ئۇيغۇرلار كانادانىڭ 3 شەھىرىدە نامايىش ئۆتكۈزدى

1 - ئۆكتەبىر كۈنى شەرقى تۈركىستاننىڭ خىتاي مۇستەملىكىچى قوشۇنلىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغانلىقىغا، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇستەقىللىقىدىن ئايرىلغانلىقىغا شۇنداقلا يەنە خىتاي كوممۇنىست دۆلىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىغا 60 يىل تولغان كۈندۈر.

0:00 / 0:00

بۇ 60 يىلنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قارا تارىخ ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان رابىيە قادىر خانىم رەھبەرلىكىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 10 - ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىنى پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرىدىغان ۋە ماتەم كۈنى قىلىپ بېكىتكەنىدى.

بۈگۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش كانادانىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان ئالبېرتا شىتاتىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بېرىشنى تەلەپ قىلىش ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا بالايى - ئاپەت ئېلىپ كەلگەن مۇستەملىكە سىياسەتلىرىنى ئەيىبلەش ئۈچۈن، كالگارىي شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى.

بۇ نامايىشنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىغىقا بىنائەن ئۇيغۇر كانادا جەمئىيىتى بىر تۇتاش تەشكىللىگەن. نامايىش " خىتاي ھۆكۈمىتى قاتىل، خىتاي ھۆكۈمىتى دىكتاتور، خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورچى ۋە خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى شەرقى تۈركىستاندىن چىقىپ كەت " دېگەندەك شۇئارلار بىلەن باشلاندى. نامايىشچىلارنىڭ قوللىرىدا شەرقى تۈركىستاننىڭ ئاييۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى ھەمدە " خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچىدىكى قانلىق قىرغىننى ۋە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دۆلەت تېررورىنى توختات! ئۇيغۇرلارغا مۇستەقىللىق!" دېگەن شۇئارلار يېزىلغان تاختىلار بار ئىدى.

بىز نامايىش سېپىدىكى ئابلەت نۇر ئەپەندىنى زىيارەت قىلغىنىمىزدا، ئۇ 1 - ئۆكتەبىرنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىپادە قىلىدىغان مەنىسى ھەققىدە توختالدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن داغدۇغا بىلەن تەبرىكلىنىۋاتقان بۇ 60 يىل ئۇيغۇرلار تېخىمۇ قاتتىق باستۇرۇلۇۋاتقان كۈنلەرگە توغرا كەلدى. خىتاي دائىرلىرى 5 - ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە تېنچلىق شەكىلدە نارازىلىق نامايىش ئېلىپ بارغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى قىرغىن قىلغان ۋە ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ئۇسۇللار بىلەن باستۇرغانىدى. بۇ ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك تۇتقۇن قىلىش ۋە باستۇرۇشلار بۈگۈنكى كۈندە يەنىلا كەڭ داۋام قىلماقتا.

كالگارىيدىكى نامايىشقا تىبەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشتى. بۈگۈن يەنە كانادانىڭ ۋانكوۋېر شەھىرىدىمۇ نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى. ۋانكوۋېردىكى بۇ پائالىيەتكە ئۇيغۇرلاردىن باشقا تىبەتلىكلەر، تۈركلەر ۋە كانادالىقلار قاتناشتى. كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ۋانكوۋېردىكى مەسئۇلى ئۆمەرجان ئەپەندى بۇ يەردە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان نامايىشنى تونۇشتۇردى.

10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى كانادانىڭ تورونتو، كالگارىي ۋە ۋانكوۋېر قاتارلىق 3 شەھىرىدە بىرلا ۋاقىتتا خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.