نۇقتىلىق ھالدا خىتاينىڭ بۇ جەھەتتىكى يولسىزلىقلىرىغا قارىتا غوست نېت دەپ ئاتىلىدىغان يېڭى بىر تور مۇلازىمىتى ئارقىلىق قارشى تۇرۇشنى يولغا قويغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇچۇر ئوغرىلىقىنىڭ دائىرسىنى يۇقىرى تېخنىكا ۋە ئىقتىسادى ئۇچۇرلارنى ئوغرىلاش ۋە توپلاش بىلەنلا چەكلەپ قالماي، چەتئەللەردە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەت ئەھۋالى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى توپلاشقىمۇ قاراتقان بولۇپ،يېقىندا شىۋىتسىيىدە ياشايدىغان بابۇر مەخسۇت مانا مۇشۇ خىلدىكى جاسۇسلۇق بىلەن، شىۋىتسىيە بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ قولىغا چۈشكەن. شىۋىتسىيە سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭغا بىر يىل تۆت ئايلىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.