كانادا يېڭى ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ خىتاي سىياسىتى

ئۆكتەبىر ئېيىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن كانادا فېدېرال سايلىمىدا كونسېرۋاتىپ پارتىيىسى ئۇتۇپ چىقىپ،ھۆكۈمەت قۇرۇش ھوقۇقىغا ئېرىشكەنىدى.

0:00 / 0:00

باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى يەنە قولىغا ئالغان سېتېپھەن ھارپېر بۇ ئاينىڭ بېشىدا يېڭى ھۆكۈمەتنى قۇردى ۋە ئىچكى كابىنتىنى ئېلان قىلدى. يېڭىدىن تەشكىل قىلىنغان ئىچكى كابىنت 38 نەپەر ئەزادىن تەشكىل قىلىنغان بولۇپ،ئالدىنقى ھۆكۈمەتتىكى ئىچكى كابىنت ئەزالىرىنىڭ كۆپلىرىگە بۇ ھۆكۈمەتتە ۋەزىپە بېرىلگەن، ئەمما بەزى ئۆزگەرتىشلەرمۇ ئېلىپ بېرىلغان.

تاشقى سىياسەتنىڭ مېڭىسى ھېسابلانغان تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ ئورنىدا ئۆزگىرىش بولغان. يەنى، ئالدىنقى ھۆكۈمەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان داۋىد ئەمېرسوننىڭ ئورنىغا ئالدىنقى ھۆكۈمەتتە ۋەزىپە ئۆتىگەن لاۋرەنكە كاننون تەيىنلەندى.ئىلگىرىكى ھۆكۈمەتنىڭ مەدەنىيەت مىنىستىرى بولغان جاسون كېننېيگە كۆچمەنلەر ۋە مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋەزىپىسى بېرىلدى.سابىق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ستوككۋېلل داي سودا مىنىستىرى قىلىپ تەيىنلەندى.

بىر ھۆكۈمەتنىڭ تاشقى سىياسىتى ئادەتتە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن سودا مىنىستىرىنىڭ پائالىيەتلىرىدە ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ. ستېپھېن ھارپېر بۇ ئىچكى كابىنتىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسىنىڭ ئىقتىسادنىڭ راۋاجلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىكەنلىكىنى،شۇڭا ئەڭ كۈچلۈك مىنىستىرلارنى ئىقتىساد بىلەن ئالاقىدار مىنىستىرلىقلارغا قويغانلىقىنى، دۇنيا ئىقتىسادىدا جىددىي مۇقىمسىزلىق كۆرۈلۈۋاتقان نازۇك بىر پەيتتە،كانادالىقلارنىڭ ئىقتىسادى مەنپەئەتىنى قوغدايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ ئالماشتۇرۇلغانلىقى توغرا

خىتاي مەسىلىلىرىگە ۋە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان زاتلار سېتېپھەن ھارپېرنىڭ يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي سىياسىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا شۇنداقلا خىتاي تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلمەكتە.

كانادا بروكك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسەت پەنلىرى پروفېسسورى چارلېس بۇرتون سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى داۋىد ئەمېرسون دەۋرىدە يولغا قويۇلغان خىتاي سىياسىتىنىڭ لىبېرال پارتىيىگە مايىل،سۈكۈت قىلىش دىپلوماتىيىسى بولغانلىقىنى يەنى ئۇنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە قارىتا ئۈندىمەسلىك يولىنى تۇتقانلىقىنى،سېتېپھەن ھارپېر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن سودا مىنىستىرلىقىغا يېڭىدىن مىنىستىرلارنى تەيىنلەش ئارقىلىق،كونسېرۋاتىپ پارتىيىسىنىڭ قىممەت قارىشىنى دۇنياغا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك نامايەن قىلماقچى بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

داۋىد ئەمېرسون خىتاي مەتبۇئاتلىرى تەرىپىدىن ئالقىشلانغان ئىدى

ئىلگىرى لىبېرال پارتىيىسى ھۆكۈمىتى مەزگىلىدە مىنىستىر بولغان داۋىد ئەمېرسون، كونسېرۋاتىپ پارتىيىسى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، بۇ پارتىيىگە ئۆتۈپ، ستېپھېن ھارپېر ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا سودا مىنىستىرى كېيىنكى ۋاقىتلاردا بولسا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغانىدى.

داۋىد ئەمېرسون قىسقا مۇددەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان مەزگىلدە، خىتايغا قارىتا يولغا قويغان بىر قاتار سىياسەتلىرى ۋە ئايالىنىڭ خىتاي بولغانلىقى قاتارلىق ئامىللار تۈپەيلىدىن، خىتاي مەتبۇئاتلىرى ئۇنى، خىتاي‏ - كانادا مۇناسىۋىتىنى ياخشىلايدىغان كۈيئوغۇل، دەپ تەرىپلىگەن ۋە ئۇنىڭدىن چوڭ ئۈمىدلەرنى كۈتكەنىدى. چارلېس بۇرتوننىڭ تەھلىلىچە، ستېپھېن ھارپېر كانادانىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىكىگە يېڭىدىن باش ئەلچى تەيىنلىمەكچى بولۇشىمۇ، كونسېرۋاتىپ پارتىيىسىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تەشۋىق قىلىدىكەن.

كىشىلىك ھوقۇق دىپلوماتىيىسى كانادانىڭ تۇپ سىياسىتى

كونسېرۋاتىپ پارتىيىسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى دېئېپاك ئوبھرائى كانادا مەتبۇئاتلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا،كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتىنىڭ كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق دىپلوماتىيە سىياسەتلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى، بۇ سىياسەتنىڭ يالغۇز خىتايغىلا قارىتىلمىغانلىقىنى، يېڭىدىن قۇرۇلغان كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سىياسەتنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

يېڭى ھۆكۈمەتتە كۆچمەنلەر ۋە مەدەنىيەت مىنىستىرى بولغان جاسون كېننېي ھۆكۈمەتنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسەتلىرى بولۇپمۇ،خىتاي سىياسىتى ھەققىدە توختىلىپ: كانادا ئۆزىنىڭ ئاساسىي قىممەت قارىشى بولغان كىشىلىك ھوقۇق ۋە كىشىلىك ئەركىنلىكتىن سۆز ئېچىشتىن ئەندىشە قىلىپ ئولتۇرمايدۇ. بىز خىتاينىڭلا ئەمەس، بەلكى دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پرىنسىپلىرىغا ھۆرمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، دېدى.

خىتاي دائىرىلىرى جاسون كېننېيغا سوغۇق قارايدۇ

جاسون كېننېي سۆزىدە، كانادانىڭ كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتىنىڭ قاتتىق قول سىياسەت ئەمەسلىكىنى، بەلكى بۇ سىياسەتنىڭ كانادانىڭ قىممەت قارىشى ۋە كۆز قاراشلىرىنى نامايەن قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ستېپھېن ھارپېرنىڭ ئوڭ قول ۋەزىرى،دەپ تەرىپلەنگەن جاسون كېننېي ئىلگىرى يەنە، ستېپھېن ھارپېرنىڭ پارلامېنتتىكى كاتىپى ۋە شۇنداقلا كانادا پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسىلىك ۋەزىپىلىرىنىمۇ ئاتقۇرغانئىدى.

خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى قاتتىق تەنقىت قىلىش بىلەن تونۇلغان ۋە كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ تەقدىرىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن جاسون كېننېي خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىتايغا قارشى شەخىس دەپ قارىلىدۇ. ئۇ سابىق باش مىنىستىر پائۇل مارتىن باشچىلىقىدىكى ئۆمەك بىلەن، 2005 - يىلىنىڭ بېشىدا، خىتاينى زىيارەت قىلغاندا،خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك چەكلىمىلىرى ۋە توسالغۇلىرىغا قارىماي، خىتاينىڭ سابىق سېكرېتارى جاۋ زىياڭنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغانىدى. جاسون كېننېي سۆزىدە يەنە، ئۆزىنىڭ نۆۋەتتە خىتايغا قىلماقچى بولغان زىيارىتىنىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

كانادا ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىدىكى تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك

كەچۈرۈم تەشكىلاتى كانادا بۆلۈمىنىڭ باش كاتىپى ئالېخ نېۋىې خىتايدا مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنىڭ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: كەچۈرۈم تەشكىلاتى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بولىدۇ. كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىنى ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەر قاتارىدا تۇتۇشى كېرەك. ئۇنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بارلىق چارىلارنى قوللىنىشى كېرەك. نۆۋەتتە كانادا پۇقراسىنىڭ ھوقۇقلىرى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئېغىر دەپسەندە قىلىنماقتا،دېدى. ئۇ سۆزىدە كانادانىڭ ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكا ۋە ياۋروپا بىرلىكىدىكى دۆلەتلەردىن رەسمىي ياردەم تەلەپ قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان ئىچكى كابىنت ئەزالىرىنىڭ كۆپلىرى كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە، تىبەت ۋە تەيۋەن مەسىلىلىرىگە ئوخشاش تېمىلاردا خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەت مەسىلىسىدە كانادانىڭ قىممەت قارىشىدىن ۋاز كېچىشكە بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.