خىتاي نېمە ئۈچۈن كانادادىن 'تەيۋەن ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ بىر قىسمى' دەپ ئېتىراپ قىلىشنى تەلەپ قىلمايدۇ؟

ھازىر تەيۋەندە بەش چوڭ شەھەر سايلىمى باشلىنىش ئالدىدا تۇرغاندا، 'تەيۋەن خەۋەرلىرى' گېزىتى بىر مۇھىم ھۆججەتنىڭ تولۇق تېكىستىنى ئېلان قىلدى. بۇ، 1960‏ - يىللاردا، خىتاي كانادادىن 'تەيۋەن جۇڭگونىڭ بىر قىسمى' دەپ ئېتىراپ قىلىشنى تەلەپ قىلغاندا، كانادا خىتايغا قايتۇرغان بەش ماددىلىق جاۋاب ئىدى.

0:00 / 0:00

بۇ بەش ماددىلىق ھۆججەت ئەينى ۋاقىتتا خىتاينى مات قىلغان، خىتاينى ئىككىنچىلەپ كاناداغا بۇ مەسىلىدە ئېغىز ئاچماس قىلىۋەتكەن ھۆججەت ئىدى. بۇ ھۆججەتنىڭ تولۇق تېكىستى ھازىرغا قەدەر ئاشكارا ئېلان قىلىنمىغان.

كانادانىڭ 'تەيۋەن ئەزەلدىن جوڭگونىڭ بىر قىسمى' دېگەن مەسىلىدە خىتايغا قايتۇرغان بەش ماددىلىق جاۋابى

بىرىنچى، تەيۋەن كانادانىڭ زېمىنى ئەمەس، شۇڭلاشقا كانادانىڭ، تەيۋەننى باشقا بىر دۆلەتكە بۇيرۇپ بېرىش ياكى ئۆزىنىڭ زېمىنى دەۋېلىش ھوقۇقى يوق. بۇ، قەدىمقى رىم قانۇنىدىن قالغان ھوقۇقچىلىق ئەنئەنىسى. ھازىرقى خەلقئارا قانۇننىڭ ئاساسىي نەزىرىيىلىرىمۇ دەل مۇشۇ قەدىمىي قانۇندىن كەلگەن. ئەگەر خىتاي شىمالىي مۇز ئوكياندىكى ئاراللارنىڭ بىرىنى 'ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ زېمىنى' دەپ چىققان بولسا، كانادا ئۆزىنىڭ ھوقۇقىنى ئىشلىتىپ، خىتاينى رەت قىلغان بولاتتى.

ئىككىنچى، ھېچقانداق خەلقئارا قانۇندا ۋە كانادا قانۇنىدىمۇ كاناداغا، ئۆزى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى بولمىغان تەيۋەنگە ئوخشاش بىر دۆلەتنى، باشقا بىر دۆلەتكە بۇيرۇپ بېرىدىغان ھوقۇق بېرىلمىگەن. خىتاينىڭ كانادادىن 'تەيۋەن ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ بىر قىسمى' دەپ ئېتىراپ قىلىشنى تەلەپ قىلىغانلىقى چېكىدىن ئاشقان يولسىزلىق.

ئۈچىنچى، ئەگەر كانادا تەيۋەننى 'جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىنىڭ بىر قسىمى' دەپ ئېتىراپ قىلغان تەقدىردىمۇ، ئۇ بەرىبىر ئۈنۈمسىز. خۇددى كانادا پۇقرالىرى، ئايروپىلانلىرى، پاراخوتلىرى تەيۋەن ھۆكۈمىتىدىن ۋىزا ئالماي، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىدىن ۋىزا ئېلىپ تەيۋەنگە كىرىمەن دېسە، تەيۋەنگە ھەرگىز كىرەلمەيدىغانغا ئوخشاش، ھەتتا خىتاي ئۆزىمۇ تەيۋەندىن ۋىزا ئالمىسا تەيۋەنگە كىرەلمەيدىغانغا ئوخشاش ئۈنۈمسىز. بۇ ئەمەلىيەتنىڭ ئۆزى دەل 'تەيۋەن جۇڭگونىڭ بىر قىسمى' دېگەن شۇئارنى رەت قىلىپ تۇرۇپتۇ.

تۆتىنچى، ئەگەر كانادا خىتاي بىلەن تۈزگەن خەلقئارالىق كېلىشىملەردە، تەيۋەننى جۇڭگونىڭ بىر قىسمى دەپ ئېتىراپ قىلسا، كانادا چۇقۇم ئۆزى ئىمزا قويغان بۇنداق خەلقئارالىق كېلىشملەرگە ئەمەل قىلىپ، ئەسكەر ئەۋەتىپ تەيۋەننى بېسىۋېلىپ، ئۇنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك بولىدۇ. بۇنداق بىمەنىلىك كاناداغا ياراشمايدۇ.

بەشىنچى، ئەگەر تەيۋەن راستىنلا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر قىسمى بولسا، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا دۆلەتلەردىن 'تەيۋەن جۇڭگونىڭ بىر قىسمى' دەپ ئېتىراپ قىلىشنى تەلەپ قىلىشى ھاجەتسىز ئىدى. ئەگەر خەينەن ئارىلىمۇ راستىنلا 'جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى' بولسا، خىتاي باشقا دۆلەتلەردىن ئۇنى خىتاينىڭ زېمىنى دەپ ئېتىراپ قىلىشنى تەلەپ قىلىشىمۇ زورۈر ئەمەس. ئەگەر خىتاي ئۆزىنىڭ زېمىنى بولمىغان تەيۋەننى باشقا دۆلەتلەرگە 'جۇڭگونىڭ زېمىنى' دەپ ئېتىراپ قىلغۇزغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ خەلقئارا قانۇن ئاساسىي بولمىسا يەنىلا ئۈنۈمسىز. ئەگەر، خىتاي تەيۋەننى تالاش - تارتىشتىكى زېمىن دەپ قارىسا، گەپنى ئوچۇق قىلىپ، بۇ تالاش - تارتىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك دۆلەتنى تېپىپ، شۇ دۆلەت بىلەن سۆزلىشپ ئېتىراپ قىلغۇزسا، ئاندىن بۇنىڭ خەلقئارا قانۇن ئاساسى بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭغا مۇناسىۋەتسىز ھەر قانداق باشقا دۆلەت 'تەيۋەن جۇڭگونىڭ زېمىنى' دەپ ئېتىراپ قىلسىمۇ، ئۇنى قانۇن ئالدىدا كۆتۈرۈپ چىققىلى بولمايدۇ.

خىتايدىن يېزىلغان ئىنكاسلار

-- كانادا دۇنيادا سىياسىي جەھەتتە ئەڭ پاك دۆلەتلەرنىڭ بىرى. كانادانىڭ 'تەيۋەن ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ بىر قىسمى' دېگەن مەسىلىدە خىتايغا قايتۇرغان بەش ماددىلىق جاۋابىغا قايىل بولماي مۇمكىن ئەمەس، -- دەپ بايان قىلىنىدۇ خىتايدىن يېزىلغان ئوبزورلارنىڭ بىرىدە. يەنە بىرىدە ' قانۇن ۋە مەنتىقە جەھەتتە ئالىي تەربىيە كۆرگەن كانادالىقلارغا ئاپىرىن' دەپ يېزىلغان. يەنە بىرىدە 'خىتاي 60‏ - يىللاردىلا تەيۋەن ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ بىر قىسمى دېگەن مەسىلىدە كانادا تەرىپىدىن قاتتىق مەسخىرە قىلىنپ، رەسمىي سورۇندا ئاغزىنى ئاچالماس بولۇپ قالغان ئىكەن' دەپ يېزىلغان. يەنە بىرىسدە 'تەيۋەن ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ بىر قىسمى دېگەنگە ئوخشاش شۇئار توغرىسىدا، كانادا خىتايغا بەرگەن جاۋاب دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرگىمۇ ئۈلگە بولالايدۇ' دەپ يېزىلغان.

يېقىندا تەيۋەندە قوزغالغان غەزەپنى يەنە شۇ 'تەيۋەن ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ بىر قىسمى' دېگەن شۇئار پەيدا قىلدى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ تەيبېيدىن بايان قىلىشىچە، ئۆتكەن ئايدا توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن فىلىم فېستىۋالىدا، خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى 'ئەگەر تەيۋەن ئۆزىنىڭ نامىنى جۇڭگو تەيۋەن ئۆلكىسى ياكى جۇڭگو تەيبېي دەپ ئۆزگەرتمىسە، بۇ فىلىم فېستىۋالىغا جۇڭگو بىلەن تەڭ دەرىجىدە تۇرۇپ قاتنىشالمايدۇ' دەپ جاكارلىغان ئىدى. خىتاينىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە تەيۋەننى يەنە بىر قېتىم كۆزگە ئىلمىگەنلىكى، تەيۋەنلىكلەرنىڭ غەزىپىنى قايتىدىن قوزغاپ قويدى. ھازىر تەيۋەندە، تەيۋەن - خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مەسىلىسى، يەنە 12 كۈندىن كېيىن باشلىنىدىغان بەش چوڭ شەھەر سايلىمىنىڭ مەركىزى تېمىسىغا ئايلاندى. بۇنداق ۋەزىيەتتە، ھەتتا خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ئۈچۈن، بىر نەچچە يىلدىن بۇيان خىتاي بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈۋاتقان تەيۋەن پرېزىدېنتى مايىڭجيۇمۇ، بۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ 'ئەگەر بۇنىڭدىن كېيىن، مۇشۇنداق ۋەقەدىن يەنە بىرەرسى چىقسا، ئىككى تەرەپنىڭ يىللاردىن بۇيان ئېلىپ بارغان تىنچلىق سۆھبەتلىرىنىڭ نەتىجىسى بىكار قىلىنىدۇ' دەپ خىتايغا ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.

خەۋەر ئارخىپلىرىغا قارىغاندا، 1940 ‏ - يىللاردىكى ئىچكى ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغان چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئىچكى ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن تەيۋەننى بېسىۋېلىپ تۇرۇۋاتقان خىتاي مىللەتچى پارتىيىسى (گومىنداڭچىلار) ھەر ئىككىلىسى، قارشى تەرەپنى ئۆزىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى دەپ جاكارلاپ كېلىۋاتىدۇ. چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى كوممۇنىست خىتاي تەيۋەننى 'جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى' ياكى مۇجىمەل ھالدا 'جۇڭگونىڭ بىر قىسمى' دېسە، تەيۋەندىكى گومىنداڭچىلار چوڭ قۇرۇقلۇقنى 'جۇڭخۇا مىنگونىڭ بىر قىسمى' ياكى مۇجىمەل ھالدا 'جۇڭگونىڭ بىر قىسمى' دەيدۇ. بۇ قېتىم تەيۋەندە قوزغالغان غەزەپنى يەنە مۇشۇ مەسىلە پەيدا قىلدى.

سەي يىڭۋېن: مايىڭجيۇنىڭ كوممۇنىست خىتايغا قىلغان خوشامەتلىرى ئۇنىڭ تەيۋەن سىياسىتىگە قىلچە تەسىر كۆرسىتەلمىدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، تەيۋەندىكى ئىلغارلىق - دېموكراتىيە پارتىيىسى (مىنجىنداڭ) نىڭ تەيبېي شەھىرىنىڭ باشلىقلىقىغا كۆرسەتكەن نامزاتى سەي يىڭۋېن بۈگۈنكى باياناتىدا 'مايىڭجيۇ پرېزىدېنت بولغاندىن بۇيان، تەيۋەن سودىگەرلىرىنى گومىنداڭغا ئاۋاز بەرگۈزۈش ئۈچۈن، كوممۇنىست خىتايغا دوستلۇق ئىپادىلەپ ۋە ھەر جەھەتتىن خوشامەت قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئەمما، ئۇنىڭ قىلغان خوشامەتلىرى، يېلىنىشلىرى خىتاينىڭ خەلقئارادا تەيۋەننى باسىدىغان سىياسىەت قوللىنىشىغا قىلچە تەسىر كۆرسىتەلمىدى. ئەمدى خىتاي، تەيۋەنگە قاراتقان سىياسەتلىرىنى تۈپتىن ئۆزگەرتمىسە، مايىڭجيۇمۇ خىتايغا خوشامەت قىلىدىغان سىياسەتلەرنى بىكار قىلمىسا بولمايدۇ' دەپ جاكارلىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.