ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالغان گېزىت خىتايلارنىڭ شىكايىتى ئاستىدا قالدى

يېقىندا خىتايلارنىڭ كانادادا چىقىدىغان ئەڭ نوپۇزلۇق گېزىتلىرىنىڭ بىرى بولغان بۈيۈك جۇڭخۇا گېزىتىدە،بۇ گېزىتنىڭ ئوبزۇرچىسى شاۋ يۈ تەرىپىدىن " ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىغىمۇ قۇلاق سېلىپ باقايلى" ماۋزۇلۇق بىر پارچە ئوبزۇرچى ماقالىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ ماقالە كانادادا ياشاۋاتقان خىتايلار ئارىسىدا زور غۇلغۇلا قوزغىغان.

0:00 / 0:00

ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، نۇرغۇنلىغان خىتاي ئوقۇرمەنلەر گېزىتخانا تەھرىر بۆلۈمى ۋە ئاپتۇرغا تېلېفۇن قىلىپ،ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالغان بۈيۈك جۇڭخۇا گېزىتى ئۈستىدىن شىكايەت قىلغان. ئۇلارنىڭ شىكايەتلىرىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى، " شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىلەرنى بۇنچىلىك يۇقىرى سىياسى ۋە نەزىرىيىۋى سەۋىيىگە كۆتۈرۈپ تەھلىل قىلغىدەك سەۋىيىسى يوق، ئەمما سىلەر مۇخبىرلار بەك ئاشۇرۇۋېتىۋاتىسىلەر. ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىكى چوڭ مېھمانخانا ‏ - سارايلار ۋە ياتاقلاردا يېتىشىغا يول قويۇلماسلىقىنى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئەسكىلىكىدىن كۆرسە بولىدۇ. كىم ئۇلارنى ئاش يېگەن قاچىسىنى چېقىۋەتسۇن دەپتۇ؟ ئۇلار نەگىلا بارسا مۇستەقىللىق دەپ يۈرگەن، تېررورلۇق قىلغان. شىنجاڭدىكى چوڭ ‏ - ئوتتۇرا تىپتىكى كارخانىلاردا ئاز مىقداردا ئۇيغۇرلار ئىشلەيدۇ، ئەمما كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنداق كارخانىلارغا كىرەلمەسلىكىنى، ھۆكۈمەتتىن كۆرمەي ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ بوشاڭلىقىدىن كۆرسە بولىدۇ" دېگەنلەردىن ئىبارەت.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىغا قىسمەن قۇلاق سالغانلىقى ئۈچۈن،خىتاي ئوقۇرمەنلەر تەرىپىدىن كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇمغا ئۇچرىغان خىتاي ئوبزۇرچى شاۋ يۈ يېقىندا يەنە، " بىزدە باشقىلارنى قەستەن كەمسىتىش بارمۇ ‏- يوق؟ " دېگەن ماۋزۇدا بىر پارچە ئوبزۇرچى ماقالىسى ئېلان قىلدى.

ماقالىدە ئاپتۇر ئۇزاق يىللاردىن بۇيان غەرب دۇنياسىنىڭ ئېغىر كەمسىتىشىگە ئۇچراپ كۆڭۈل ئازابى چەككەن خىتايلارنىڭ ئەمدىلىكتە بىلىپ ‏ - بىلمەي باشقا مىللەتلەرنى كەمسىتىش يولى تۇتۇۋاتقانلىقىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان. ئۇ ماقالىسىدە چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى خىتايلارنى چۈشىنىشكە بولىدىغانلىقىنى، ئەمما كانادادەك بىر دېموكراتىك دۆلەتتە، ھەممە مىللەتلەرنىڭ ئەقەللى ئىنسانلىق ھەق - ھوقۇقلىرىغا ھۇرمەت قىلىدىغان بىر دۆلەتتە ئۆزلىرىنى كاتتا زىيالىي ۋە داڭدار شەخس دەۋالغان بىر قىسىم خىتايلارنىڭ ئوچۇق ‏- ئاشكارا ھالدا باشقا بىر مىللەتنى كەمسىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئۆزىنىڭ ئىنتايىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، باشقا مىللەتلەرنىڭ ئاۋازىغا ھۇرمەت قىلمايدىغان، غەرب دۇنياسىدا ياشاۋاتقان خىتايلارنى " جىسمى غەربتە بولغىنى بىلەن، ئىدىيىسى ھېچ ئۇزگەرمىگەنلەر " دەپ تەنقىد قىلىدۇ.

ئۇيغۇرلار ئاۋازىغا قىسمەن قۇلاق سالغانلىقى ئۈچۈن كانادادا ياشاۋاتقان خىتاي ئوقۇرمەنلىرىنىڭ شىكايىتى ئاستىدا قالغان خىتاي ئوبزۇرچى شاۋ يۈ بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن ئۆزىنىڭ قاتتىق ئەپسۇسلانغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:

" شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنى كەمسىتىپ شىكايەت قىلىۋاتقانلار تېخى يېقىندىلا خىتايدىن كاناداغا كەلگەنلەر ۋە ياكى قېنى قىززىق بەڭۋاش ياشلار ئەمەس، كانادادا ياشاۋاتقىنىغا ئۇزۇن يىللار بولغان، كانادانىڭ نۇقتىلىق ئورگانلىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان، داۋاملىق ھالدا غەربنى مىللەتلەرگە باراۋەر سىياسەت قوللانمىدى دەپ ئاغرىنىپ يۈرۈيدىغانلار شۇنداقلا كانادا جەمئىيىتىدە مىللەتلەرنى كەمسىتىش، تۆۋەن كۆرۈش قاتارلىقلارغا ھىچقانداق ئورۇن يوقلۇقىنى ياخشى بىلىدىغان، ئۇزلىرىنى داڭلىق زىيالىي دەپ قارايدىغانلار ئىدى."

ئاپتۇر كانادادا ياشاۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئومۇمى ئەھۋالىنى تەھلىل قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: " كانادادا ياشاۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئالىي مەكتەپ ۋە ياكى دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئىگە كىشىلەر، ئەمما ئۇلارنىڭ مىللىي مەسىلىلەرنى باشقا مىللەتلەرنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرى نۇقتىسدا تۇرۇپ، كاناداچە تەھلىل قىلىش سەۋىيىسى ئۇزىنىڭ دەرىجىسىدىن كۆپ تۆۋەن. ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىغا ئەستايىدىللىق بىلەن قۇلاق سېلىپ بېقىشنى خالىمايدۇ، بۇنىڭ ئەكسىچە ھېچقانداق ئاساسسىزلا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۇيغۇر مىللىتىنى نەزىرىيىۋى سەۋىيىسى يوق دەپ كەمسىتىدۇ. ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈشنى خالىمايدۇ‏ - يۇ، ئەمما بىر تەرەپلىمە ھالدا ئۇلارنى تېررورچىلىققا باغلاشقا تىرىشىدۇ. ئۇلار يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن نېمە ئۈچۈن دېگەن سوئالنى سوراشتىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ."

ئاپتۇر كانادادىكى خىتاي كۆچمەنلىرىدە ساقلىنىۋاتقان يۇقىرىقىدەك دوگمىلىقلارنى ئىرقچىلىق ۋە خىتاي مائارىپى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاقىۋەتلەر شۇنداقلا خىتاينىڭ ساختا تەشۋىقاتى شەكىللەندۈرگەن يىتەرسىزلىكلەر دەپ تەنقىد قىلىدۇ.

ئاپتۇر ئوبزۇرىدا خىتاي جەمئىيتىدە شەكىللىنىپ قالغان دوگمىلىقلارنى، خىتايلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش مۇھىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تەھلىل قىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ: "بىز كىچىگىمىزدىنلا جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى كومپارتىيە ئازادلىققا ئېرىشتۈرگەن، ئاز سانلىق مىللەتلەر چوقۇم بىز خىتايلارنىڭ ياردىمى ۋە غەمخورلۇقى ئاستىدا ياشىشى كېرەك دەيدىغان فېئوداللىق جەمئىيەتتىكى قۇللۇق تۈزۈم تەسىرى ئاستىدا ئۆسۈپ يېتىلدۇق، بۇ ئۆزىمىزچە بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈش تەشۋىقات تەربىيىسى ئىدى. قەلبىمىزدە خىتاي مىللىتى ھەممىدىن ئۇلۇق،خىتاي مىللىتى ھەممىدىن ھۆرمەتلىك دەيدىغان ئىدىيە پۈتۈن ۋۇجۇدىمىزغا مۆھۈر بولۇپ بېسىلىپ كەتكەن."

ئاپتۇر بۇ مەسىلىلەرنى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ، كانادادەك كۆپ خىل مەدەنىيەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىشىگە كەڭ قوساقلىق بىلەن ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدىغان بىر دۆلەتكە ئىدىيە ۋە مەنىۋىيەت جەھەتتىن ماسلىشالماسلىقىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەر دەپ ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىغا قىسمەن قۇلاق سالغانلىقى ئۈچۈن كانادادىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ شىكايىتىگە كۆمۈلۈپ قالغان خىتاي ئوبزورچى شاۋ يۈ،خىتايدىكى خىتاي مىللىتى بىلەن ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى مەسخىىرە قىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ: "چوڭ قۇرۇقلۇقتا ئەسىرلەر بويى، مەڭگۈ ئاخىرلاشمايدىغان خىتايلار، ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ياردەم قىلىپ ياشايدىغان ئەھۋال مەۋجۈت. خەق سېنىڭ ياردىمىڭنى خالامدۇ ‏ - خالىمامدۇ، بۇنىڭ بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى يوق، 'مەن خەنزۇ بولغانلىقىم ئۈچۈن ياردەم قىلغۇچى، سەن ئاز سانلىق بولغانلىقىڭ ئۈچۈن ماڭا تايىنىپ ياشىشىڭ كېرەك ' دەيدىغان چوڭ خەنزۇچىلىق مەۋجۈت. بۇنى كانادا جەمئىيىتى كۆتۈرەلمەيدۇ."

ئاپتۇر چوڭ قۇرۇقلۇقتا ساقلىنىۋاتقان ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ماڭىدىغان يول بەرمەسلىكنى خىتاي شوۋىنىزمى دەپ تەنقىد قىلىدۇ.

كەمسىتىشنىڭ بىر خىل ئىجتىمائى ھادىسە ئىكەنلىكىنى، بۇ شۇ جەمئىيەتتە ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ دېموكراتىك ساپاسىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئاپتۇر، ئوبزۇرىنىڭ ئاخىرىدا كانادادا ياشاۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىنى،ئىدىيىسىدىكى كوممۇنىزمدىن قالغان دوگما ئىدىيىلەرنى چۆرۈپ تاشلاپ، كانادادىكى دېموكراتىك تۈزۈم بەرپا قىلغان ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيىنى قوبۇل قىلىپ، باشقىلارنىڭ ئاۋازىغا كۆپرەك قۇلاق سېلىشتەك ئېسىل ئەخلاقنى ئۆگىنىشكە چاقىرغان.