ئامېرىكىلىق ئالىملار كانادادا ئۇيغۇر داۋاسى ھەققىدە قىممەتلىك پىكىر ‏- تەكلىپلەر بەردى

ئامېرىكا جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورىئۇيغۇرشۇناس شان روبېرت ۋە كاناداغا زىيارەتكە كەلگەن ئامېرىكىلىقئۇيغۇرشۇناس ئالىملار ئۇيغۇر داۋاسى ھەققىدەقىممەتلىك پىكىر ‏ - تەكلىپلەرنى بەردى.

0:00 / 0:00

شان روبېرتس بىلەن ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى گاردنېر بوۋىڭدون ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ھازىرقى سىياسى،ئىقتىسادى ھەمدە ئىجتىمائى ئەھۋالى ھەققىدە كۆپ ئىزدىنىشلەردە بولۇپ كېلىۋاتقان ۋە بۇ ھەقتە كۆپلىگەن ئىلمىي ماقالىلەر ئېلان قىلغان ئالىملاردىن ئىبارەت. يېقىندا ئىلمىي دوكلاتلاردا بولۇش ئۈچۈن كاناداغا كەلگەن بۇ ئالىملار زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۇيغۇر داۋاسىغا نىسبەتەن قىممەتلىك پىكىر ‏ - تەكلىپلەرنى بەردى.

ئامېرىكا جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئۇيغۇرشۇناس شان روبېرت ئەپەندى 1989 - يىلىدىن ئېتىبارەن مەركىزى ئاسىيادا، بولۇپمۇ قازاقىستان، ئۆزبىكىستانلاردا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تىلى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇ 20 يىللىق ئۇيغۇر تەتقىقاتى جەريانىدا ئۇيغۇر مەدەنيىتىگە ئائىت نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك ئىلمىي ماقالىلەرنى يېزىپ، خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا ئوقىدى ۋە خەلقئارالىق گېزىت، جۇرناللاردا ئېلان قىلدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرشۇناس پروفېسسور شان ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر داۋاسى ھەققىدىكى ئىستراتېگىيىلىك پىكىر ‏ - تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دەيدۇ:

"چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار،ئۇيغۇر داۋاسىنى پەقەت دۆلەت ئەرباپلىرى ۋە سىياسىئونلارغىلا ئاڭلىتىش بىلەن چەكلىنىپ قالماي بەلكى، تېخىمۇ كۆپلىگەن دۆلەتلەردىكى خەلقلەرگە ئاڭلىتىشى كېرەك ، باشقا مىللەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇپ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خەلقئارالىق بىر مەسىلىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك

مەسىلەن ، ئامېركا، كانادا، ياۋرۇپا ۋە باشقا دۆلەتلەردە مەخسۇس، باشقا مىللەتلەرگە ئۇيغۇر داۋاسىنى ئاڭلىتىدىغان گۇرۇپپىلارنى قۇرۇشى، بۇ گۇرۇپپىلار قەرەللىك ھالدا شىنجاڭدا بولۇۋاتقان ئەھۋاللارنى،سىياسى ۋەزىيەتنى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى داۋاملىق توختىماستىن ئاڭلىتىپ تۇرۇشى كېرەك. ئۇيغۇر داۋاسى بىر ئادەم ياكى بىر قانچە ئادەمنىڭ ئۈستىگە يۈكلىنىپ قالىدىغان ئەھۋالنى ئۆزگەرتىپ، چەتئەللەردىكى بارلىق ئۇيغۇرلار خۇددى خرىستئان مىسيۇنېرلىرىدەك توختىماستىن،ئۈزلۈكسىز ھالدا تەشۋىق قىلىش ۋە ئۇيغۇرلار ئەھۋالىنى بىلدۈرۈش ئىشىنى سەبىر ‏ - تاقەت بىلەن ئېلىپ بېرىشى لازىم. بۇ مېنىڭ ئۇيغۇر داۋاسى ھەققىدە ئوتتۇرىغا قويىدىغان 1 - ئىستراتېگىيىلىك پىكىر ‏ - تەكلىپىم.

يەنە بىر جەھەتتىن، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى قۇرۇلغۇسى ئۇيغۇرلارنى قوللاش تەشكىلاتلىرى خەلقئارادىكى ئىشچىلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغدايدىغان تەشكىلاتلار بىلەن يېقىن ئالاقە ئورنىتىپ،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ ئىشلىتىلىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئەھۋالى ۋە ئۇلار دۇچ كېلىۋاتقان قانۇنسىز قىلمىشلارنى بۇ تەشكىلاتلارغا ۋاقتى ‏ - ۋاقتىدا ئاڭلىتىپ تۇرۇشى كېرەك. بۇ تەدبىر خىتاينىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى تۆۋەن مائاش بىلەن ئېغىر ئەمگەككە سېلىشىنى شۇنىڭدەك ئائىلىسىدىن ئايرىپ تىلى ۋە مەدەنيىتى ئوخشىمايدىغان خىتاي ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي ئېلىپ بېرىپ، خىتاي فابرىكىلىرىدا ئىشلىتىشىنى توسۇپ قېلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ مېنىڭ ئۇيغۇر داۋاسى ئۈچۈن بېرىدىغان ئىككىنچى بىر ئىستراتېگىيىلىك پىكىر ‏ - تەكلىپىم.

ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى يەنە، خەلقئارادىكى ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغان ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىلىرىنى قۇرۇپ چىقىشى لازىم. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، كانادادىكى ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا يەرلىك كانادالىقلارنىڭ تىبەتلەرنى قوللايدىغان ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتلىرى بار ئىكەن. بۇ ئىشلارنى تەشكىللەش خىزمىتىنى تىبەتكە ئەركىنلىك سىتۇدېنتلار تەشكىلاتى كۆز ئۈستىگە ئالغان ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ھازىر دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا جايلاشقان 615 داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتتا ستۇدېنتلار تىبەتنى قوللاش تەشكىلاتلىرى مەۋجۈت بولۇپ، تىبەت مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش خىزمىتىنى ئاساسەن تىبەت بولمىغان ئوقۇغۇچىلار ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئىكەن. بۇنداق تىبەت بولمىغان مىللەتلەرنىڭ تىبەت مەسىلىسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشى تىبەت داۋاسىنىڭ دۇنياغا تېز كېڭىيىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان. ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىمۇ بۇ يولنى تۇتسا ، مېنىڭچە بولغاندا، ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ خەلقاراغا تونۇلۇشىدا يېڭى قەدەم بېسىلغان بولىدۇ دەپ قارايمەن ، بۇ مېنىڭ 3 - ئىستراتېگىيىلىك پىكىر ‏- تەكلىپىم."

ئامېرىكا ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتى ياردەمچى پروفېسسورى ئۇيغۇرشۇناس گاردىنېر بوۋىڭدون چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مەدەنىيىتى، تىلى ۋە ئۆرپ - ئادەتلىرىنى ساقلاپ قېلىشتا چىڭ تۇرۇشلىرى كېرەكلىكى ھەققىدە تەكلىپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ:

"تاشقى دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى بىلەن شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىن پىكىر قىلىشى، سىياسى جەھەتتىن تەشكىللىنىشى ۋە مەدەنىيەت جاھەتتىن ئۆزىنى نامايەن قىلىشى شۇنداقلا دىنىي پائالىيەتلىرى خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن قاتتىق چەكلەنگەن. تاشقى دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىغاندا كۆپ جەھەتتىن قولايلىقلارغا ئىگە بولۇپ، ئەركىن پائالىيەت ئېلىپ بارالايدۇ. شۇڭا مېنىڭ تاشقى دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارغا بېرىدىغان پىكىر - تەكلىپىم دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە يوللىرىدىن تولۇق ۋە ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ئۇيغۇر داۋاسىنى خەلقئارالاشتۇرۇش بىلەن بىرلىكتە، چەتئەللەردە ئۆز تىلى، مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ ‏ - ئادەتلىرىنى ساقلاپ قېلىشتا چىڭ تۇرۇشلىرى كېرەك."

ئۇيغۇرشۇناس گاردىنېر بوۋىڭدون ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن بىر نەچچە قېتىم ئۈرۈمچىگە بارغان بولۇپ، ئۇ يەردە ئۇيغۇر تىلى ئۈگەنگەن. ئۇ ھازىر ئۇيغۇر تىلىنى راۋان سۆزلەيدۇ.

ئۇيغۇرشۇناس شان روبېرتمۇ ئۇيغۇر تىلىنى پىششىق بىلىدىغان بولۇپ، بۇلتۇر ئۈرۈمچىدە 5 - ئىيۇل قىرغىنچىلىقى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۇ بۇ ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى ھەققىدە ۋاشىنگتون پوچتىسى قاتارلىق چوڭ گېزىتلەردە ماقالىلەر ئېلان قىلغاندىن باشقا، خەلقئارالىق چوڭ رادىئو ۋە تېلېۋىزورلارنىڭمۇ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى خەلقئارا جائامائەتچىلىككە ئاڭلىتىپ كەلمەكتە.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.