كانادا يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي سىياسىتىدە قانداق ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ؟

بۇ ئاينىڭ بېشىدا ئۆتكۈزۈلگەن كانادا فېدېرال سايلىمىدا ستېپھېن ھارپېر رەھبەرلىكىدىكى كونسېرۋاتىپ پارتىيىسى پارلامېنتتىكى 308 ئورۇننىڭ 167 سىنى قولغا كەلتۈرۈپ، كۆپ سانلىقلار ھۆكۈمىتى قۇرۇش ھوقۇقىغا ئېرىشتى.

0:00 / 0:00

ئالدىنقى ئىككى قېتىملىق سايلامدا ئاز سانلىقلار ھۆكۈمىتى قۇرۇشقا مەجبۇر بولغان كونسېرۋاتىپ پارتىيىسىنىڭ بۇ قېتىمقى سايلامدا مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىشى مەزكۇر پارتىيە ئۈچۈن تارىخىي غەلىبە ھېسابلىنىدۇ.

2006-يىلى ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن كونسېرۋاتىپ پارتىيىسى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ۋە ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىلىرىدە خىتاي دائىرىلىرىگە قارىتا خېلى قاتتىق تەنقىد قىلىش پوزىتسىيىسىنى تۇتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيانقى سىياسىتىدە يۇمشاش كورۈلگەنىدى. بۇ قېتىمقى سايلامدا،خەلقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ،كۆپ سانلىقلار ھۆكۈمىتى قۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن كونسېرۋاتىپ پارتىيىسىنىڭ خىتايغا نىسبەتەن ئەمدى قانداق بىر سىياسەت تۇتىدىغانلىقى ئۇيغۇرلارنى قىزىقتۇرىدىغان بىر مەسىلە. ستېپھېن ھارپېر رەھبەرلىكىدىكى يېڭى كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قارىتا ئەسلىدىكى قاتتىق قول سىياسەتنى داۋاملاشتۇرۇشى مۇمكىنمۇ؟

كانادادىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى رۇقىيە تۇردۇش ئەگەر بۇ پارتىيىگە ئاۋاز بەرگەنلەر ئۇنىڭغا يېتەرلىك بېسىم ئىشلىتەلىسە بۇنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

بۇ سايلامدىكى يەنە بىر ۋەقە بولسا، كانادا تارىخىدا ئۇزۇن يىل ھاكىمىيەت سورىغان لىبېرال پارتىيىسىنىڭ پارلامېنتتىكى ئەسلىدىكى 77 ئورۇننىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىدىن ئايرىلىپ قېلىشى، ھەتتا مەزكۇر پارتىيىنىڭ رەھبىرى بولغان مىچائېل ئىگناتىئېففنىڭ پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلىنالمىغانلىقىدۇر.

تاشقى سىياسەتلىرىدە خىتاي كوزۇرى ئويناشنى ۋە خىتايغا مايىل سىياسەت يۈرگۈزۈشنى ئۆزلىرىگە مىزان قىلغان لىبېرال پارتىيىسى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە قارىتا قۇلاق يوپۇرۇۋېلىش تاكتىكىسىنى قوللىنىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كاناداغا سىڭىپ كىرىش ئۇرۇنۇشلىرىغا سۈكۈت قىلىش يولىنى تۇتقان ھەتتا ستېپھېن ھارپېر رەھبەرلىكىدىكى كونسېرۋاتىپ ھۆكۈمىتىنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە دوستانە مۇئامىلە قىلمىدى،دەپ ھەدەپ ئەيىبلەپ كەلگەنىدى.
كانادادىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى لىبېرال پارتىيىسىنىڭ سايلام مەغلۇبىيىتىنى ئۇنىڭ سايلام پروگراممىسى بىلەن ئۇنىڭ ئەمەلىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە باغلايدۇ.

بۇ سايلامدىكى يەنە بىر يېڭىلىق بولسا، فرانسۇز تىلىدا سۆزلىشىدىغان كۇئېبەك شتاتىدىكى كانادادىن ئايرىلىپ، مۇستەقىل بولۇشنى ئاشكارا تەشەببۇس قىلىدىغان كۇئېبەكلىكلەر پارتىيىسىنىڭ مەغلۇبىيىتىدۇر. بۇ پارتىيە بۇ قېتىمقى سايلامدا پارلامېنتتىكى ئەسلىدىكى 49 ئورۇننىڭ 45 ئىدىن ئايرىلىپ،پەقەت 4 ئورۇننىلا ساقلاپ قالالىدى.

كانادا بىلەن ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان مۇستەقىل ئورگان- كانادا ئاسىيا تىنچ ئوكيان فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئالدىنقى ئايدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتىغا قارىغاندا،نۆۋەتتە كانادالىقلارنىڭ يۈزدە 9 ئى خىتايغا نىسبەتەن ياخشى كۆز قاراشتا ئىكەن. خىتايغا سوغۇق پوزىتسىيىدە بولىدىغان كانادالىقلارنىڭ سانى يۈزدە 29 غا يەتكەن. خىتاينىڭ باش كۆتۈرۈشىنى كانادا ئۈچۈن تەھدىت ئەمەس، بەلكى پۇرسەت دەپ قارايدىغان كانادالىقلارنىڭ سانى 2008-يىلى يۈزدە 60 بولغان بولسا، بۇ يىل، بۇ نىسبەت يۈزدە 43 كە چۈشكەن. دېمەك كانادادا خىتاينى تەھدىت دەپ قارايدىغانلارنىڭ سانى كۆپەيگەن.