كانادا باش مىنىستىرى خىتايغا قاراتقان رەسمىي زىيارىتىنى باشلىدى

كانادا باش مىنىستىرى ستېۋېن خارپېر 2 - دېكابىر كۈنى، يەنى چارشەنبە چۈشتىن كېيىن خىتايغا يېتىپ كېلىپ، باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق خىتاي زىيارىتىنى باشلىدى.

0:00 / 0:00

ستېۋېن خارپېر بەش كۈنلۈك زىيارىتى جەريانىدا خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن بىر قاتار مەسىلىلەر ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ شۇنىڭدەك يەنە شاڭخەي ھەم خوڭكوڭ قاتارلىق شەھەرلەردە زىيارەتتە بولماقچى.

ئۇنىڭ زىيارىتى جەريانىدا سودا-ئىقتىساد مەسىلىلىرىدىن باشقا يەنە، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدىمۇ خىتاي تەرەپ بىلەن پىكىرلىشىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

ستېۋېن خارپېرنىڭ خىتاي زىيارىتى، كانادا تەرەپ خىتاينىڭ پولات ‏- تۆمۈر مەھسۇلاتلىرىدىن ئېلىنىدىغان چېگرا بېجىنى ئاشۇرغان بىر مەزگىلگە توغرا كەلگەن بولۇپ، كانادا مەتبۇئاتلىرى بۇ مەسىلىنىڭ خارپېرنىڭ خىتاي زىيارىتىدىكى قىزىق نۇقتا بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.