بۈگۈنكى بۇ نامايىشنى كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ،نامايىشقا كانادادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ خادىملىرى،مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى،ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئۇيغۇرلار قاتناشتى.نامايىشچىلار ھاۋانىڭ ئوسال بولۇشىغا ۋە قاتتىق يېغىۋاتقان يامغۇرغا پەرۋا قىلماستىن،تورونتودىكى خىتاي كونسۇلخانىسى بىلەن ئونتارىئو شىتاتىنىڭ پارلامېنت بىناسىغىچە بولغان نەچچە كىلومېتىرلىق مۇساپىنى پىيادە مېڭىپ، ھۈسەيىن جېلىلنى قويۇۋېتىشنى تەلەپ قىلىدىغان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەيدىغان شۇئارلارنى توۋلىدى.
نامايىشنىڭ مەقسىتى كانادا ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىش
كانادا يېڭى دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى پېگي ناش نامايىش سېپىدىن ئالاھىدە ئورۇن ئالدى ۋە ئۇ، كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ھۈسەيىن جېلىل ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان بارلىق پائالىيەتلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.. كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىبى تۇيغۇن ئابدۇۋەلى، بۈگۈنكى نامايىشنىڭ مەقسىتىنىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرى ئارقىلىق، كانادا جامائىتىنىڭ ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىگە دىققىتىنى بۇراپ، كانادا ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىش ئىكەنلىكىنى، 400 گە يېقىن كانادالىقنىڭ نامايىشقا قاتناشقانلىقىنى بىلدۈردى. نامايىش سېپىدىكى تۇراخان ئانا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھۈسەيىن جېلىل قانۇنسىز قولغا ئېلىپ،ئۇنىڭغا قاماق جازاسى بەرگەنلىكىگە نارازىلىقىنى ئىپادىلەش، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كانادا پۇقراسىنى تۇتۇش ھوقۇقىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، بۈگۈنكى نامايىشقا قاتناشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
نامايىشتا ھەر قايسى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى سۆز قىلغان بولۇپ، كەچۈرۈم تەشكىلاتى كانادا بۆلۈمى باياناتچىسىنىڭ باياناتىدا، كانادا باش مىنىستىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىلىرىنىڭ يوقۇرى دەرىجىلىك خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن كورۈشۈشلىرىدە، ھۈسەيىن جېلىل دېلوسىنىڭ بىر قانچە قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى، نۆۋەتتە ئولىمپىك ھارپىسىدا، كانادا دائىرىلىرىنىڭ ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىدە،خىتاي دائىرىلىرىگە قاراتقان بېسىمنى قايتىدىن كۈچەيتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ: كانادا ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن بولغان غايەت زور ئىقتىسادى مۇناسىۋەتلىرىدىن پايدىلىنىپ ھۈسەيىن جېلىلنى قويۇۋېتىش ھەققىدە ئۇلار بىلەن سۆزلىشىشى ۋە ھۈسەيىننى كاناداغا قايتۇرۇپ كېلىشى كېرەك. چۈنكى كانادا كىشىلىك ھوقۇقنى ئەڭ تەشەببۇس قىلىدىغان دۆلەت. كانادا پۇقراسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى بىر دىكتاتور دۆلەت تەرىپىدىن داۋاملىق دەپسەندە قىلىنسا، كانادا ئۆزىنىڭ پۇقراسىغا ئىگە چىقالمىدى، دېگەن ئاتاققا قالىدۇ ۋە بۇ، دۆلەتنىڭ ئوبرازىغا داغ چۈشۈرىدۇ، - دېدى.
" ھۈسەيىن جېلىل ئائىلىسى ۋە دوست - يارەنلىرى بىلەن جەم بولىدۇ "
نامايىشقا قاتناشقان كانادا پارلامېنت ئەزاسى ۋە يېڭى دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ خەلقئارا مەسىلىلەر بۇيىچە باياناتچىسى پېگي ناش ھۈسەيىن جېلىلنىڭ خىتايدا قاماقلىق تۇرۇشىنىڭ كانادا ئۈچۈن قورقۇنچ ئەھۋال ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: كانادا پۇقراسىنىڭ چەت بىر دۆلەتتە قولغا ئېلىنىشى، ئۇنىڭ كونسۇل ھوقۇقىنىڭ ۋە كونسۇل مۇلازىمىتىنىڭ رەت قىلىنىشى، ئاشكارا ۋە ئادىل سوتلانماسلىقى،يەنە كېلىپ،ئۇنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى ئىنتايىن قورقۇنچلۇق ئەھۋال.
كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ھۈسەيىن جېلىل دېلوسىغا سەل قارايدىغان ھېچقانداق ئاساسى يوق. مېنىڭ بۈگۈن كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان ھۈسەيىن جېلىل ئەپەندىنىڭ تەقدىرى ھەققىدىكى بۇ پائالىيىتىگە ئالاھىدە قاتنىشىشىم كانادا ۋە خىتاي ھۆكۈمەتلىرىگە بېسىم قىلىشتىن ئىبارەت، - دېدى. پارلامېنت ئەزاسى پېگي ناش سۆزىدە ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئاخىرى كاناداغا قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى، ئائىلىسى ۋە دوست - يارەنلىرى بىلەن جەم بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
" ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ئەھۋالىنى كانادا خەلقىغە تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن بىر پۇرسەت "
بىز نامايىشنىڭ ئۇيۇشتۇرغۇچىسى كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رۇقىيە خانىمنى زىيارەت قىلغىنىمىزدا، ئۇ بۈگۈنكى نامايىشقا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلغانلىقىنى،نامايىشتىن ئىلگىرى تەييارلىق خىزمەتلىرى ياخشى ئىشلەنگەنلىكى ئۈچۈن، كەڭ كانادا جامائىتىنىڭ قاتنىشىشىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى، نامايىشچىلارنىڭ سۆزلىرىدە ھۈسەيىن جېلىلنى ئۇنۇتمايدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن داۋاملىق پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
رۇقىيە خانىم ھۈسەيىن جېلىلنى قۇتقۇزۇش ھەققىدىكى بۈگۈنكى بۇ پائالىيەتنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ئەھۋالىنى كانادا خەلقىغە تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن بىر پۇرسەت بولغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. بۇ كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان ۋە كانادا جامائىتى قاتناشقان ھۈسەيىن جېلىلنى قۇتقۇزۇش ھەققىدىكى، كۆلىمى كەڭ تۇنجى قېتىملىق نارازىلىق بىلدۈرۈش پائالىيىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىل 2006 - يىلى مارت ئېيىدا ئۆزبېكىستاننى زىيارەت قىلغاندا، ئۆزبېك دائىرىلىرى تەرىپىدىن زورلۇق ۋاستىلىرى بىلەن خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتالمىش تېررورلۇق، بۆلگۈنچىلىك جىنايەتلىرى بىلەن 2007 - يىلى ئاپرىل ئېيىدا، ئۇنىڭغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بەرگەنىدى.